ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ، بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق
تاۋۇز شاپىقى خام سېيى
ماتېرىيال: تاۋۇز شاپىقى، سامساق چانالمىسى، تۇز، جىجىڭ، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت يېغى، لازا قىيامى، يۇمغاقسۈت
1.تاۋۇزنىڭ كۆك رەڭلىك سىرتقى پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئاق رەڭلىك قىسمىنى نېپىز توغراپ، تۇز سېپىپ يېرىم سائەت چىلايمىز.
2.ئاق شېكەر، ئاچچىقسۇ، يۇمغاقسۈتنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، يىيىشتىن بۇرۇن يەنە بىر نەچچە تېمىم كۈنجۈت يېغى تېمىتىۋەتسەكلا بولىدۇ.
ئەگەر چۈچۈمەل تەمنى ياخشى كۆرسىڭىز، لازا قىيامى ۋە سامساق چانالمىسى قوشسىڭىز بولىدۇ.
دوجۇر سوغۇق سېيى
ماتېرىيال: دوجۇر، كۈنجۈت، سامساق چانالمىسى، كۈنجۈت قىيامى، كۈنجۈت مېيى، تۇز، شېكەر، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاچچىقسۇ، مۇۋاپىق مىقداردا قىزىلمۇچ مېيى. تائام سالونىTaamTv
1.دوجۇرنى پاكىز يۇيۇپ ئىككى ئۇچىنى ئېلىۋېتىپ
توغرايمىز، قازاندا سۇ قاينىتىپ ئازراق تۇز ۋە ماي
سېلىپ ئاندىن دوجۇرنى سېلىپ، رەڭگى سېرىق يېشىل رەڭگە كىرگەندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ سوغۇق سۇغا سالىمىز.
2.قاچىغا كۈنجۈت قىيامى، كۈنجۈت مېيى، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، شېكەر، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ مېيى سالىمىز( تەكلىپ: كۈنجۈت قىيامى: كۈنجۈت مېيى: ئاچچىقسۇ 1:1: 1، قالغىنى ئۆزىنىڭتەمىگە قاراپ بولىدۇ (.
3.دوجۇرنى قاچىدىكى قىيامغا سېلىپ، سامساق چانالمىسى ھەم كۈنجۈت سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.تائام سالونىTaamTv
تۇزلانغان خاسىڭ
ماتېرىيال: يېڭى خاسىڭدىن 2 جىڭ، تۇزدىن 1
خالتا، سامساق چانالمىسى، قىزىلمۇچ قېقى، لازا
تالقىنى، خاجو
1.خاسىڭنى پاكىز يۇيۇپ، پىچاق بىلەن يېنىك ئۇرساق ھەر بىر خاسىڭنىڭ ئاغزى ئېچىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا پىشۇرغاندا ھەر خىل تېتىتقۇلارنىڭ تەم كىرگۈزۈشىگە قولايلىق بولىدۇ.
2.پاكىز يۇيۇلغان خاسىڭنى قازانغا تۆكۈپ، يېتەرلىك
مىقداردا تۇز سالىمىز. ( خاسىڭنىڭ تۇز
سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار بولۇپ، تۇزنى
كۆپرەك سالساق خاسىڭنىڭ تەمىنىڭ تەملىك بولۇشىغا
كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ).
3. لازا قېقى، سامساق چانالمىسى، لازا تالقىنىنى قازانغا سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن خاسىڭنىڭ سىرتقى يۈزىدىن 3 ـ 4 سانتىمېتىر ئۆتىدىغان قىلىپ سۇ قۇيىمىز.
4.خاسىڭنى كۈچلۈك ئوتتا سۇدا قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا، سۇس ئوتتا داۋاملىق يېرىم سائەت قايناتقاندىن كىيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.تائام سالونىTaamTv
سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمە سوغۇق سېيى
ماتېرىيال: سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، غولپىياز، پىششىق ئاق كۈنجۈت، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ مېيى، سامساق چانالمىسى، شېڭچۇۋ، شېكەر
1.سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى (دۇيا )نىڭ يىلتىزىنى
ئۈزۈۋېتىپ، پىيازنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز،
قازاندا سۇ قاينىتىپ، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى سېلىپ
2 ـ 3 مىنۇت قاينىتىپ، ئۇسۇشتىن بۇرۇن ئوتنى ئۆچۈرۈپ پىياز قەلەمچىسىنى سېلىپ، سۈزۈۋالغاندىن كېيىن سۇغا چىلاپ سوۋۇتىمىز.
2.كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇنىڭ ھەر قايسىسىدىن بىر
قوشۇق، قىزىلمۇچ مېيى، سامساق چانالمىسىدىن ھەر
قايسىسىدىن يېرىم قوشۇق، ئىككى قوشۇق شېڭچوۋ، ئازراق شېكەرنى پۇرچاق ئۈندۈرمىسىگە قوشۇپ، تەكشى
ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن كۈنجۈت سېپىۋەتسەكلا بولىدۇ.
ئۈچ خىل رەڭلىك سوغۇق سەي
ماتېرىيال: يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، تەرخەمەك، كۆكمۇچ، يالپۇز ( قوشمىسىمۇ بولىدۇ )، سەۋزە، تۇز، شېكەر، شېڭچوۋ، كۈنجۈت يېغى، ئاچچىقسۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى
1.يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسى (دۇيا)نىڭ قۇيرۇق قىسمىنى
ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيىمىز، سەۋزىنى قىرىپ پاكىز يۇيۇپ
قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، كۆك لازىنى پاكىز يۇيۇپ
توغرايمىز،ئاندىن تەرتىپ بويىچە ئىسسىق سۇغا
سېلىپ ئازراق قاينىتىمىز.(چۈرۈكلىكىنى ساقلاش كېرەك)
2.يېمەكلىك ماتېرىيالى قاچىلانغان قاچىغا تۇز، شېكەر، شېڭچوۋ، كۈنجۈت يېغى، ئاچچىقسۇ، جىجىڭ قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم مىنۇتتىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
تېخىمۇ يېيىشلىك بولسۇن دىسىڭىز بىر نەچچە تال يالپۇز يوپۇرمىقى قوشسىڭىز، تەمى باشقىچە بولىدۇ.تائام سالونىTaamTv
كاللەك بەسەي سوغۇق سېيى
ماتېرىيال: كاللەك بەسەي، سەۋزە، پىياز، خاسىڭ مېغىزى، تۇز، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ مېيى، كۈنجۈت، جىجىڭ
1.كاللەك بەسەينى، سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، ئاندىن قايناقسۇغا بېسىپ چالا پىشۇرىمىز.
2.يېمەكلىك ماتېرىيالىغا سۇڭپىياز كۆكى، خاسىڭ مېغىزى
، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، لازا مېيى، جىجىڭ قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىنپىشقان كۈنجۈت چېچىپ قويساقلا بولىدۇ.
مەزمۇن تەييارلىغان ئەجرىمىز ئۈچۈن دوسلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويۇشڭىزنى
.نى بېسىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز «在看»
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قۇيۇڭ
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى تىلفۇنغا ساقلىۋالغاندىن كىيىن ،دوۋيىننى ئېچىپ سىكانىرلاش ئارقىلىق دوۋيىنىمىزنى قوشۇۋېلىپ تېخىمۇكۆپ
تائام فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىڭ
抖音号:TaamTv