ئەتىگەندە تۇخۇم يىيىشنىڭ ھەيران قالارلىق پايدىسنى بىلىۋېلىڭ

美食   2024-09-25 20:22   新疆  

ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ، بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق







كۈندە بىر تال تۇخۇم يىسىڭىز ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن ، كۆرۈش قۇۋۋىتنى ئاسىرايدۇ ، ئورۇقلاشقا ياردىمى بار . بىراق بەزى كىشلەر تۇخۇم يىسەم قانغا ماي ئۆتۈۋالارمۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا تۇخۇم يىيىشنىڭ قانچىلىك پايدىسى بارلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ .

ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ساھەسىدە ، تۇخۇم ئىزچىل ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى يېمەكلىك دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ كەلگەن ، ژورناللاردا تۇخۇم ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچ دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن .


پايدىلىق تەرەپلىرى :

* ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلايدۇ

ئاقسىل – ھاياتلىق ماددىي ئاساسىي ، شوۋگۈرۈچ ، بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل ئاممونىي كىسلاتا تېخىمۇ ياخشى ، بىئولوگىيىلىك قىممىتىمۇ بارلىق يېمەكلىكلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىلىنىڭ سۈمۈرۈلىشىمىۇ باشقا يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا يۇقىرى .


*قورساق تۇيۇش سېزىمىنى ئاشۇرىدۇ .

تۇخۇم ئادەم بەدىنىگە يېتەرلىك ئاقسىل تەمىنلەپ بېرىپلا قالماستىن ، ئاسان قورساق ئاچۇرمايدۇ . تەتقىقاتتا بىلدۈرۈلىشىچە ، تەركىبىدە تۇخۇم بولغان ئەتىگەنلىك ناشتىلىق قورساق تېزلا تويىدىكەن ، ھەم تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن ماينىڭ مىقدارى تۇراقلىق بولۇپ ، قورساق تويغانلىق سېزىمى ئۇزۇنغىچە كەتمەيدىكەن .


*ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ .

ئەتىگەنلىك ناشتىدا تۇخۇم يىسىڭىز ، پۈتۈن كۈنلۈك غىزالىنىشىڭىزدا ئىسىقلىق مىقدارىنىڭ سۈمۈرۈلشىنى تۆۋەنلىتىپ ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىكەن . تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، كاربۇن سۇ بېرىكمىلىرىنى ئاساسىي ناشتىلىق قىلىدىغان كىشلەرگە قارىغاندا ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا تۇخۇم ئىستىمال قىلىدىغان كىشلەرنىڭ 56% تۆۋەن بولىدىكەن ، ھەمدە ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولىدىكەن .


*ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن .

تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە لېتسىتىن ، سىترول تۈرىدىكى كالىتسىي ، فوسفور ، تۆمۈر ، ۋېتامىنلار ناھايىتى مول . تۇخۇم تەركىبىدىكى خولىن چوڭ مېڭىنى كېرەكلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئىتىدىغان بولۇپ ، ھۈجەيرە پەردىلىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەركىب ھېسابلىنىدۇ ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرىدۇ . شۇڭا مېڭىسىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىر تال تۇخۇم يىيىش تولىمۇ زۆرۈر .


*ھوشىيارلىقىنى ئاشۇرىدۇ .

تۇخۇم تەركىبىدە تىروسىن مول بولۇپ ، ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ھوشىيارلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى رولى  ئىنتايىن مۇھىم ، شۇ ئارقىلىق ئادەمدە تېز سۈرئەتتە ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنا ھەيدەيدىغانلار ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا تۇخۇم يىسە بىخەتەر ماشىنا ھەيدىشىگە ياردىمى بار .

*كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسىرايدۇ .

تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا – كىسانتوفىل  بىلەن فىلاۋون كۆزنى ئاسىراپ ، ئۇلتۇرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى يەڭگىللىتىدۇ ، ئەتىگەندە تۇخۇم يېگەندە ، كۆزنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ ئىشلەتكۈچى كومپىيوتىر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان دوستلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق .



ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ تائام سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قۇيۇڭ


   تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى تىلفۇنغا ساقلىۋالغاندىن كىيىن ،دوۋيىننى ئېچىپ سىكانىرلاش ئارقىلىق دوۋيىنىمىزنى قوشۇۋېلىپ تېخىمۇكۆپ

تائام فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىڭ 

抖音号:TaamTv





Taam
每日分享美味菜谱和各种美食欣赏融汇最精致的美食
 最新文章