قېتىقنى مۇنداق ئىچكەندە،ھۆسىن گۈزەللەشتۇرىدۇ

美食   2024-08-19 20:48   新疆  


ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ، بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق


قېتىق تەركبىدە كالتىسىي ھەم ئاقسىلنىڭ ئىنتايىن موللىغىنى ھەم ئۇنىڭدىكى ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ توپىنىڭ ئۈچەي ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ ھەزىمنى ئىلگىرى سۈرىدىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز،بۈگۈن ئۇنى مۇنداق يىگەندە تەمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغىنىنى ھەم ساغلام بولۇپ ئورۇقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغىنىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.



ئۈندىدار سالونىمىزغا ئەزابولۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. تائام ئۈندىدار

سالونىمىز سىزگە ھەركۈنى سەرخىل تائام تەييارلاش ئۇسۇللىرى،ھەرخىل تۇرمۇش ساۋاتلىرى،ساغلاملىق،گۈزەللىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياقتۇرسىڭىزئاستىغا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ، مەزمۇن ئارلىقىدا چىقىۋاتقان ئېلانلىرىمىزنى چېكىپ قويۇشىڭىزنىمۇ قارشى ئالىمىز ، قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. 


قېتىق+ئالما

ھەزىمنى ياخشىلاپ ئورۇقلىتىدۇ

ئورۇقلاشنىڭ گىپىنى قىلغاندا كۆپچىلىك چوقۇم تۇنجى بولۇپ ئالمىنى ئويلايدىغۇ دەيمەن،چۈنكى ئالمىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن،پېكتىن مول،ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مىۋىسى،ئەگەر ئالما بىلەن قېتىقنى ئاساسىي تاماق ئورنىدا يىگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ،ئالمىنى پارچىلاپ قېتىق سېلىپ يىسە بولىدۇ،مىۋە پۇرىقى بىلەن قېتىق بىرلىشسە ئادەمنى مەمنۇن قىلىدىغان بىر خىل ھوزۇرلاندۇرىدۇ.



قېتىق+خاڭگا

ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ،بەدەننى زىلۋالاشتۇرىدۇ

خاڭگانىڭ ئۆزى ئىنتايىن ياخشى بولغان ھۆسىن تۈزەش ھەم ئورۇقلىتىش يىمەكلىكى،ئۇنى قېتىق بىلەن بىللە يىگەندە ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ،خاڭگانىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن،يىمەكلىك تالاسى مول،سەمىرتىۋېتىشتىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،بىر تال خاڭگانى ئېزىپ شەربىتىنى قېتىق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ،ياكى ئۇنى بىۋاستە قەلەمچە قىلىپ توغراپ قېتىق بىلەن ئارلاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ،تەمى ئىنتايىن تەملىك بولىدۇ.




قېتىق+قارا شېكەر

قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ

قارا شېكەر تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن بىلەن مىكرو ئېلىمنىت بار بولۇپ،ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاق شېكەردىن يۇقىرى،قېتىققا 2 قوشۇق قارا شېكەر سېلىپ،ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز،ئۈچەينىڭ ئىچكى مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ،قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ،ئورۇقلاش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز،لىكىن بەزى قېتىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ شېكىرى بولغانلىقتىن قارا شېكەرنى قەنىتسىز قېتىققا ئارلاشتۇرۇش تەكلىۋىنى بېرىمىز،مۇنداق بولغاندا بەك تاتلىق بولۇپ كەتمەيدۇ ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ يۇقىرىلاپ كەتمەيدۇ.




قېتىق+شاڭجاۋ

ئۈچەينى سىلىقلاپ،تويۇش سىزىمى پەيدا قىلىدۇ

شاڭجاۋنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى،ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن،ئۇنىڭدا ئاقسىل،شېكەر،كالىي،ۋىتامىن ئا ھەم س ئىنتايىن مول،يىمەكلىك تالاسىمۇ كۆپ،ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى يىمەكلىكى،شاڭجاۋ يەنە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تويۇش سىزىمى پەيدا قىلىدۇ،ئۇنى قېتىق بىلەن بىللە يىگەندە  نەچچە سائەتتىمۇ  قوساق ئاچمايدۇ،باشقا يىمەكلىكىنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇپ،ئورۇقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.



قېتىق+يېشىل چاي

زەھەر ھەيدەپ،ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ

يېشىل چاينىڭ ئوكسىدلىنىشقا ،رادىئاتسىيىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار،قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ،تەركىبىدىكى فونېفىنول قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ يەنە ماينى سىرىيدۇ،كىچىك قوساق شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،كىچىك قوساقنى يوقاتماقچى بولسىڭىز يېشىل چاي ئارلاشتۇرۇلغان قېتىقنى كۆپرەك ئىچىڭ،10گىرام ئەتراپىدىكى يېشىل چاي تالقىنىغا 200گىرام ئەتراپدا قېتىق سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىسىڭىز بولىدۇ.




