يۈزۈمگە قورۇق بالدۇرچۈشمىسۇن دىسىڭىز بۇ مىۋىلەرنى كۆپرەك يەڭ

美食   2024-08-18 19:04   新疆  


ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ، بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق


ئاياللار 25 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ تېرىسى بۇرۇنقىدەك پارقىراق ، ئېلاستىكىلىق بولماي قالىدۇ ، بۇ ھەر بىر گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم قىزلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەتىجە ھېسابلىنىدۇ ، شۇڭا يەنىلا ئالدىنى ئېلىش ،كېچىكتۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىپ ، گۈزەللىكنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش بارلىق گۈزەللىك سۆيگۈچى خانىم قىزلار ئبمىد قىلىدىغان بىر ئىش .

1 . گىلاس

قەدىمدىن تارتىپلا گىلاس ھۆسىن تۈزەش مېۋىسى بولۇپ كەلگەن ، گىلاس شەربىتى يۈز تېرىسىنى ئاقارتىپ ، يۇمرانلاشتۇرىدۇ ، قورۇقنى يوقىتىپ ، تېرىنى سۈزۈلدۈرىدۇ ، كەم بولسا بولمايدىغان تېرە ئاقارتىش مەھسۇلاتىدۇر . گىلاس تەركىبىدە ۋېتامىن C،

تۆمۈر قاتارلىقلار مول بولۇپ ، دۇلانەنىڭ 13 ھەسىسىگە ، ئالمىنىڭ 20 ھەسسىگە باراۋەر . تۆمۈر ماددىسى يۇقىرى بولغاندىن باشقا ، پوستىلاق قەۋىتىنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىنى تەڭپۇۇڭلاشتۇرۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ، ھۈجەيرىلەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ .


2 . ئانار

ئانارنىڭ ئوكسىدلىنىشقاق قارشى تۇرۇش رولى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان ، ئانارنىڭ تېنىدە بىر خىل ئېللاگىك كېسلاتا دەيدىغان تەركىب بار بولۇپ ، ھۈجەيرىلەرنى مۇھىت بۇلغىمىلىرىدىن ، رادىئاتسىيەنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ ، ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ، ئورگانىزىمنىڭ قېرىشىنى يەڭگىللىتىدۇ ، تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ئېللاگىك كېسلاتانىڭ رادىئاتسىيەنى توساش رولى يېشىل چايدىنمي كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان .


3 . سەۋزە

سەۋزىنىڭ قانداق پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلارر بولمىسا كېرەك ، سەۋزىنىڭ توكسىن ھەيدەش ، تېرە سۈزۈلدۈرۈش ئۈنۈمىگە قول قويماي تۇرالمايسىز ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ، تېرە ئاقارتى ، سۈزۈلدۈرۈش ۋە قارا پېگمىنتلارنىڭ چۆكمە بولۇپ تۇرىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار ، تەركىبىدە مول ۋېتامىن C بولۇپ ھۆسىن تۈزەش يىمەكلىكى دېگەن نامى بار .


4 . زەيتۇن مېۋىسى

زەيتۇن دەرىخى ھاياتلىق ۋە ساغلاملىقنىڭ سىموۋلى ، ساغلاملىق يېمەكلىكى قىلىپ ئىستىمال قىلغاندىن باشقا ھۆسىن تۈزەش ئۈنىمى ئاجايىتپ قالتىس . دەرەخ يۇپۇرمىقىدىن مېۋىسىگىچە تېرىگە پايدىلىق ، زەيتۇن يۇپۇرمىقى جەۋھىرىنىڭ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇلغىنىشىغا قارشى تۇرۇش ، ئېنفىرا قىزىل نۇر ۋە بېسىمنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار ؛ زەيتۇن مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە يەنە بىر خىل كۈچلۈك فىنوللاشتۇرغۇچى بېرىكمە ماددا بار بولۇپ ، زەيتۇن ئاچچىق ماددىسى بىلەن بېرىككەندىن كېيىن ، قوش ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئۈنۈم يارىتىدۇ .


5 .خاڭگا

خاڭگا سۇ تولۇقلاش ، قورۇق يوقىتىشتا ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ .


6 . ئۈزۈم

ئۈزۈمنىڭمۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ ، ئېپوزمىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى توسۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە تاننازا ، لىمون كىسلاتاسى بولۇپ ، كۈچلۈك بولغان قورۇش ۋە نەملىك ساقلاش رولى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ئۈزۈم تەركىبىدە مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ ، تېرىنىڭ چوڭقۇر قەۋەتلىرىگە نەملىك يەتكۈزۈپ ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ ، ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .


7 . لىمون

ئۈزۈم تەركىبىدە ۋېتامىن B1، ۋېتامىن B2 ۋە ۋېتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن مول . ئۇنىڭدىن باشقا ئورگانىك كىسلاتا ، لىمون كىسلاتاسى مول بولۇپ كۈچلۈك بولغان قېرىشقا قارشى تۈرۈش رولى بار ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ۋە پېگمىنتلەرنىڭ چۆكمە بولۇپ تۇرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .


8 . ئۆرۈك

چىرايلىق سىرتقى قىياپەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي ، قەنت ، مېۋە كىسلاتاسى ، يىمەكلىك تالاسى ، فلاۋون قاتارلىق ماددىلار ، ۋىتامىن C ، تۆمۈر ، سىنىك ، فوسفور قاتارلىق مېنىرال ماددىلار ، بولۇپمۇ ۋىتامىن B17 ئىنتايىن مول ، ئۆرۈك مېغىزىنىڭ تەركىبىدە يەنە مول ئاقسىل ، ماي ، ۋېتامىن تۈرىدىكىلەر ، كالتىسىي ، سىنىك ، تۆمۈر قاتارلىقلار مول . مول مېنىرال ماددىلار ۋە ئۆسۈملۈك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ياخشى بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ، گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە .



ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قۇيۇڭ

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ تائام سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ


مەزمۇن تەييارلىغان ئەجرىمىز ئۈچۈن دوسلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويۇشڭىزنى

.نى بېسىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز «在看» 

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قۇيۇڭ

   تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى تىلفۇنغا ساقلىۋالغاندىن كىيىن ،دوۋيىننى ئېچىپ سىكانىرلاش ئارقىلىق دوۋيىنىمىزنى قوشۇۋېلىپ تېخىمۇكۆپ

تائام فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىڭ 

抖音号:TaamTv


Taam
每日分享美味菜谱和各种美食欣赏融汇最精致的美食
 最新文章