ئۇ60ياشقىچەبىرۋاق تاماق يەپ بالاتۇغماي ھاياتىنى ئۇسۇلغا بېغشلىدى

文摘   2024-08-20 00:04   新疆  

ياڭ لىپىڭ تىلغا ئېلىنسىلا، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا جەزبىدار توز ئۇسسۇلى كىلىدۇ. 
كونىلاردا« سەھنىدىكى بىر مىنۇت ئۈچۈن، سەھنە ئارقىسىدا ئون يىل مەشىق قىلىش كېرەك » دېگەن گەپ بار. بىز پەقەت ئۇنىڭ سەھنىدىكى ئېسىل ئۇسسۇلىنىلا كۆرىمىز، لېكىن ئۇنىڭ سەھنىگە چىقىشى ئۈچۈن قانچىلىك قان تەر ئاققۇزغانلىقىنى بىلمەيمىز.

ياڭ لىپىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىدىكى« توزمەلىكە» .




ياڭ لىپىڭ 1958-يىلى يۈننەن دالىدىكى بىر گۈزەل شەھەردە تۇغۇلغان. ئاتا ـ ئانىسى بەيزۇ مىللىتىدىن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۇسسۇلغا قىزىقاتتى.كېيىن ئاتا ـ ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، ياڭ لىپىڭ ئائىلىسىنىڭ چوڭ قىزى بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئىنى ـ سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئويناشنى جاپالىق مەشىق قىلغان.


ياڭ لىپىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، شىشۇاڭبەننا ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە كىرىپ، سەككىز يىل مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى« توز مەلىكە» نى سەھنىگە چىقىرىپ،يۈننەن ئۆلكىلىك 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى ياقتۇرۇپ قالغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەر ئۇنى تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل« 雀之灵»نى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ بەدەن قىياپىتى ۋە ئۇسسۇل ماھارىتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى جەلپ قىلىدۇ، كۆپچىلىك ئۇنى ناھايىتى يېقىملىق قىلىپ« توز مەلىكىسى» دەپ ئاتايدۇ. ياڭ لىپىڭمۇ«بېيجىڭ گېزىتى» تەرىپىدىن شۇ يىللىق ئون چوڭ ئاخبارات ئەربابىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ.


كېيىنكى ياڭ لىپىڭ يەنە نۇرغۇن ئۇسسۇلنى ئىجاد قىلدى، ئەسەرلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكى بار، كىنو فىلىملەرسىمۇ ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ« قەھرىمانلىق رىۋايىتى» ناملىق فىلىمدە مېي چاۋفېڭنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلمىدى.

ئۇسسۇل ئۈچۈن ياڭ لىپىڭ زور بەدەل تۆلىدى
بىز ھەممىمىز ئۇسسۇل ئۆگىنىدىغانلارنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى، يەنە ياخشى بەدەن شەكلىنى ساقلىمىسا بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. لىكىن ياڭ لىپىڭ ئۇسسۇل ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلىدى.




ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يېڭى كەلگەن ياڭ لىپىڭ شۇ جاينىڭ سۈيى ياقمىغاچقا، بەدەن ساپاسى بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، لىكىن ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇسسۇل مەشىق قىلىشتىن ۋاز كەچمىدى، ياڭ لىپىڭ« ئېغىر» تېنىنى سۆرەپ ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالدى.

ئۇنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىمۇ ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، 20 يىل گۈرۈچ تامىقى يەپ باقمىغان، ئەتىگەنلىكى ئاساسەن ناشتا قىلمايدۇ، ئەگەر يېيىش توغرا كەلسە پەقەت بىر تاللا ئالما يەيدۇ، چۈشلىك تامىقىغا ئازراق ھەسەل ۋە بىرنەچچە چىشلەم بېلىق گۆشى ياكى كالا گۆشى يەيدۇ، ئاساسەن كەچلىك تاماق يېمەيدۇ.
 
 سۈرەتتىكى ياڭ لىپىڭ 60 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىچىك قىزلاردەك زىلۋا بەدىنى ۋە سۈتتەك ئاق تېرىسىدىن 60 ياشقا كىرگەن ئايالنىڭ تۇيغۇسىنى بەرمەيدۇ.


ئۇنىڭ بەدەن شەكلىگە سانسىزلىغان ئاياللار ھەۋەس قىلاتتى، ھەتتا داڭلىق رېژىسسور فېڭ شياۋگاڭ ئۇنى ماختاپ: « ياڭ لىپىڭ ئادەم ئەمەس، پەرىزات » دېگەن.
 
ئادەتتە بىز «  % 1 تۇغما تالانت % 99 تەر ئاققۇزۇلغاندا ئاندىن مۇۋاپپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ» دەيمىز. ياڭ لىپىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم سەھنىدە يىقىلىپ چۈشۈپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. پەي سۆڭەكلىرى زەخىملەنگەن بولسىمۇ تۇلۇق ئەسلىگە كەلمەستىنلا يەنە سەھنىگە قايتىپ كەلدى.

ئۇ ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقاندا، ئۇدا بىر ھەپتە ھەر كۈنى پەقەت بىر سائەتلا ئۇخلايتتى، ئۆزىڭىزنىڭ كۈندە بىر سائەت ئۇخلاپ جاپالىق مەشىق قىلغان ھالەتنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ.
 
