رۇسيە بۇمباردىمان قىلسا بۇلمايدىغان جاينى بۇمباردىمان قىپ سالدى!

文摘   2025-01-16 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


ۋاڭيى خەۋەرلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. يېقىندا، رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە، ئويلىمىغان يەردىن «ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ يۈرىكى» دەپ ئاتالغان ماداشىچ شىركىتىنىڭ زاۋۇت بىناسىنى پارتلىتىۋەتتى، بۇ ھەرىكەت ئۇكرائىنانىڭ ئاۋىياتسىيە سانائىتىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىتىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى. ماداسىچ شىركىتى ئىلگىرى دۇنياغا داڭلىق ئاۋىئاتسىيە ماتورى ياساش سودىگىرى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن داڭق چىقارغان. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ماداسىچ تەدرىجىي زاۋاللىققا يۈزلەندى. 2016

- يىلى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ماداسىچ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى، جۇڭگو شىركىتى %75 پايغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆچمە مەبلەغ كىرگۈزۈپ، ئۇنى داۋاملىق تىجارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئەمما، بۇ ھەمكارلىق ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى، ئاخىرىدا ماداشىچ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى جاكارلاندى، جۇڭگو شىركەتلىرى سالغان زور مەبلەغ ۋە ئېرىشكەن پاي يوققا چىقتى. بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ ماداسىچ زاۋۇتىنى پارتلىتىۋېتىش ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىن ئۈمىدسىزلىنىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئەسلىدە جۇڭگو روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق سىبىرىيە رايونىنىڭ مول بايلىقىنى ئورتاق ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ھالبۇكى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەبلەغ سېلىش دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋالالمىدى. ئىگىلىنىشىچە، ماداسىچ پارتلىتىۋېتىلگەچكە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ 4 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان، بۇ زور سوممىلىق قەرز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشىدىكى بىر چوڭ ساۋاق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئەسلىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە ئىدى، لېكىن بۇ قېتىمقى ۋەقە جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. كەلگۈسىدە جۇڭگو - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو سوغۇققان ۋە ئاقىلانە بولۇشى، ھەم ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشى، ھەم زىيادە ئىنكاسنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگومۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىرلا دۆلەتكە تايىنىۋېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. خەلقئارا سەھنىدە، جۇڭگو تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دىپلوماتىيە سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

HaWaRqi BaLa
سالونىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەي .
 最新文章