ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
رۇسىيە - ئۇكرائىنا كۇرسك جەڭ مەيدانى ۋەزىيىتى يېقىندىن بۇيان يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. ئۇكرائىنا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە - چاۋشيەن بىرلەشمە ئارمىيەسىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغاپ، رۇسىيە - چاۋشيەن بىرلەشمە ئارمىيەسىدە 200 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان، بۇ چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانىدا تۇنجى قېتىم ماھىيەتلىك تالاپەتكە ئۇچرىشى بولۇپ، رۇسىيە تاراتقۇلىرى بۇ ئۆلۈش - يارىلىنىش سانىنى ۋاسىتىلىك ئىسپاتلىغان. كۇرسىك ئۇرۇشىدا چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ ئۆزگىچە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇلار تۇيۇقسىز زەربە بېرىش تاكتىكىسىنى ئاساس قىلىپ، «تېز» ۋە «تېشىپ ئۆتۈش» كە ئەھمىيەت بەردى. ئۇرۇش قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئەسكىرىي كۈچنى تار ئۇرۇش سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ،1 - ئېشېلون يوچۇق ئاچقاندىن كېيىن،2 - ئېشېلون تېزلىكتە دۈشمەننىڭ يان قانىتى ياكى ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ، مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل تاكتىكىدا سۈرئەت، ھەرىكەتچانلىق ۋە مۇتلەق ئەسكىرىي كۈچ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئەسىنى تېز سۈرئەتتە بۇزۇپ تاشلاش رۇسىيە ئارمىيەسىدە كەمچىل بولغان تاكتىكا ساپاسى ئىدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ چوڭ قايتۇرما ھۇجۇمى ئالدىدا، رۇسىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننىڭ خىللانغان ئالاھىدە قىسمى − 92 -،94 - ئالاھىدە ئۇرۇش لۈيىنى ئەڭ خەتەرلىك ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندۇردى.
بۇ ئىككى قىسىم پلېخوۋودىن كىچىك لوكنىيەگىچە بولغان لىنىيەدە ھەرىكەت قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سېپىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، مۇداپىئە سىستېمىسىنى پارچىلىماقچى بولدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئىككى ئالاھىدە لۈي ئايرىم زەربىدار ليەنلەرگە تايىنىپ سىڭىپ كىرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمايدۇ، بەلكى بارلىق يىڭ، ليەن، بەن، پەيلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل سىڭىپ كىرىش ۋە قىستۇرۇلۇپ كىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. چاۋشيەن ئالاھىدە قىسمىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا 92 - ئايروپىلان پىيادە ئەسكەرلەر لۈيى ۋە 95 - زەربىدارلار لۈيىدىن ئىبارەت ئىككى خىل قىسىمنى ئەۋەتتى. ئۇلار جەڭ مەيدانىدا تارقاق بولۇش، كىچىك شۆبە ئەترەت كىچىك شۆبە ئەترەتكە تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، چاۋشيەن ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توستى. ئەمەلىي جەڭدە چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ ئاجىزلىقىمۇ تولۇق ئاشكارىلاندى. بولۇپمۇ تېخنىكا ۋە تاكتىكا جەھەتتە، چاۋشيەن ئالاھىدە قىسمى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ ئاكوپلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەنت - بازارلارغا كىرىپ ئۇرۇش قىلغاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرىدى، قوغداش ۋە تاقابىل تۇرۇش ۋاسىتىسى كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇن ئەسكەرلەرگە ئوق تېگىپ، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى مول بولۇپ، چاۋشيەن ئالاھىدە قىسمىنىڭ ھۇجۇم رېتىمىغا ئاساسەن تېز سۈرئەتتە تەڭشەش ئېلىپ بارالايدۇ. چاۋشيەن پىيادە ئەسكەرلىرى ھۇجۇم قىلغاندا تېز ھەم خەتىرى يۇقىرى تاكتىكىنى قوللىنىپ، رازۋېدكا ۋە توپ - زەمبىرەك تەييارلىقىنى ئازراق قىلىپ، پىيادە ئەسكەرلەرنى بىۋاسىتە بۆسۈپ ئۆتىدۇ. كۈندۈزى پىيادە ئەسكەرلەر بىر قاتار كالوننا بىلەن مىنا رايونىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا ئەندىزىسىنى قوللىنىپ تېز سۈرئەتتە سىڭىپ كىرىدۇ، گەرچە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر مەھەل قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل تاكتىكىنىڭ نۇقسانلىرى ناھايىتى روشەن:رازۋېدكا قىلىش ۋە ئوت كۈچى بىلەن قوغداش كەمچىل، ناۋادا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئوت كۈچى بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئۇچرىسا، پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دەسلەپكى مەزگىلدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ رازۋېدكا قىلىش زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، چاۋشيەن ئالاھىدە قىسمىنىڭ يۆنىلىشىنى ئالدىن ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىناميوت ۋە ئاپتوماتىك گرانات قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىچ ئوت كۈچى بىلەن توستى، بۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن ئالاھىدە قىسمىنىڭ كېيىنكى جەڭلەردە ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى يەنىمۇ كۆپەيدى.