كالا گۆشىنى مۇنداق قورىسىڭىز بەك تەملىك بولىدىكەن

美食   2024-10-10 22:35   新疆  


ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ،بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق


سامساق تەملىك كالا گۆشى

كىتەرلىك ماتېرىياللار:

كالا گۆشى 250 گىرام، لازا تالقىنى بىر قوشۇق، سامساق تۆت چىش، پىياز بىر تۈپ، ئاش تۇزى مۇۋاپىق مىقداردا، سېرىق ھاراق مۇۋاپىق مىقداردا، ئاقمۇچ ئازراق

تاماق ئېتىش باسقۇچلىرى:

1. كالا گۆشى، سامساق، لازا تالقىنى، سۇڭپىيازلارنى تەييارلايمىز.



2. كالا گۆشىنى نېپىز يالپاقلاپ توغرايمىز (كالا گۆشىنى توڭلاتقۇغا مۇددەتتىن بۇرۇن سېلىپ 30 مىنۇت توڭلىتىپ قويسا، تېخىمۇ ئاسان يالپاقلىغىلى بولىدۇ، يەنە كالا گۆشىنى توغرىغاندا چوقۇم كالا گۆشىنىڭ  تۇقۇلما سىزىقچىلىرىغا قارشى يۆنىلىشتە توغرايمىز).

3. توغراپ تەييارلانغان كالا گۆشى پارچىسىنى قاچىغا سېلىپ، ئازراق قارىمۇچ، ئىككى گرام تۇز، بىر قوشۇق سېرىق ھاراق، بىر قوشۇق جاڭيۇ بىر قوشۇق كۆممىقوناق كراخمالى، 10 گرام سۈزۈك سۇ بىلەن تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، گۆش پارچىسى سەل-پەل يېپىشقاق ھالەتكە كەلگەندە،قاچىغا ئېلىپ 10 مىنۇت تەملەندۈرىمىز.


4. گۆش تەملەنگىچە سامساق بىلەن غولپىيازنى توغراپ تەييارلايمىز .

5. قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ، توغرالغان سامساقنى سېلىپ سۇس ئوتتا قورۇيمىز. (ياغ تەخمىنەن 40 گىرام ئەتراپىدا)

6. ياغدا سارغايغان سامساقنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز (سامساق يېغى ۋە سامساق تالقىنىنى بىر دەمدىن كېيىن ئىشلىتىمىز).

7. تەملەندۈرۈلگەن كالا گۆشىگە بىر قوشۇق ياغ قوشۇپ يەنە بىر قېتىم تەكشى مىجىيمىز. (بۇ قېتىم ياغ قوشۇشتىكى مەقسەت كالا گۆشىدىكى سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى قۇلۇپلاپ، سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كالا گۆشىنى تېخىمۇ يۇمران، سىلىق قىلىش)

8. قازانغا جىقراق ياغ قۇيۇپ، تېمپېراتۇرىسىنى5 ئۈلۈش قىزىتىپ(180 گىرادۇس ئەتراپىدا)، تەملەندۈرۈپ تەييارلانغان كالا گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز. سېيرىلما قورۇلغان كالا گۆشى قورۇيدىغان ياغ ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن كۆپرەك بولۇشى ،بەك قىزىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بەك قىزىپ كەتسە كالا گۆشى تېز قورۇلىۋالىدۇ، گۆشى ئاسان قېرىيدۇ، ئامال بار كالا گۆشىنى قازاندا يېيىتىش كېرەك، گۆش ياپراقچىسى ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ تەكشى بولىدۇ.تائام سالونى TaamTv



9. بوش ئوتتا تېز سۈرئەتتە سېيرىپ قورۇپ كالا گۆشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كېيىن تەخسىگە ئۇسىمىز، ئامال بار كالا گۆشىنىڭ قازاندىكى ۋاقتىنى قىسقارتىمىز.تائام سالونى TaamTv

10. قورۇلغان كالا گۆشىنى تەخسىگە ئېلىپ، توغراپ تەييارلانغان سۇڭپىياز ۋە لازا تالقىنىنى كالا گۆشى پارچىسىغا سالىمىز.

11. تەييارلىۋالغان سامساق مېيىنى يەنە بىر قېتىم قىزىتىمىز، ئۈستىگە قۇيساق سۇڭپىياز ۋە لازا تالقىنىدىن مەززىلىك پۇراق چىقىدۇ 


12. ئاخىرىدا ياغدا پىشۇرۇلغان سامساقنى چېچىۋەتسەكلا سامساق تەملىك كالا گۆشى تەييار بولدۇ، كالا گۆشى يۇمشاق، پارقىراق، سامساقنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بەك يىيىشلىك .


ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ تائام سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ


مەزمۇن تەييارلىغان ئەجرىمىز ئۈچۈن دوسلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويۇشڭىزنى

.نى بېسىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز «在看» 

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قۇيۇڭ

   تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى تىلفۇنغا ساقلىۋالغاندىن كىيىن ،دوۋيىننى ئېچىپ سىكانىرلاش ئارقىلىق دوۋيىنىمىزنى قوشۇۋېلىپ تېخىمۇكۆپ

تائام فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىڭ 

抖音号:TaamTv


Taam
每日分享美味菜谱和各种美食欣赏融汇最精致的美食
 最新文章