ئىسرائىلىيە راستىنلا ئالاقزادە بولۇپ كەتتى!برازىلىيە تۇتۇش بۇيرى

文摘   2025-01-10 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


ئىسرائىلىيە راستىنلا ئالاقزادە بولۇپ كەتتى! برازىلىيە ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا 

ئايلاندۇردى. يەر شارى قوغلاپ تۇتۇش!


 برازىلىيە يېقىندا دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىشنى قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن برازىلىيە چېگرىسى ئىچىدە دەم ئېلىۋاتقان بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى قولغا ئېلىشنى پىلانلىدى. بۇ ھەرىكەت «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە جازالانمايدۇ» دېگەن ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئازاب ئوقۇبەتتە قالغان پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۆۋەندىكىسى ۋەقەنىڭ كونكرېت جەريانى:ھىند راجاب فوندى جەمىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىبلەشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بىرازىلىيە سوتچىسى بۇ ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

ئەيىپلەشنىڭ مەزمۇنى بۇ ئەسكەرنىڭ غەززە رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىنى كەڭ كۆلەمدە چېقىشقا چېتىشلىق ھەركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. برازىلىيە ساقچىلىرى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى. ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، بۇ ئەسكەرنىڭ برازىلىيەدىن قېچىپ كېتىشىگە جىددىي ياردەم بەردى. گەرچە ئەسكەرلەر قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، برازىلىيە ساقچىلىرى يەنىلا ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ قوغلاپ تۇتۇشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيە شۇ سەۋەبتىن ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئۇچۇرىنى مەخپىي ساقلاشقا ئاگاھلاندۇرۇپ،

قانۇنىي دەۋانىڭ ئالدىنى ئالدى. بىرازىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارادا غايەت زور تەسىر پەيدا قىلدى، ھەتتا پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ساراسىمىگە سالدى. < < رىم ئەھدىنامىسى > > گە ئاساسەن، شەرتنامە ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى تەكشۈرۈش ۋە جازالاش ھوقۇقى بار.

ئەگەر ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرازىلىيەگە ئوخشاش باتۇرلۇق بىلەن ھەرىكەت قىلسا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى خەلقارادا ئومۇميۈزلۈك قوغلاپ تۇتۇلۇشى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. بۇ قېتىم برازىلىيە ھەقىقەتەن بەك ياخشى قىلدى. 

HaWaRqi BaLa
سالونىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەي .
 最新文章