مىۋە پوستىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ،سەۋەبىنى بۇنى كۆرسىڭىز بىلىسىز

美食   健康   2024-08-21 20:56   新疆  


ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ، بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق



مىۋە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرگەچكە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ يەيدۇ،لىكىن ئۇنىڭ پوستىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ،ياخشى پايدىلىنالىسىڭىزلا ئۇگۆھەرگە ئايلىنىدۇ.





مىۋە پوستى مۇھىت ئاسىرىغۇچى ئېچىتقۇچى ماددا

ھەر بىر ئائىلە ھەركۈنى نۇرغۇن مىۋە پوستى ئەخلەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ،بۇ ئەخلەتلەر ئىسراپ بولۇش بىلەن بىللە مۇھىتنى بۇلغايدۇ،ئەمىلىيەتتەتۆۋەندىكى 3 قەدەملا بولسا بۇ ئەخلەتلەر مۇھىت ئاسىرىغۇچى ئېچىتقۇ ماددىغائايلىنىدۇدە،ئۇلار شۇ ھامان كېرەكسىز نەرسىدىن «ھەممىگە قادىر تۇرمۇش دورىسى»غائايلىنىدۇ.

ياساش ئۇسۇلى

1.ئاغزى بار ئەينەك قۇتا،يېڭى مىۋە پوستى،قارا شىكەر تەييارلايمىز،ئاۋۋال ئەينەك قۇتىنى پاكىزيۇيىمىز،ئۇنىڭ %60چىلىك سۈزۈك سۇ قۇيىمىز،قەلەم بىلەن بوتۇلكىغا چىسلا يىزىپ قويىمىز.




2.قارا شىكەر،مىۋەپوستىنى 3:1نىسبەت بويىچە بوتۇلكىغا سالىمىز،مىۋە پوستىنىڭ تۈرى قانچە كۆپ بولساشۇنچە ياخشى بولىدۇ،بوتۇلكىنىڭ %20ىنى بوش قالدۇرۇپ قويۇشقا دىققەت قىلىڭ،سۈيۈقلۇق ئېچىغاندىن كىيىن بوتۇلكىدىن چىقىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

3.قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ،چايقايمىز،ئۈچ ئاي ئېچىغاندىن كىيىن ئىشلەتسە بولىدۇ،ئەسكەرتىدىغىنىمىز 1-ئېيىداھەركۈنى قۇتا ئاغزىنى ئېچىپ گازنى چىقىرىۋېتىمىز،تېشىپ چىقىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن.


来源:温秀枝医师团队视频


گۈل ئۆستۈرىدۇ

مۇھىت ئاسىرىغۇچى ئېچىتقۇ ماددا ئىنتايىن ياخشى بولغان گۈل ئوغۇتى بولالايدۇ،ئۇ ئاكتىپ شىكەر،ئورگانىك كىسلاتا،ۋىتامىن ھەم ئېنزىم پەيداقىلىدۇ،ئۇنى ئۆسۈملۈككە چاچسا سۈمۈرىلىشى ئىنتايىن تېز بولىدۇ،ئۇ گۈل-گىياھلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئوغۇتىدۇر.

مىۋە كۆكتاتلاردىكى دىھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقىنى چىقىرىدۇ

ئادەتتە كۆكتات ياكى مىۋىلەرنى يۇيىدىغان سۇغا 50گىرام ئېچىتىلغان سۇ قۇيۇپ،ئاندىن ئۇنىڭغا مىۋە كۆكتاتلارنى 30مىنۇت چىلاپ قويسا ئۇ مىۋەكۆكتاتلاردىكى قۇرۇتنى ئۆلتۈرىدۇ،دىھقانچىلىق دورىسى،ئېغىر مىتال قاتارلىقلارنىڭ قالدۇقىنى چىقىرىدۇ.


غەيرى پۇراقنى يوقىتىدۇ

ئېچىتقۇنى سۈيۈلدۇرغاندىن كىيىن ئۇنى ھاۋا تازلىغۇچنىڭ ئورنىدا ئىشلەتسە بولىدۇ،ئۆيگە چېچىپ قويغاندا ئۆيدىكى غەيرى پۇراقنى ئۈنۈملۈك يوقىتىدۇ،يەنە سۇس مىۋە پۇرىقى ئۆينى بىر ئالىدۇ.


