كونا كۈنلۈكنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ

美食   2024-07-21 12:38   新疆  


 

ھەربىر ئۆيدە چوقۇم ئاز دىگەندە بىرتال كۈنلۈك بار،لىكىن بۈزۈلۈپ كەتكەن كۈنلۈكنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپتاشلىۋەتسىڭىز بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ،ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكى ئۇسۇلنىئۆگىنىۋالسىڭىز، كونا كۈنلۈكتىن ئەپلىك پايدىلىنالايسىز.


قول سومكىسى

كۈنلۈكنىڭ رەختى سۇدىن مۇداپىئەقىلىدۇ ھەم پۇختا بولىدۇ،ئۇنىڭدىن مۇھىت ئاسراش خالتىسى،قول سومكىسى قاتارلىقلارنىياساپ كۆكتات سېتىۋالغاندا ئىشلەتسىڭىز ئىنتايىن ئەپلىك بولىدۇتائام سالونى TaamTv

 

ئاۋۋال كۈنلۈكنىڭ جازىسى بىلەنرەختىنى ئايرىپ،رەختىنى چىقىرىۋالىمىز.

تائام سالونى TaamTv


ئىككى تەرىپىنى قاتلاپ،سومكا شەكلىگە ئەكىلىمىز،ئارتۇق قىسمىنى كېسىۋېتىپ،ئىككى تەرىپىنى يىپتا تىكىمىزتائام سالونى TaamTv


ئارتۇق قىسمىدىن ئىككى تال لىنتاكېسىپ،ئۇنىمۇ تىكىمىز.

تائام سالونى TaamTv


تىكىپ بولغاندىن كىيىن سومكىنى ئۆرىسەك،يىپنى پۈتۈنلەي كۆرگىلى بولمايدۇ،ئۇنى يەنە زىننەتلىسەكمۇ بولىدۇ،كۆكتات سېتىۋالغاندا يېڭى كۆكتاتلارنىڭ سومكىنى ھۆل قىلىۋېتىشىدىن قورقىمىساقمۇ بولىدۇتائام سالونى TaamTv


كونكىرىت جەريانى مۇنداق،ئىككى قېتىم كېسىپ،ئىككى قېتىم تىكىمىز.



يىپ بىلەن تىكىپ مۇھىت ئاسراش خالتىسىياسىغاندىن باشقا يەنە بىر نەچچە تۆشۈك تېشىپ ئارغامچا كىرگۈزۈپ،قول سومكىسىياسىغىلىمۇ بولىدۇ ،كۈنلۈكنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىغا 2 سانتىمىتىركېلىدىغان يەردىن بىر تۆشۈك تېشىپ،ئارغامچىنى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغان قىلىپ تىشىمىزتائام سالونى TaamTv


ئاندىن تومراق ئارغامچىنى ھەربىرتۆشۈكتىن ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۆتكۈزىمىز،ئەگەر قىسقا بولسا ئىككى ئارغامچىنى چىگىپ ئۆتكۈزسەك بولىدۇتائام سالونى TaamTv


ئاخىرىدا ئارغامچىنى ئاستا ئاستا تارتساق چوڭ بىرمال سېتىۋېلىش خالتىسى ياسىلىدۇ.


ئۇنىڭغا  بەزى كېرەكسىز نەرسىلەرنى سالسىمۇ بولىدۇ،بەك پۇختا بولىدۇ.


كۈنلۈك كۆينەك

كۈنلۈك كۆينەك،ماسلاشتۇرۇش ئىنتايىنياخشى بولغان A شەكىللىك كۆينەكتۇر،ئۇ كۈنلۈكنىڭ رەختىدىن تىكىلىدۇ،ئاۋۋالكۈنلۈكنىڭ رەختىنى قاتلايمىز،ئاندىن رەسىمدىكىدەك كېسىۋېتىمىزتائام سالونى TaamTv



ئاندىن ئېلاستىكىلىقى بار ئارغامچابىلەن بەل قىسمىنى تىكىمىز،مانا كۈنلۈك كۆينەك پۈتتى،كۆك رەڭلىك گۈللۈك كۈنلۈككۆينەكنى ماسلاشتۇرۇش بەك ئاسان.


ئاددىي بولغان قېنىق كۆك رەڭلىك چاقماق كۈنلۈكنى بۇنداق كۆينەك قىلىپ ئۇنى كېپىنەك شەكىللىك بەللىك بىلەن ماسلاشتۇرغاندا ئىنتايىن يارىشىدۇ.


ھالرەڭ گۈللۈك كۈنلۈك كۆينەك جانلىق تىتىك چاققان كۆرسىتىدۇ.

 

كۈلرەڭ كۈنلۈك كۆينەكنى قارا رەڭلىك پاكار پاشنىلىق ئاياق بىلەن ماسلاشتۇرسىڭىز ئىنتايىن يارىشىدۇتائام سالونى TaamTv



ھەسەن ھۈسەن رەڭلىك كۈنلۈكتە كۆينەك ياسامسىز؟ئىنتايىن مۇستەققىللىققا ئىگە بولامدىكەن،بۇنى كىيسىڭىز ئەڭ جەلىپكارقىزغا ئايلىنىسىز.


كۆينەكتىن باشقا يەنە كۈنلۈكنىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئالاھىدىلكىدىن پايدىلىنىپ،ئوماق بالىڭىزغا مۇنداق ئىشتان تىكىپ بەرسىڭىز بولىدۇ،ھويلىدا ئوينىغاندا كىيدۈرۈپ قويسىڭىز،كىيىمىنى مەينەت ھەم ھۆل قىلىۋېتىشىدىن قورىقمايسىز.


