ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە
ئەگەر نەزەر سالسىڭىز ، كۈز خۇددى بىر قەۋەت ئىللىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن قاپلانغاندەك ، ئىللىق ھەم شېئىرىي ھېسسىيات ، ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ گۈزەل. يىراققا نەزەر تاشلىسىڭىز ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئورمانلارنىڭ ئۈستى قەۋەتلىرىدىكى يېشىللىققا ئالتۇن رەڭلىك كۈمۈش ئۆرۈك يوپۇرمىغى بىلەن قىپقىزىل ئېرەن يوپۇرمىقى گىرەلىشىپ جەلىپكار تۈسكەكىرىدۇ.
مەيىن شامالدا يەلپۇنىۋاتقان بۇغداي باشاقلىرى ۋە پىشقان دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئالتۇن رەڭگى بىلەن قوڭۇر رەڭگى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ.
كۆك ئاسمان ۋە دېڭىزلارمۇ كۈز شامىلى ۋە يورۇقلۇقنىڭ تەسىرىدە ئوخشىمىغان مەنزىرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.
كەڭ دالادىن تۇرمۇش پۇرىقى بىلەن تولغان يېزا - كەنتلەرگىچە ، تەبىئەتتىن تارتىپ شەھەردىكى پولات چىۋىق ، سېمونت قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەرگىچە كۈز مەنزىرىسىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
/
كۆك رەڭ + كۆك رەڭ
بىز كۆپكۆك پىلانىتتا ياشايمىز ، دېڭىز بىلەن ئاسماننىڭ كۆپكۆك مەنزىرىسىھەر كۈنى ئوخشاش بولمايدۇ.
قارىماققا مەڭگۈلۈك ، ئەمەلىيەتتە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان كۆك رەڭ ، مودا ساھەسىگە نۇرغۇن ئىلھاملارنى ئاتا قىلدى ، كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى ، كۆڭلەك ، پوپايكا ، يىپەك كۆڭلەك ، كۆك رەڭلىك سومكا ، ئاياغ... بىزگە تونۇش بولغان ھەر بىر يەككە مەھسۇلات ، كۆك رەڭنى كىلاسسىكنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
كۆك رەڭ ، يەر شارىغا ئوخشاش بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ رەڭگىنى سىغدۇرالايدۇ ، لېكىن يەككە مەھسۇلات ۋە رەڭ سىستېمىسى مول بولغاچقا ، يەككە رەڭلىك كىيسىمۇ بەك ئېسىل. كۈزدە كۆك رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ كېيپ باقايلى ،ئوخشاش بولمىغان ماتېرىيال سۈپىتى ، قېنىق - سۇسلۇقى ئوخشىمىغان كۆك رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ ، ئاز دېگەندە يەتتە كۈن تەكرارلىماي كەيگىلى بولىدۇ.
ئاپلېسىن رەڭ + قوڭۇر رەڭ
مانگۇرىيە دەرىخى ، گۇڭچېڭنىڭ ئەبنۇسى ، چوڭ - كىچىك كوچىلاردا قورۇلغان كاشتاندىن تاتلىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئالتۇندەك يېمەكلىك ، قوڭۇر تۇپراقتىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ ، بۇ پەسىلدە ھوسۇل بېرىشكەباشلىدى.
كىشىگە ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان كۈزلۈك يېمەكلىكلەر ، ئالتۇن رەڭ ، جۈزە رەڭ ، سارغۇچ قوڭۇر رەڭلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ، ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە ، ئۇلار قوڭۇر رەڭلىك تۇپراق بىلەن ئوخشاش رەڭلىك سىستېمىغا تەۋە ، يەنە ئىللىق رەڭگە كىرىدۇ ، ھەم ئالىي دەرىجىلىك كۆرۈنىدۇ ، يەنە سالقىن كۈز پەسلىنى ئىللىتىدۇ.
قەھۋە رەڭ + ئاق رەڭ
كاپچىنو قەھۋەدىكى سۈت بىلەن قەھۋەنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش بەكمۇ ماسلاشقان
بۇ گۇرۇپپا رەڭ ماسلاشتۇرسا ، ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان نازاكەتلىك پۇرىقى بار. ياقىسى ، ئىچ تەرىپى ، ئۈستۈنكى يېرىمى ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ ، پۈتۈن گەۋدىنىڭ رەڭگى سالماق ھەم يورۇق بولىدۇ ، ئاسىيا ئاياللىرىغا بەك ماس كېلىدۇ.
بەلنىڭ تۆۋىنىدە پەيدا بولغان ئاق رەڭ، يەنە پلاش، ئىلمە توقۇلما كۆڭلەكنىڭ قېلىن كينىۋالغاندەك تۇيغۇسىنى يوقتىدۇ بېرىدۇ، ئېسىل ،يەڭگىل تۇيغۇ بېرىدۇ .
يېشىل رەڭ + كۈل رەڭ
باش كۈزنىڭ ھاۋاسىدا يېشىللىق تېخى سۇسلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى يېشىللىقنى نامايان قىلىپ، مۇزدەك كۈل رەڭ مەرمەر تاش، بېتونغا ئازراق ھاياتىي كۈچ قوشتى.
يېشىل رەڭ بىلەن كۈل رەڭنى ماسلاشتۇرسا، شەھەر ئاياللىرىنىڭ كەيپىياتىغا تولىمۇ ئوخشايدۇ، يەنى كۈل رەڭ كاستۇم - بۇرۇلكىغا ئامراق بولۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ كەسپىي، ئاقىلانە كۆرسىتىدۇ، لېكىن قەلبىدە يەنىلا بىر خىل يېشىل رەڭ بولۇپ تۇرمۇش ھەۋىسىنىڭ رەڭگى.
كۈل رەڭ يۈرۈشلۈك كىيىم كىيگەندە، ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى يېشىل رەڭلىك ئىچكى بېزەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، كۈل رەڭنى ماسلاشتۇرغاندا جانلىق چىقىدۇ
✍️
ئاددىي - ساددا تەبىئەت ۋە زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە رەڭ تەڭشەش ئىلھامى بولىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئۆزىگە خاس رەڭدارلىققا ئىگە، باشقىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا ھەۋەس قىلمىساقمۇ بولىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ياشاش ماكانىنى ياخشى قوغداپ، دېڭىز، ئورمان، شەھەر مەدەنىيىتى، يېزا مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىشى زۆرۈر.