ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ۋەقە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئوق - دورا پۇرىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى، چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ 121 - رازۋبدكا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، ئايروپىلاندىكى 31 ئادەمنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىدى. بۇ چاۋشيەننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە قاراتقان بىر قېتىملىق كەسكىن ھۇجۇمى، شۇنداقلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخىدىكى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى. بۇ چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق قارشىلىشىش ئەمەس. چاۋشيەن ئۇرۇشىدىن باشلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاداۋىتى خۇددى تامغىدەك چوڭقۇر بولدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى «ب د ت ئارمىيەسى» نامىدا ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قول تىقىپ، چاۋشيەننى ھالاكەت گىردابىغا قىستاپ كەلدى،
جۇڭگو پىدائىي قوشۇنىنىڭ يېتىپ كېلىشى چاۋشيەننى بۇ ھايات - ماماتلىق بالايىئاپەتتىن قۇتۇلدۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىغا بولغان دۈشمەنلىكى خۇددى توسمىنىڭ كەينىدىكى كەلكۈنگە ئوخشاش ھەر ۋاقىت ئېتىلىپ چىقىشقا تەييارلاندى. چاۋشيەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئادەتتىكى رازۋېدكا ئەمەس، بەلكى يالتىراق ئىغۋاگەرچىلىك. بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، چاۋشيەن ھاۋا ئارمىيەسى تېزلىكتە مىگ - 21 تىپلىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئەۋەتىپ،
خۇددى ئىككى ئۆتكۈر پىچاققا ئوخشاش ئاسماننى يېرىپ ئۆتتى. كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن تەڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا نىشانغا دەل تەگدى، غايەت زور رازۋېدكا ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى، پارچىلار ۋە ئوت يالقۇنى ئاسماندا چاقنىدى. بۇ بىر قېتىملىق قىلچە ئىككىلەنمەستىن قايتۇرما زەربە بېرىش، چاۋشيەننىڭ دۇنياغا
ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايان قىلىش چۇقانى. ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن،
چاۋشيەن قالدۇقلىرىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ، بۇ دۆلەتنى قوغداشتىكى زۆرۈر تەدبىر، پوزىتسىيەسىنىڭ قاتتىقلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، دەپ بايانات ئېلان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتە ئامېرىكا سۈكۈتكە چۆمدى. ئەڭ دەسلەپكى تەھدىت ۋە قاتتىق سۆزلەر ناھايىتى تېزلا ئىز - دېرەكسىز يوقالدى. ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى، بۇ خىل پەرق كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تاللىشىنى چۈشىنىش تەس بولسىمۇ، لېكىن ئامالسىزلىق بىلەن تولغان.