كىيىمنى قۇرۇتۇش

كۈنلۈك جازىدىنمۇ داۋاملىق پايدىلانغىلى بولىدۇ،كۈنلۈكنىڭ رەختىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن كۈنلۈك جازىسىغا كىيىم قىسقۇچنى ئاسىمىز.


ئاندىن بالكونغا قويۇپ،پايپاق،كۇسارقاتارلىقلارنى ئېسىپ قۇرۇتىمىز.


لوڭگە،ياستۇق قېپىلارنى بىۋاستە ئېسىپ قۇرۇتساقمۇ بولىدۇ.


بالكونغا قويۇپ كىيىم قۇرۇتقاندىن باشقا،مىھمانخانىغا قويۇپ زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېسىپ مىھمانخانىنى زىننەتلىسىمۇبولىدۇ،لىنتىلارنى باغلاپ،ئائىلىدىكىلەرنىڭ سۈرىتىنى قىستۇرۇپ قويسا،ئىجاتچانلىققا ئىگە يېقىملىق كۆرىنىدۇ.


ئىلمەك

چۈۋۈپ ئېلىۋەتكەن كۈنلۈك تۇتقۇچىنى مىتال ئىسكاپ بىلەن تامغا مىخلاپ،ئىلمەك قىلىپ سومكا،كىيىم قاتارلىقلارنى ئىلىپقويسا بەك ئەپلىك بولىدۇ.


كىيىم،باش كىيىم ئېسىش جازىسى ئېلىشقاپۇل خەجلىمەيسىز،پۇلنى ھەم يەرنى تېجەيدۇ.



ياكى بىر قاتار رەتلىك قىلىپ تاختايغا مىخلىساق،خېلە كۆپ كىيىملەرنى ئاسقىلى بولىدۇ.


ياكى شىلىم بىلەن تاختايغاچاپلاپ،ئىشىكىنىڭ يېنىغا بىر قاتار كۈنلۈك تۇتقۇچى ئاسقۇ ياسىساق،پەلتو،سومكاقاتارلىقلارنى يىغىشتۇرۇشقا ئەپلىك بولىدۇ.


يەنە تامغا تىك قىلىپ مۇقىملاشتۇرساق،ئىجاتچانلىققا ئىگە بولىدۇ.


لامپۇچكا قالپىقى

كۈنلۈكتە لامپۇچكا قالپىقى ياسىغانداقۇيۇق سەنئەت تۈسىنى بېرىدۇ، ئۆيىڭىزگە ئالاھىدە ھوسىن قوشىدۇتائام سالونى TaamTv


ئاشخانا ئۆيىڭىزنىڭ چىرىقىنى تېخىمۇ رومانتىكقىلماقچى بولسىڭىز ئىككى تال سۇس سېرىق رەڭلىك كۈنلۈكنى مۇنداق بىرلەشتۈرسىڭىزبولىدۇ.


چەتئەلدىكى بەزى ئاشخانىلارداكۈنلۈكنى ئېسىپ ئاشخانىنى زىننەتلەيدۇ، ھەم ئالاھىدە ھەم چىرايلىق بولىدۇ،زىننەتلەش پۇلىڭىزنى تېجەيدۇ،ئەگەر ئۆيىڭىزدە كۈنلۈك كۆپ بولسا ئۆيىڭىزنىموشۇنداق بېزەپ سىناپ بېقىڭ.


گۈلدەستە

چىرايلىق يېڭى گۈل بىلەن كۈنلۈكئىنتايىن ماسلىشىدۇ،گۈل تىزىش تېخنىكىڭىزنى ئىشقا سېلىپ چىرايلىق گۈل كۈنلۈكى ياساڭتائام سالونى TaamTv





گۈلنى بىر تال بىر تالدىن كۈنلۈككە تىزىمىز،ئاندىن بىر تال كەڭرەك يىپەك لىنتا بىلەن كېپىنەك چىقىرىپ چىگىپ،ئىشىك ياكى تامغا ئېسىپ قويساق،ئىنتايىن چىرايلىق بولىدۇ.


مەيلى ئۆت ئۇچقۇنىدەك قىزىل بولسۇن .تائام سالونى TaamTv


ياكى كۆك بولسۇن.تائام سالونى TaamTv


كۈنلۈك بىلەن گۈلدە ياسىغان سەنئەت بۇيۇمىنى قانداقلا تىزسىڭىز بولىۋېرىدۇ.


ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ كۈنلۈكى

ئەگەر كۈنلۈكىڭىزنىڭ شەكلىشامالدا  ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولسا،تاشلىۋېتىشكە ئالدىرماي،ئۇنى ئەرمەك ھايۋانلار ئۈچۈن ئىشلىتىڭ،كىلەر قېتىم يامغۇرياققاندا سىرتقا مۇنداق چىقىڭتائام سالونى TaamTv


ياكى كۈنلۈكنىڭ رەختىنى ئېلىپ ئەرمەك ھايۋانلار ئۈچۈن مۇنداق چىرايلىق يامغۇرلۇق كىيىم تىكىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇتائام سالونى TaamTv


كونا كۈنلۈكنىڭ موشۇنداق كۆپ ئىشلىتىلىشى بار،قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ تائام سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ



مەزمۇن تەييارلىغان ئەجرىمىز ئۈچۈن دوسلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويۇشڭىزنى

.نى بېسىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز «在看» 

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قۇيۇڭ

   تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى تىلفۇنغا ساقلىۋالغاندىن كىيىن ،دوۋيىننى ئېچىپ سىكانىرلاش ئارقىلىق دوۋيىنىمىزنى قوشۇۋېلىپ تېخىمۇكۆپ

تائام فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىڭ 

抖音号:TaamTv


Taam
每日分享美味菜谱和各种美食欣赏融汇最精致的美食
 最新文章