ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇننى تائام ئۈندىدارسالونىمىز تەييارلىغان ، سالونچىلار كۈچۈرسە پاش قىلىپ ئۈچۈرگۈزىمىز، ئەسكەرتمدى، دېمەڭ، بىرنەچچە سالوننى پاش قىلىپ بولدۇق
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ،يۇز تېرىسى بوشۇشۇش،ھەتتا قورۇق چۇشۇش ئەھۋاللىرى كورۇلۇپ ئادەمنى قېرى كورسۇتۇپ قويىدۇ،ئەگەر سىز قارىماققا 10 ياش ياش كۆرۈنەي دىسىڭىز تېرىنى چىڭىتىدىغان بۇ 10 خىل يىمەكلىكنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ
/ سۇ /
سۇسىزلىنىش ھەمىشە يۇزتېرىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۈچرىتىدۇ،سۇنى كۆپرەك ئىچكەندە تېرىگە سۇ تولۇقلىغىلى بولىدۇ.ئەڭ ياخشىسى بوتولكىلىق سۇ ياكى مېنىرال سۇ ، ساپ سۇ ھەرگىزمۇ سودا سۇيى ياكى قوۋۋەت سۈيى ئەمەس .
كۈندە ئاز دىگەندە 8 دىن 10 ئىستىكانغىچە سۇ ئىچىڭ
/ بېلىق گۆشى /
بېلىق گۆشى تەركىۋىدە ئاجايىپ بىر خىل خېمىيەلىك ماددا بار بولۇپ بۇ ماددا يۇز تېرە ئاستىدىكى مۇسكۇللارنى تېخىمۇ چىڭىتىپ يۇز تېرىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ
كۈندە 100-200 گىرام بېلىق گۈشى ھەپتىدە 3-4 قېتىم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ
/ قېتىق /
قېتىق بىر خىل ئىنتايىن ساغلام بولغان يىمەكلىك تەركىۋىدە ناھايىتى مول ۋىتامىن ئا بۇلۇپ ئۇ تېرە قورغاقلىشىشىنىڭ مۇڭگۈزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ھەر ھەپتىدە 3-5 قېتىم قېتىق ئىچىپ بەرگەندە تېرىنى چىڭىتىدۇ
/ چېچەكسەي /
چېچەكسەينىڭ تەركىۋىدە ناھايىتى مول بولغان ۋىتامىن ئا ، ۋىتامىن س ۋە كاوتىن بار بۇلۇپ يۇز تېرىسىنىڭ زەخمىلىنىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە تېرىنىڭ ئىلاستىنكىلىقنى ئاشۇرىدۇ
/ پەمىدۇر /
پەمىدۇرنىڭ تەركىۋىدە ئىنتايىن مول پەمىدۇر قىزىل ماددىسى بار بۇلۇپ بۇ ماددىنىڭ تەركىۋىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ يۇز تېرىسىنىڭ ئولتۇرا بىنەپشە نۇرنىڭ زەخمىلەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،شۇڭا پەمىدۇرنى ككپ يىگەندە يۇز تېرىسىنى قوغدايدۇ
ھەر ھەپتىدە 3-5 قېتىم يىسە مۇۋاپىق بولىدۇ
/سەۋزە /
قۇياش نۇرى ، ھاۋادىكى زىيانلىق تەركىپلەرقاتارلىق مۇھىت تەسىرى ياكى روھىيى بېسىم ۋە كېسەللىك يۇز تېرىسىنىڭ قېرىشنى تېزلەشتۇرۋىتىدۇ سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتېن يۇز تېرىسىدىكى قورۇقنى ئازلىتىدۇ
/ پۇرچاق تۈردىكىلەر /
پۇرچاق تۇردىكىلەرنىڭ تېرىنى چىڭىتىش رۇلى بار ،پۇتچاق تۇردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئاياللىق ھورمۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولى ئالاھىدە ياخشى ،شۇڭا پۇرچاق تۇردىكى يىمەكلىكلەر ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق
ھەر ھەپتىدە 3-4 قېتىم يىسە بولىدۇ
/ مۇراببا /
مۇراببا بۇلۇپمۇ ئۆرۈك مۇرابباسى ، بۆلجۈرگەن، مالىنا ،،قاراقات قاتارلىقلار، بۇ مۇراببالارنىڭ ناھەيىتى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار سىز قانچە كۆپ يىسىڭىز سىزنىڭ يۇز تېرىڭىزنىڭ ياش ،ساغلام تۇرىدىغان ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ
مۇراببانى ئىزىپ يېرىم قوشۇق قېتىق ،ۋە ھەسەل قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ يۇزگە سۈرۈپ 8 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز يۇيىۋەتسىڭىز يۇز تېرىڭىز تېخىمۇ پارقىراق بولىدۇ
/ قاتتىق شاكاللىق مېۋە/
ياڭاق ، قارىغاي ئورۇقى ، يەر ياڭىقى (خاسىڭ ) كۈنجۈت قاتارلىق قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنىڭ تەركىۋىدە ناھايىتى مول ۋىتامىن ئې بار بۇلۇپ ناھايىتى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېرىنى چىڭىتىش ،قارا پىگمېنىتنىڭ چۈكۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فونكىسيىسى بار
قاتىق شاكاللىق مېۋىلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر يۇقۇرى شۇڭا بىر قېتىمدا بەك كۆپ يىمەسلىك كېرەك
/ موگو /
كىشلەردائىم ئېتىبارسىز قارايدىغان موگومۇ بىر خىل تېرىنى چىڭىتىدىغان يىمەكلىكنىڭ بىرسى ئۇنىڭ تەركىۋىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن ۋە ئاقسىل ئۈسۈملۈك تالاسى بار بۇلۇپ تېرىنى چىڭىتىش ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ،شۇڭا كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قۇيۇڭ
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى تىلفۇنغا ساقلىۋالغاندىن كىيىن ،دوۋيىننى ئېچىپ سىكانىرلاش ئارقىلىق دوۋيىنىمىزنى قوشۇۋېلىپ تېخىمۇكۆپ
تائام فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىڭ
抖音号:TaamTv