قانچە ياشتا قانداق كىيىم كىيىشنى بىلىۋالسىڭىز تېخىمۇ گۈزەل بولسز

美食   2024-05-27 22:22   新疆  


ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ، بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق


 

 20 ياشلىق قىزلارنىڭ ھەممىسى بىر پارچە ئاق قەغەز بولۇپ، ئەڭ ئاددىي مايكا، ئاق كۆڭلەك كىيسىمۇ تۇيغۇ بېرىدۇ.

يېشىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كىيىمگە بولغان ئۆزگىرىشلەر ئۈزلۈكسىز مول بولىدۇ.

ئاياللار30 ياشتا خاتىرجەمسىز، 40 ياشتا  ئېغىر بېسىق،

50 ياشتا پەرۋاسىز، 60 ياشتا رەڭدار بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ھەر يىلى كىيىدىغان بىر ئالاھىدە كىيىمى بولىدۇ.




يىگىرمە ياشتىكى ئاق كۆينەك

linkfashion

ئاق كۆينەك ئەمەلىيەتتە ئەڭ گۈزەل ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان يەككە بۇيۇم، لېكىن مەن ئۇنى 20 ياشلىق قىزچاققا ئورۇنلاشتۇردۇم، چۈنكى ئاق كۆينەكتىكى ساددىلىق ۋە ساپلىقنى، كۆپتۇرۇش ۋە ئاددىيلىقنى بەك ياخشى كۆرەتتىم.


 

20 ياشتىن كېيىنكى ئۇزاق يىللاردا، ئەگەر سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە يەنىلا ئەينى يىللاردىكى ساپلىق ۋە گۈزەللىك ساقلىنىپ قالسا

ئاق كۆڭلەكنى قانغۇچە كىيسڭىز بولىدۇ.



ئەلۋەتتە، بەلكىم ئۇ چاغدا سىزدە باشقا سالاپەت ۋە ئۇسلۇب پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، قىسقا ئاق كۆڭلەكلەر ئىچىدە ئۇلار ياكى تەنناز، ياكى تەنتەنىلىك بولىدۇ

تېخىمۇ كۆپ ئىپادىلىنىدىغىنى سىزنىڭ لاتاپىتىڭىز ۋە بىلىمىڭىز.


 

ئاق كۆينەكتىن باشقا، ئاق T ee نىڭمۇ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا  ئۈنۈمى بار.


ئاق رەڭلىك T ee+ پادىچىلار ئىشتىنى ۋە كۆكتات سېۋىتى سومكىسى شەكلىلا بار بولۇپ، ئەڭ يېقىملىق.

ئۇ مەڭگۈ ياش ۋە كەچۈرمىش ئىزىنى كۆرگىلى بولمايدىغان يەككە مەھسۇلات.

بىر ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئاددىيلىق ۋە ساددىلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.


شۇڭا يازدىكى نۇرغۇن مايكىلار ئىچىدە، مەن كۆپچىلىكنىڭ ئاق رەڭلىكنى سېتىۋېلىشىنى  تەۋسىيە قىلىمەن.

مەيلى ساپ ئاق ياكى ھەرپ بىلەن گۈل باسقان ياكى باشقا ئىنچىكە نۇقتىلار بىلەن بېزەلگەن ئاق tee بولسۇن، ھەممىسى شاۋقۇن سۈرەنلىك مول يۈزلىنىش ئىچىدە، سىزنىڭ قەتىي ھەم مۇستەقىل پوزىتسىيىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

 

 

30ياشتىكى كاستۇم بۇرۇلكا

 

linkfashion

30 ياش، دەل كىشىلىك ھاياتنىڭ رېپېتىتسىيە قىلغىلى بولىدىغان ۋاقتى، نۇرغۇن ئىشلارنى سىز ۋارقىراپ توختاتسىڭىز بولىدۇ.

ئۇسلۇب توغرا بولمىغاندا، قايتا كەلسە بولىدۇ

خاتا كىيىپ قالسا، يەنە  سىناپ بېقىش پۇرسىتى بار.

بۇ چاغ ئائىلە، كەسىپ بەلكىم جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن.



ئېسىل كېسىم ۋە رەخت سىزگە نېمىنىڭ سىزگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇۋاپىق نۇسخا سىزگە لايىقىدا بولۇشنىڭ نەقەدەر جايىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.



كاستۇم ـ بۇرۇلكىدىن باشقا،  يوپكىنىڭ گۈزەللىكىنىمۇ 30 ياشلىق ئاياللار ئەڭ ئاسان قېزىپ چىقىدۇ.

