ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ، بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق
توڭلاتقۇنى ئۇزۇن ئىشلەتكەندە يىمەكلىك قالدۇقىنىڭ مەينەتلىرى ھەم غەيرى پۇرىقى باشنى قاتۇرىدۇ،مەن بۈگۈن سىلەرگە بىر ئۇسۇل ئۆگىتىپ قوياي،ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسىڭىز،غەيرى پۇراقنى يوقىتىدۇ،توك تېجەيدۇ،ئۆيىڭىزدىكى توڭلاتقۇنى تېز تازلاڭ.تائام سالونى
توڭلاتقۇنى مۇزقىرو باغلاپ كەتكەندە
توڭلاتقۇداكۆپ كۆرىلىدىغان مەسىلە مۇزقىرو باغلاپ كېتىش،قېلىن مۇز توڭلاتقۇ تارتمىسىنىتارتىپ ئېچىشتا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپلا قالماي،يەنە يىمەكلىكنى سېلىش بوشلۇقىغىمۇتەسىر يەتكۈزىدۇ،تېخىمۇ مۇھىمى قېلىن قىرو يەنە توك ئىشلىتىش سەرپىياتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ،قىرونى تازلاشتىن غەم قىلماڭ،بۇنى ئۆگىنىۋالسىڭىز بىردەمدىلا بىرتەرەپ قىلىۋېتىسىز.
قايناقسۇدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
ئاۋۋال توڭلاتقۇنى توكتىن ئۈزۋېتىمىز،بىر چەينەكقايناقسۇ قاينىتىپ بىر داسقا قۇيىمىز.
قايناقسۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ،ئىشىگىنى ياپىمىز،20مىنۇت ئەتراپىداتۇرغۇزىمىز.
ئاندىن ئىشىگىنى ئېچىپ،قىرونى تازلايمىز،مۇزپارچىسى ئاسانلا ئاجىرايدۇ.
ئەسكەرتىش:توڭلاتقۇدىكى مۇزقىرونى تازلاشتاچوقۇم ئاۋۋال توكتىن ئۈزىۋېتىش كېرەك.
توڭلاتقۇنى تېخىمۇ توك تېجەيدىغان قىلىش
ھازىرقى توڭلاتقۇلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى دەرىجىلىك توك سەرىپ بولىدىغانلاردۇر،توك تېجەشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا قانچەتېجىگەنسېرى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
قەغەزدىن ئەپچىل پايدىلىنىشA4
ھەركۈنى توڭلاتقۇنى بىر نەچچە قېتىم ئېچىپ ياپىمىز،ئەگەر توڭلاتقۇنىڭ ئىشىگىدىكى ھىملاش چەمبىرى ئۇزۇن ئىشلىتىلگەنلىكتىن ھىم بولمىسا سوغۇق ھاۋا ئاسانلا سىرتىغا چىقىپ كېتىپ توك سەرپىياتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ،ئەمىسە ھىملاش چەمبىرىنىڭ بوشاپ قالغانلىغىنى قانداق بىلىمىز؟
قەغىزىنى توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە قىستۇرۇپ،سىرتىغا قارىتىپ تارتىمىز،A4
ئەگەر ئاسانلا چىقسا ھىملاش چەمبىرىگىنىڭ بوشاپ قالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ،دەرھال يېڭى ھىملاش چەمبىرىگىگە ئالماشتۇرۇڭ.
بىرقاچا سۇدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
ئەگەر ھىملاش چەمبىرى ھىم بولسا،يەنىمۇ توك تېجەشنى ئويلىسىڭىز،توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ساندۇقىغا بىر قاچا سوغۇق سۇ سېلىپ،مۇزتۇتقاندىن كىيىن سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا سالساقلا بولىدۇ.
توڭلىتىش ساندۇقىدا مۇز تۇتقان قاچا سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىنىڭ تېمپىراتۇرسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ياردەم بېرىپ،ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ توك سەرپىياتىنى ئازلىتىدۇ.