كۆكىرىپ كەتكەن داغنى يوقىتىدۇ

نەم ئاشخانا ھەم تازلىق ئۆيى دائىم كۆكرىپ قالىدۇ،ئۇنى تازلىماق بەك تەس،كۆكىرىپ قالغان يەرگە ئېچىتقۇنى چېچىپ قويۇپ،يىنىك سۈرتىۋەتسەكلاتازلاش دورىسىدا تازلىغاندىن ياخشى بولىدۇ.


ماي داغلىرىنى تازلايدۇ

قاچا-قۇچىلارنى يۇغاندا ماينى چىقىرىش بەكلا ئاۋارىچلىق،بۇۋاقىتتا ئېچىتقۇنى مايغا چېچىپ،ئاندىن سۈزۈك سۇدا چايقىۋەتسە ماي داغلىرى شۇ ھامان چىقىپ كېتىدۇ،يەنە سۇس مىۋە پۇرىقى قالىدۇ.


كىيىم يۇغىلى بولىدۇ

ئېچىتقۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان مىكروئېلمىنىتلارنى پارچىلاش ھەم يوقىتىش رولى بار،يۇيۇنغاندا،چاچ يۇغاندا ياكى كىريۇغاندا سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئېچىتقۇ قۇيىۋەتسە كىرلەرنى پاكىز چىقارغاندىن سىرىت قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.



ئەرمەك ھايۋانلارنى تازلايدۇ

يازدا ئۆيدە باقىدىغان ئەرمەك ھايۋانلار ئاسانلا غەيرى پۇراپ ھەم بەدىنىدە ھەرخىل پارازىت قۇرۇتلار پەيدا بولۇپ قېلىپ،ئۇنى قۇچاقلاشقاپېتىنالمايسىز، ئەمدى قورقىماڭ،ئېچىتقۇ بىلەن ئەرمەك ھايۋانلارنى يۇسىڭىز ئۇنىڭ بەدىنىدىكى غەيرى پۇراقنى يوقىتىپلا قالماي پارازىت قۇرۇتنىمۇ يوقىتىدۇ.


ماشىنا ماتورىنىڭ تېمپىراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىدۇ

يازنىڭ تېمپىراتۇرسىنىڭ،يۇقىرى تېمپىراتۇرىنىڭ ماشىنىنىڭماتورىغا ئىنتايىن چوڭ زىيىنى بار،ئېچىتقۇنى ماشىنىنىڭ سۇ ساندۇقىغا قۇيۇپ قويغاندا ماتۇرنىڭ تېمىپراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىپ،ماشىنىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.


ئۆسۈملۈكنىڭ قۇۋۋەت سۈيى بولىدۇ

ئۆيدە ئۆستۈرگەن گۈلنىڭ ساغرىپ،كىچىكلەپ،ئۆسىشى ئاستىلاپ كەتكىنى ئۇنىڭغا ئوزۇقلۇق يىتىشمىگىنىدۇر، مىۋە پوستىدىن قۇۋۋەت سۈيى ياساپ، گۈلگەچاچسىڭىز گۈل ئىنتايىن باراقسان بولۇپ كېتىدۇ.



ماتىرىيال

پىۋە پوستى 1كىلوگىرام،ئاغزى ھىم ئېتىلىدىغان بىر ئەينەك قۇتا،داكا خالتا،پايدىلىق باكتىرىيە پاراشوكى.

1.بىر ئاغزى ھىم ئېتىلىدىغان ئەينەك قۇتىغا ئايرىغۇچى تاختاي سالىمىز،داكا خالتىنى ئېچىپ ئەينەك قۇتىغا كىيدۈرىمىز،قايچا بىلەن تاۋۇزشاپىقى،بانان پوستى،ئالما پوستى قاتارلىقلار پارچىلاپ،داكا خالتىغا سالىمىز.



 

2.داكا خالتىغا بىر خالتا پايدىلىق باكتىرىيە پاراشوكىنى سېلىپ،خالتىنىڭ ئاغزىنى ئىتىپ،قۇتىنىڭمۇ ئاغزىنى ئېتىپ ئېچتىمىز.