قېتىق+قۇرۇق مىۋە

ئەلا سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق

ئورۇقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ئاز يىيىش بىلەن بىللە ئاقسىل ھەم ماينى يىتەرلىك تۇلۇقلاشتۇر،قۇرۇق مىۋىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغىنى بىلەن ئۇنىڭدىكى ماينىڭ ھەممىسى ئەلا سۈپەتلىك ماي،قۇرۇق مىۋىنى ئۇزۇن مەزگىل يەپ بەرگەندە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار،ئۇنىڭدىكى تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسىنىڭ يەنە مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ،قېرى ياش ھەممەيلەننىڭ يىيىشىگە ماس كېلىدۇ،قۇرۇق مىۋە(ياڭاق،ئۆرۈك مېغىزى...قاتارلىقلار)ئۇلارنى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ ئېزىپ،قېتىق ئارلاشتۇرۇپ ناشتىدا يىسىڭىز ئېنىرگىيە تۇلۇقلىنىدۇ.


قېتىق+سۇلۇ

ماينى سىرىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ

سۇلۇ بىرخىل تۆۋەن قەنىتلىك يىمەكلىك،ئورۇقلاش مەزگىلىدە يىيىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدىغان يىمەكلىك، قەنىتسىز سۇلۇنى قېتىققا ئارلاشتۇرغاندا تەمى ئۆزگىچە بولۇپلا قالماي،ئۈچەينى سىلىقلاپ،تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ،ھەقىقىي ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان تۆۋەن قەنىتلىك يىمەكلىك بولۇپ،قوساق ئاچقاندا يىيىشكە بولىدىغان ئەڭ ياخشى يىمەكلىك،قوساق ئاچقاندا ئۇششاق چۈششەك يىمەكلىك يىگەننىڭ ئورنىدا ئۇنى يىگەندە ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يىتەلەيسىز.



قېتىق+قىزىل ھاراق

ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ،ئۇيقۇنى ياخشلايدۇ

قىزىل ھاراق تەركىبىدە فېنول تۈرىدىكى ماددا بار بولۇپ،ئۇ مىتابولىزىمنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ،ئۈچ يۇقىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،قېتىق تەركىبىدە ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ ئىنتايىن مول بولۇپ،ئۇ قىزىل ھاراق بىلەن بىرلەشسە ئۈچەي يوللىرىنى قايتىدىن تەڭشەپ،زەھەر ھەيدەپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ،قەۋزىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ،كەچتە بىر ئىستاكان قېتىق قوشۇلغان قىزىل ھاراق ئىچكەندە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ،ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ،سىزنى تېخىمۇ ئۇز قىلىدۇ.



قېتىقنىڭ پايدسى كۆپ،لىكىن تاللاشنى بىلىش كېرەك

1.ئورۇقلاشنى مەقسەت قىلىپ،ئىمكان بار قەنىتسىز قېتىقنى تاللاش.

2.تاللىغاندا تەركىبلەر جەدىۋىلىگە ياخشى قاراش،يەنى ئىسسىقلىق مىقدارى،ماي،كاربۇن سۇ بىرىكمىسى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى،ئاقسىل قانچە مول بولسا شۇنچە ياخشى.

3.قېتىقتا ئاقسىل ھەم كالتىسىي ھەقىقەتەن مول،ئۇنى ناشتىدا ھەم كەچلىك تاماقتا ۋە ياكى چۈشتىن كىينلىكتە ئىچىسە بولىدۇ،لىكىن تاماقتىن كىيىن بىر ئىستاكاننى كۆپ ئىچكەندە ئىسسىقلىق مىقدارى كۆپ قوبۇل قىلىنىپ كېتىدۇ،شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغانلار ئامال بار ئىچمەڭ.




قېتىق يۈزلۈكى

قېتىقنى ئىچكىلى بولۇپلا قالماي،يۈزلۈك ياسىغىلىمۇ بولىدۇ.


ماتىرىيال:

150گىرام قېتىق،تۆتتەن بىر لىمون شەربىتى،بىر قوشۇق ھەسەل.

ياساش ئۇسۇلى:

ماتىرىياللارنى تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن يۈزگە سۈرۈپ،10مىنۇتتىن كىيىن يۇيىۋېتىمىز.


لىمون شەربىتى تەركىبىدىكى ۋىتامىن س ھەم قېتىق تەركىبىدىكى ئاقسىل،ھەسەللەرنىڭ تېرىنى سىقىلاش رولى بار،ئاپتاپتىن كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە ئەكىلىش يۈزلۈكى ياساشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ،تېرىنى ئاقارتىپ سۈزۈلدۈرىدۇ،ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىپ،نەملىك تۇلۇقلايدۇ،ھەپتىدە بىر قېتىم قىلسىڭىز بولىدۇ.


قېتىقنى يىيىش ھەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالدىڭىز شۇنداقمۇ،گۈزەللىشىپ ھەم 

ئورۇقلاپ زىلۋالىشىپ كەتكەندە بىزنى ئۇنتىماڭ ھە.

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قۇيۇڭ

 سەرخۇش سالونى ئەڭ يېڭى سالون ئىقتىدارلىرى بىلەن ۋە سىزگە ئەڭ يېڭى قىزقارلىق فىلىم ،  ھىكمەتلىك ھىكايىلەر،تۇرمۇش ساۋاتلىرى ،پەرزەنىت تەربىيىسى ،ئىسىل تائام ، ساغلاملىق ،ساياھەت توغرىسىدا  سەرخىل ئۇچۇر 

.يوللاپ مەنىۋىي تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ نۈر قوشقىسى 

سەرخۇش سالونىنى قوشىۋېلىڭ


ئۈندىدار نومۇرى :SarhuxTv





Taam
每日分享美味菜谱和各种美食欣赏融汇最精致的美食
 最新文章