توڭلاتقۇنى تازلاش
توڭلاتقۇنىڭ ئايرىغۇچى تاختىسىنى تازلاش
توڭلاتقۇنىڭ ئايرىغۇچى تاختىسى ئىنتايىن ئاسان مەينەت بولىدىغان قىسمى،چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قويىمىز،شۇڭاقەرەللىك تازلاپ تۇرۇش كېرەك،ئايرىغۇچى تاختىنى چىقارغاندىن كىيىن ئاق ئاچچىقسۇ قۇيساق،مەينەتلەرنى تازلاپ،مىكروب ئۆلتۈرىدۇ،ئاندىن قاچا يۇيۇش بۇلۇتى ياكى يۇغۇچ بىلەن سۈرتۇپتازلاپ،ئاخىرىدا قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتىۋېتىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويساق بولىدۇ.
ئەگەر سىز سەل ھورۇن بولسىڭىز،پاكىز ئايرىغۇچى تاختىنىڭ ئۈستىگە يېڭى پېتى ساقلاش پەردىسىنى ئۆرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
كىيىن قېتىم مەينەت بولۇپ كەتكەندە،يېڭى پېتى ساقلاش پەردىسىنى سويىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ،يۇيۇش ھاجەتسىز.
توڭلاتقۇنىڭ ھىملەش تالچىسىنى تازىلاش
توڭلاتقۇنى تازلىغاندا ئۇنىڭ ھىملەش تالچىسىنى تازىلاشنى ئۇنتىماڭ،لاتىغا ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىغى تۆكۈپ،سۈرتسىڭىزلا بولىدۇ.
توڭلاتقۇدىكى غەيرى پۇراقنى يوقىتىش
يۆگىمە قەغەزدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
توڭلاتقۇدا پۇراق بولسا يۆگىمە قەغەز قويۇپ قويسىلا بولىدۇ،پۇراق يوقىتىپلا قالماي يەنە نەملىكنى سۈمۈرىدۇ،ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرىمىز،توڭلاتقۇدىن ئالغان يۆگىمە قەغەزنى يەنە ئىشلەتكىلى بولىدۇ،يەنى ماي كىر داغلىرىنى سۈرۈتسە بولىدۇ.
ئاق ھاراقتىن ئەپچىل پايدىلىنىش
بىر كىچىك ئىستاكانغا ئاق ھاراق قۇيۇپ،ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسىمۇ غەيرى پۇراق يوقايدۇ،ئىسپىرىت پارغا ئايلانغاندىن كىيىن غەيرى پۇراقنى يوقىتىپلا قالماي،مىكروب ئۆلتۈرىدۇ.
ئاپلېسىن پوستىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
ئاپلېسىن،چوڭ ئاپلېسىننىڭ پوستىنى ھەرگىزتاشلىۋەتمەي،ئۇنى توڭلاتقۇغا بىۋاستە سېلىپ قويساقلا بولىدۇ،توڭلاتقۇدىكى غەيرى پۇراقنى يوقىتىدۇ،ھەم مىزلىك پۇرىتىدۇ.
بولكا،مومىلاردىن ئەپچىل پايدىلىنىش
بەزىدە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولكا،موماقاتارلىقلارنىڭ سۈمۈرۈشچانلىقى بامبۇك كۆمۈرىدىن قېلىشمايدۇ،شۇڭا ئۇنى توڭلاتقۇنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە قويۇپ قويغاندا غەيرى پۇراقنى يوقىتىدۇ.
ئاق شېكەردىن ئەپچىل پايدىلىنىش
ئاق شېكەرمۇ ئەمىلىيەتتە غەيرى پۇراقنى يوقىتىدۇ،ئاق شېكەر بوش كۆپ توشۈكلۈك قۇرۇلمىغا ئىگە،سۈمۈرۈشچانلىق ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى.
توڭلاتقۇدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت مۇددىتى
توڭلاتقۇغا سالىدىغان يىمەكلىكلەرنى مەسلەن،كۆكتات،مىۋە،گۆش قاتارلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ سالغاندا،پىششىق خامنى ئايرىپ سالغاندا پۇراقلارنىڭ بىر-بىرىگە ئۆتۈپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ،توڭلاتقۇدىكى غەيرى پۇراقنى ئازايتقىلى بولىدۇ،بەزىدە كۆپ بولۇپ كەتكەندە،ئۆزىمىزمۇ قايسى كۈنى ئالغان كۆكتاتلىقىنى بىلەلمەي قالىمىز.