 

3.يىگىرمە كۈندىن كىيىن قۇۋۋەت قۇتىسىدىكى قۇۋۋەت سۈيى 3سانتىمېتىرغا يەتكەندە قۇۋۋەت سۈيىنى ئېلىپ،ئۇنىڭغا خېمىرتۇرۇچ پاراشوكى سېلىپ، ئارلاشتۇرۇپ ئېرىتىمىز.


 

4.ئۇنى يەنە قۇتىغا قۇيۇپ،ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ،15 كۈن ئەتراپىدا يەنە ئېچىتىمىز،ئاندىن ئۇنى 50ھەسسە سۇيۇقلاندۇرۇپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.


来源:乐良鲜房视频


مىۋە پوستى تازلاش دورىسى

ئۆيدىكى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىغى ئاسانلا قولنى زەخمىلەندۈرىدۇ،تەركىبىدىكى ھەر خىل خېمىيىلىك ماددىلار ئادەمنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ،قاچىلارنى 3-4 قېتىم يۇساقمۇ قالدۇق ماددىلارنىڭ قېلىپ قېلىشىدى ئەنسىرەيمىز،ئۇنىڭدىن مىۋە پوستىنى سىناپ بېقىڭ،مۇنداقلا قىلىپ ئائىلىدە تەبئى ساپ يېشىل قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىغىنى ياسىيالايمىز.

لىمون تازلىغۇچ دورىسى

1.بىر تال لىموننىڭ سۈيىنى چىقىرىپ،ئىلىمان سۇ بىلەن لىمون شەربىتىنىڭ نىسبىتىنى 1:1 قىلىپ تەڭشەپ،ئارلاشتۇرىمىز.


2.لىموننىڭ پوستىنى پارچىلاپ،قۇتىغا سېلىپ،يەنە قۇتىغابايىقى لىمۇن سۈيى،50مىللىلېتىر ئىسپىرىتنى قۇيۇپ،ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ ئىككى كۈن قويۇپ قويىمىز.


3.بىر پۈركۈگۈچ تەييارلاپ،تەييار بولغان ئېرىتمىنى ئۇنىڭغاقۇيۇپ،بىرلا چاچساق،تەبئى لىمون تازلاش سۇيۇقلىغى تەييار بولىدۇ.


4.لىمون سۇيى ماينى پارچىلاشقا ئىنتايىن ماھىر،بايا ياسىغان لىمون تازلاش سۇيۇقلىغىنى مەينەت قاچىغا چېچىپ،قەغەز بىلەن بىرلاسۈرۈتسەك،قاچا پاك پاكىز بولۇپ كېتىدۇ.


来源:腾讯视频@麦冬的乐事咯

 ئاپلېسىن پوستى قاچايۇيۇش سۇيۇقلىغى

1.كۆپلىگەن ئادەم ئاپلېسىن يىيىشكە ئامراق،ئاپلېسىن پوستىنى تاشلىۋېتىشكە ئالدىرماڭ،ئۇنىڭدىن تازلاش دورىسى ياسىغىلى بولىدۇ،ئاۋۋال ئاپلېسىن پوستىنى ئۇششاق پارچىلايمىز،ئاندىن ئۇنى ئەينەك قاچىغا سالىمىز.


2.ئەينەك قۇتىغا ئاپلېسىن پوستى چىلاشقۇدەك سۈزۈك سۇقۇيىمىز،ئاندىن يىمەكلىك شولتىسىنى سېلىپ،ئاغزىنى ھىم ئېتىپ قۇتىنى چايقايمىز،ئاندىن ئۇنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا سېلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئالىمىز،مانا ئاپلېسىن پوستى تازلاش دورىسى تەييار بولدى.



3.ئۇنى بىۋاستە مەينەت قاچىلارغا چېچىپ،سۈزۈك سۇداچايقىۋەتسەك،شۇ ھامان پاك-پاكىز بولۇپ كېتىدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى ئاپلېسىن پوستى بىلەنيىمەكلىك شولتىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك كىر چىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ بولغىنىدا، شۇڭامەينەتلەرنى بىردەمدىلا ھەل قىلىۋېتىدۇ.

مىۋىلەرنىڭ پوستىمۇ موشۇنداق پايدىلىق،ئەمدى يەنە مىۋەپوستىنى تاشلىۋەتسىڭىز بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق بولىدۇ.

Taam
每日分享美味菜谱和各种美食欣赏融汇最精致的美食
 最新文章