بوران ـ چاپقۇنلارنى قانچىلىك باشتىن كەچۈرگەن بولسا، ھەممىسى بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان سىزىقلار ئىچىدە مۇكەممەل ساقلىنىپ تۇرىدۇ.

سىرتقا بىلىندۈرمەسلىك، بوشاڭلىق قىلماسلىق،سالاپەتلىكىڭىزنى نامايان قىلىش ، سىزنىڭ پىشىپ يېتىلىشىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشىڭىز ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.


40ياشتىكى يىپەك

 

linkfashion

40 ياش، ھاياتلىق ئەمدىلا باشلىنىاۇ، سىز بۇ ۋاقىتتا ئاندىن ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلايسىز.

نۇرغۇن تۈگۈنلەر ئېچىلىشقا باشلايدۇ، سىز  ئۆركەشلەۋاتقان ئېقىم ئالدىدا شۇنداق پەرۋاسىز، سىناپ باقمىسىڭىزمۇ قايسىسىنىڭ ئۆزىڭىزگە ئۇزۇنراق ھەمراھ بولالايدىغانلىقىنى بىلىسىز.

بارمىقىڭىز كىيىمنىڭ رەختىگە تېگىشى بىلەنلا، بەدىنىڭىز چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ئىرادىسىنى قوبۇل قىلىپ بولىدۇ.


سالاپەتمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا مۇقىملىشىشقا باشلايدۇ.

قول ئۇچىدا ئىشلەنگەن ماتېرىياللار سىزنىڭ دۇنيارىڭىز بىلەن ماس كەلمەيدۇ.

سىزگە ماس كېلىدىغىنى ھەقىقىي يىپەك.

چۈنكى ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك جۇلاسى سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئازادىلىكى سىزنى تېخىمۇ سالاپەتلىك كۆرسىتىدۇ.


رەختكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتىن باشقا.

40 ياشقا كىرگەن سىز يەنە قايسى پاسوندىكى سومكىنى ئېسىشنى، قايسى پاسوندىكىنىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسى يارىتىدىغىنىغا، كىيىمنىڭ تۈگمىسىنى ئېتىشكە، تۈگمىسىنى نەچچە تال ئېتىشكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ قالدىسىز، بۇنىڭ

ھەممىسى سىزنىڭ ماسلاشتۇرۇشىڭىزدا.


بروۋن مۇنداق دېدى: قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى يۈزىمىزگە يېزىلىدۇ.

ئوخشىمىغان كىيىملەر بىلەن بېزىگەندە، يۈزىمىزدىكى تەرجىمىھالىمىز تېخىمۇ چىرايلىق بولىدۇ.

نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، سىزنىڭ ئەسىرىڭىز خىزمەت ئەمەس، ئېرىڭىز ۋە بالىڭىز ئەمەس.

بەلكى سىزنىڭ ئۆزىڭىز، ھاياتىڭىزدا ئۆزىڭىز

ئۈچۈن ياراتقىنىڭىزدۇر.




مەن ئىلگىرى كۆپچىلىككە: ئەگەر سىز بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى 20 ياش قىلىپ كۆرسىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى 20 ياشلىق دۇنيا سىزگە ماس كەلمەيدۇ، دېگەنىدىم.

ھەر بىر ياشنىڭ شۇ ياشقا تەۋە گۈزەللىكى بولىدۇ، مۇۋاپىق كىيىم ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەنلىك. سىز ئۈچۈن يۈرەك سۆزىنى ئېيتقانلىق بولىدۇ.

كىلاسسىك پاسون، ئاساسىي پاسون، ئېقىم پاسونى بولۇپ، مەيلى ئادەتتىكى، داغدۇغىلىق ياكى ھەشەمەتلىك بولسۇن، پەقەت سىز ئۇنىڭ سىزنى ئىپادىلەش، گەۋدىلەندۈرۈشنى بىلسىڭىزلا، قايسى ياشتا كىيسىڭىز يارىشىۋېرىدۇ.



گەرچە دۇنياۋى نەزەر بىلەن قارىغاندىمۇ، ھەر بىر ياش باسقۇچىدا  كىيىشكە تېگىشلىك كىيىمى بولىدۇ.

لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مودا ئاياللار، ئەزەلدىن يېشىغا قاراپ تاللىمايدۇ.

چۈنكى، ئۇ يېشىنى كونترول قىلىدۇ.




   تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى تىلفۇنغا ساقلىۋالغاندىن كىيىن ،دوۋيىننى ئېچىپ سىكانىرلاش ئارقىلىق دوۋيىنىمىزنى قوشۇۋېلىپ تېخىمۇكۆپ

تائام فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىڭ 

抖音号:TaamTv


Taam
每日分享美味菜谱和各种美食欣赏融汇最精致的美食
 最新文章