قولايلىق چاپلاقتىن ئەپچىل پايدىلىنىش
يىمەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ چىرىشىمۇ غەيرى پۇراقنىڭ كىلىش مەنبەسى،توڭلاتقۇغا قولايلىق چاپلاقنى چاپلاپ قويۇش تەكلىۋىنى بېرىمىز،ھەرقېتىم كۆكتات،گۆش قاتارلىقلارنى توڭلاتقۇغا سېلىپ چېسلاسىنى خاتىرلەپ قويساق،يىمەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئۆتمىگىنىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ.
ياكى مەخسۇس بىر يىغىشتۇرۇش قۇتىسىغا ئالدىن بىرتەرەپ قىلىدىغان يىمەكلىكلەرنى سېلىپ قويساقمۇ بولىدۇ.
توڭلاتقۇنىڭ ئەپچىل ئىشلىتىلىشى
نەم تارتىپ قالغان يىمەكلىكنى ئەسلىگە ئەكىلىش
گازىر،پىچىنە نەم تارتىپ قالغاندا ئۇلارنى يەنەقۇتقۇزغىلى بولىدۇ،گازىرنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ساندۇقىغا بىر نەچچە سائەت سېلىپ قويۇپ،ئۇنىڭ چۈرۈكلىگىنى ئەسلىگە ئەكىلىمىز،پىچىنىنى توڭلاتقۇغا 24 سائەت سېلىپ قوييغاندىن كىيىن ئالساق ئۇنىڭ چۈرۈكلىگىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ.
پۇرچاقتۈرىدىكىلەرنى تېز سۈرئەتتە پىشۇرۇش
يېشىل ماش،قىزىل پۇرچاق،سېرىق پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى پىشۇرۇش تەس،ئۇنىڭغا توڭلاتقۇ ياردەم بېرىدۇ،مەسلەن يېشىل ماشنى پاكىز يۇيۇپ،چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ،توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ساندۇقىغا سېلىپ،4سائەتتىن كىيىن ئېلىپ قازانغا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرساق،تېزلا يۇمشاپ پىشىدۇ.
قورۇما گۈرۈچ تامىقىنى تېخىمۇ تەملىك قىلىدۇ
قورۇما گۈرۈچ تامىقىنى تېخىمۇ تەملىك بولسۇن دىسىڭىز،توڭلاتقۇدىن پايدىلىنىڭ،گاڭپەننى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ساندۇقىغا 1-2سائەت سېلىپ قويسىڭىز،قورۇما گۈرۈچ تامىقى دانىمۇ دانە قورۇلىدۇ،تەمىمۇ ئىنتايىن تەملىك بولىدۇ.
ئاچچىقتەرخەمەكنىڭ تەمىنى سۇسلاشتۇرىدۇ
ئاچچىق تەرخەمەك قىززىتمىنى قايتۇرىدۇ،لىكىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئاچچىق تەمىنى ياقتۇرمايدۇ،توڭلاتقۇدىن پايدىلانسىڭىز،ئۇنىڭ ئاچچىق تەمى سۇسلايدۇ،ئاچچىق تەرخەمەكنى توڭلاتقۇنىڭ يېڭى پېتى ساقلاش ساندۇقىغا سېلىپ،بىر مەزگىل تۇرغۇزساق،ئۇنىڭ ئاچچىق تەمى ئاستا ئاستائاجىزلايدۇ.
پىيازنىڭ ئاچچىغىنى يوقىتىدۇ
پىياز يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھەرقېتىم پىياز توغرىغاندا كۆزىڭىزنى ئېچىشتۇرامدۇ؟ئۇنى توڭلاتقۇ سېلىپ 1-2 سائەت توڭلاتقاندىن كىيىن توغرىسىڭىز،كۆزنى پەقەتلا ئېچىشتۇرمايدۇ.
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ تائام سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