توز ئۇسسۇلىنىڭ روھى تىرناقتا، شۇڭا ياڭ لىپىڭ 15 سانتىمېتىر تىرنىقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، يەنە ئۆزىنىڭ« تىرناقلىرى» نى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىدۇ.ھەر يىلى تىرناق ئاسراش ھەققى ئۈچۈن 180 مىڭ يۈەن كېتىدۇ.  (ھەي بىر تىرناق ئۈچۈن يىلدا 180 مىڭ يۈەن، نۇرغۇن كىشىلەر يىلدا بۇنچىلىكمۇ پۇل تاپالماسلىقى مۇمكىن)
 

تىرناق بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا قولايسىز، شۇنداق بولغاچقا ئۆي تازلاش كىر-قات يۇيۇش دىگەندەك ئىشلارغا ھەرگىزمۇ يېقىن كەلمەيدۇ، ھەتتا يۇيىنىشتىن تارتىپ شەخسى ئىشلىرىغىچە ياردەمچىسى يېنىدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىز ياڭ لىپىڭنىڭ ئۇسسۇلغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.
 

ياڭ لىپىڭنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىمۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ ئىلگىرى ئىككى قېتىم توي قىلغان، لېكىن كىيىن يەنىلا ئاجرىشىپ كەتكەن.
تۇنجى ئېرى بىلەن ئۇنىڭ ئوخشاش ئىنتىلىشى بار، تۇنجى ئېرىمۇ بىر ئۇسسۇلچى، بىراق ئەينى چاغدا ياڭ لىپىڭنىڭ يېشى كىچىك، پەرزەنتلىك بولغۇسى يوق بولغاچقا، ئىككىيلەن ئاجرىشىپ كەتكەن.
 

ئۇنىڭ ئىككىنچى ئېرى بىر كاتتا باي، گەرچە ياڭ لىپىڭنى ئاسراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياڭ لىپىڭنى تېزرەك تۇغۇشقا ئالدىراتتى. ئۇلاردوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتكەندە، دوختۇر ياڭ لىپىڭ: بەدەن مېيى بەك تۆۋەن، بالا تۇغسا بولمايدۇ؛ لېكىن سەمىرسە تۇغۇش مۇمكىنچىلىكى بار دېگەن.
 


ئاخىرىدا، ياڭ لىپىڭ يەنىلا ئۇسسۇلنى تاللىدى، ئۇسسۇل ئويناش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى بالىلىق بولماسلىقنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرغۇن كىشىلەر60 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىرمۇ پەرزەنتى يوق، ئۇ كەسپتە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ھاياتى مۇكەممەل ئەمەس دېيىشدۇ. 
 
ياڭ لىپىڭمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:  مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىم ناھايىتى قالتىس، مۇكەممەل بولدى، نېمە ئۈچۈن بالا بولغاندىلا كىشىلىك تۇرمۇش مۇكەممەل ھېساپلىنىدۇ؟
بۇ ئۆمرۈمدە، ياڭ لىپىڭ ئۇسسۇلغا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ، نۇرغۇن تورداشلار ئۇنى بەختلىك ئەمەس دەيدۇ، ياڭ لىپىڭ ئىلگىرى زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دېگەن: بىر كىچىك چۈمۈلىمۇ مېنىڭ بالام، مېنىڭ ئۇسسۇل ئەسەرلىرىممۇ مېنىڭ قىزىم!

ئۇ جۇڭگودىكى تۇنجى شەخسىي ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ئۇسسۇلچى.


2000 ـ يىلى،دالىدىكى ئېرخەي كۆلىدە، ياڭ لىپىڭ ئىككى يۈرۈش داچا سالدۇرغان،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، لايىھىلەش ۋە بېزەش ئۈچۈن 35 مىليون يۈەن خەجلىگەن.


مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل بولۇپ، كىشىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ ئاتايىن زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئوردىسىنىڭ بىر قىسمىنى يەتتە ئېغىز ياتاققا ئۆزگەرتىپ، كۆپچىلىكنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىدى.

گەرچە ھەر كۈنلۈك باھا 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە بولسىمۇ، لېكىن يىل بويى يەنىلا توشۇپ كېتىدۇ.


 20 يىل ئىلگىرى، ئۇ بىر يىلدا مىليون يۈەن كىرىم قىلغان.

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ياڭ لىپىڭ رەسمىي سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.

2004- يىلى، ئۇ يۈننەننىڭ ئوبرازى بولدى، يەنە داڭلىق رېژىسسور جاڭ يىمونىمۇ ئۆزىگە تارتتى.



ئىككىيلەن 30 سېكۇنتتىلا 3 مىليون ئېلاننى قولغا كەلتۈردى.

2012 ـ يىلى، ياڭ لىپىڭنىڭ يۈننەن مەدەنىيىتى 30 مىليون يۈەن مەبلەغنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزدى، شىركەتنىڭ مۆلچەر قىممىتى 100 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.

2014 ـ يىلى، ئۇ تۇتقان يۈننەن مەدەنىيىتى رەسمىي بازارغا سېلىندى.

 شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 900 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئەمما ياڭ لىپىڭنىڭ باھاسىمۇ 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

ھازىرقى ياڭ لىپىڭ ئۆزىنىڭ ساماۋەر شورپىخانىسىنى ئېچىپلا قالماي، يەنە توز ناملىق قىزىل ھاراق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.


DUTTAR NAHXiLiRi
مەخسۇس دۇتتار مەمبۇر ناخشىلىرى يوللايدىغان سالۇن قۇرۇلدى تىزدىن كىرىپ ئەزا بۇلۇڭ ناخشىلار سەرخىل
 最新文章