نىتانىياخۇ پۈتۈن دۇنيانى ئالدىدى!ئىسرائىليە يەنە بۇمباردىمان قىل

文摘   2025-01-19 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن تېپىلغۇسىز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا بۇ ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرى ئاياغلىشىدۇ، غەززە رايونىدىمۇ پۇقرالار بۇنىڭلىق بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلمايدۇ دەپ قارىدى. ئەمما 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە غەززەدىن يەنە بىر قېتىم ئاۋاز ئاڭلاندى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بومبىسى بۇ يەرگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى، ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن يەنە 70 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى زادى غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئاخىرلىشىشىمۇ ياكى يېڭى ھەربىي باسقۇچنىڭ باشلىنىشىمۇ؟ ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ( ماتېرىيال سۈرەت ) نىتانىياخۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى توستى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتىدە 70 ئادەم قازا قىلدى،200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى،

بۇنىڭ ئىچىدە 19 بالا زەمبىرەك ئوقىدا پارتلاپ ئۆلدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن نورمال تۇرمۇشنى كۈتۈۋالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كەلگۈسى يەنە بىر قېتىم ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن چېقىلىپ يەرگە چۈشتى. ئارقىدىن خاماس «كاسان لۈيى» سىرتقا غەززەدىكى ئىسرائىلىيە بىلەن ئالماشتۇرۇش پىلانلانغان ئايال ئەسىرلەر قامالغان ئورۇننىڭمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەركىتىنى چۈشەندۈرگەندە، كۆزلىگەن جايدىكى خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرمىگەن، ئۇلار ھەتتا بۇ ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ زادى خاماسمۇ ياكى پۇقرامۇ ياكى ئۇرۇش ئەسىرلىرىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇنى ئاقلىدى، ئۇلار خاماس ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى يەنە باشقا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، دېدى. ئىسرائىلىيە بۇ خىل تەكرارلىنىش خاماس ئۆز ئالدىغا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ،

ئىسرائىلىيەگە غېرىچقا ئېرىشىپ غۇلاچقا تىكىلىدىغان تەلەپ دەپ قارىدى. تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇشنىڭ كونكىرىت تەپسىلاتىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يەنە زور تالاش-تارتىش مەۋجۇت. غەززە رايونى ( ماتېرىيال خەرىتىسى ) كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن پىلان بويىچە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇرۇش توختىتىش مەقسىتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئەمەلگە ئاشىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ 19-چېسلادىن باشلاپ، خاماس تۇتۇپ قېلىنغان 33 ئادەمنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلىيە تەرەپمۇ تۇتۇپ قېلىنغان خاماس خادىملىرىنى قويۇپ بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئۆزئارا ئادەم ئالماشتۇرىدۇ. كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى باسقۇچىنى ھازىر ئىككى تەرەپ سىرتقا ئاشكارىلىمىدى. بۇ مەزمۇنلاردىن تەھلىل قىلغاندا، ئىسرائىلىيە ئېيتقان خاماس كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى باسقۇچتىكى مەزمۇنغا تەۋە بولۇشى كېرەك.

بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىدە، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلار پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلسە، ئۇنداقتا كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى 33 تۇتقۇننىڭ تىزىملىكى بۇزۇلامدۇ - يوق؟ خاماس جەمئىي 250 تۇتقۇننى تۇتۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى تۈركۈمدە ئالماشتۇرۇلىدىغان خادىملارنىڭ تىزىملىكى مۇددەتتىن بۇرۇن بېكىتىلىپ بولدى، خاماسنىڭ خادىملارنى تولۇقلاش پۇرسىتى يوق. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىۋاسىتە ئوت ئېچىش ھەمدە قارشى تەرەپنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەش ئىشى لىۋان ھ پارتىيەسى تەرەپتە نەچچە قېتىم كۆرۈلگەن.

ھازىر ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، سەكرەپ چىقىپ نىتانىياخۇنى ئەيىپلىدى. كېلىشىم ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەتتە دۆلەت يەنە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە غەربنىڭ يۈزىگە كوللېكتىپ ئۇرۇلغانلىقىنى ماختىدى. ئىسرائىلىيە ئىچكى كابېنتى ( ماتېرىيال خەرىتىسى ) ئىسرائىلىيە ھېلى ئۇنداق، ھېلى ئۇنداق ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىدىن نىتانىياخۇنىڭ ئۇرۇش توختاتقاندىن كېيىن يەنە ئويۇن ئويناشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىمزا قويۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى يېرىم كېچىدە خەۋەر تارقىتىپ، خاماس تەرەپنىڭ يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن غەلىتە يېرى شۇكى، بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە يەنە خاماسنىڭ يېڭى تەلەپنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئاتالمىش يېڭى تەلەپ غەززە رايونىدىكى فىلادېلفىيە ئوق سىزىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئوق لىنىيە كارىدورى غەززە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ،1978 - يىلى مىسىر بىلەن ئۇرۇش توختاتقاندىن كېيىنكى كېلىشىمنىڭ ئارىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يەر ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك مەۋجۇتلۇقى غەززە بىلەن مىسىر زېمىنىنىڭ چېگرىسىنى بۆلۈپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قورال - ياراغ ئەتكەسچىلىكى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. فىلادېلفىيە ئوق سىزىقى ( ماتېرىيال خەرىتىسى ) ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ ئوق سىزىقى خاماسنىڭ كونتروللۇقىدا بولماسلىقى كېرەك.

ئەمما ئارقىدىن خاماسنىڭ بۇ ئوق سىزىقتىكى تەلىپىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق كېلىشىمنىڭ پروگراممىسى تەڭشىلىشى مۇمكىن. بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئوق سىزىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چوڭ يۆنىلىش جەھەتتىكى مەنپەئەتكە يول قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا پروگراممىنى ئۆزگەرتىدۇ. يەتتە دۆلەتنىڭ يۈزىگە خالايىقنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغاندىن باشقا، بىدېن 30 مىنۇتلۇق خوشلىشىش نۇتقىدا، چىقىپلا ئالدى بىلەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تىلغا ئالدى. غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىش پۈتۈنلەي ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىدېن ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ قويغىلى تاس قالدى.

HaWaRqi BaLa
سالونىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەي .
 最新文章