ھەر قانچە نامرات بولسىڭىزمۇ بۇ تۆت خىل پۇلنى تېجىمەڭ.تېجىگەنسىرى نامراتلىشىسىز.
كىتاب ئوقۇش تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، بەلكىم ئۇ سىزنى يۇلتۇزدەك نۇر چاچقۇزاماسلىقى مۇمكىن، بىراق پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن.
كىتاب ئوقۇش، ئەڭ تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ، بالا تەربىيەلەشكە كېتىدىغان پۇلنى ھەرگىز تېجەشكە بولمايدۇ.
ئاتا ـ ئانىمىزنىڭ ھايات،بىزنىڭ تېخى ياش ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئاتا ـ ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىۋالايلى.ئېغىزدىن چىقارسىمۇ قىلالمىغان ئەپسۇسلىنىش ۋە ئېغىزدىن چىقىرالمايدىغان پۇشايمان ،بىر ئۆمۈر ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ھەسرەتلەر بىزگە ھەمراھ بولمىسۇن.
ھاياتلىقتا ئامالسىز قالىدىغان ئىشلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان پۇلنى تېجەشكە بولمايدۇ.
ئالماقىنىڭ بەرمىكى بار، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئادەمگەرچىلىكنى قوغداش ئۈچۈن كەتكەن پۇلنى تېجەشنىڭ ھاجىتى يوق.
پۇل تېجەش ئۈچۈن، سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، بېرىپ كۆرۈشنى خالىمىسا،نەتىجىدە، كىچىك كېسەللەر چوڭ كېسەلگە ئايلىنىپ قالسا، تېخىمۇ كۆپ پۇل خەجلەپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدۇ.پۇل تېجەشنى ئويلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سالامەتلىكنىمۇ ئويلىشىش كېرەك، چۈنكى ساغلاملىق ئەڭ چوڭ دەسمايە.