ئۇرۇش ئەھۋالى كەسكىن بولدى!قۇسەي قوراللىقلىرى ئوڭ - سولغا ئوقيا…

文摘   2025-01-12 22:15   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرىدىن ئىبارەت بۇ نامى چىقمىغان يەرلىك قوراللىق كۈچ ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىغا ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتلەرنى ئارقا - ئارقىدىن پەرقلەندۈردى. ئىسرائىلىيە ئالدىنقى بىر سىكونتتا قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ رەھبىرىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن قاتتىق گەپ قىلدى، كېيىنكى بىر سىكونتتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. ئامېرىكا تەرەپمۇ ھېچقانچە ياخشى بولالمىدى، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىشى ئالدىدا، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىز ئاۋىياماتكا ئەترىتى ھەتتا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسرائىلىيە ئەڭ ئاۋۋال بۇ توقۇنۇشتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئىسرائىلىيەنى ھالسىرىتىپ قويدى. 24 - دېكابىردىن 25 - دېكابىرغىچە، قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇدا ئىككى كۈن پەلەستىننىڭ 2 - تىپلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا نىشانىنى تېل ئاۋىۋدىكى يافا رايونىغا قارىتىپ ئاتتى. ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ سىرتقا بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى خەلق ئاممىسىنى خاتىرجەم قىلالمىدى. چۈنكى توسۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارچىلىرى چۈشۈپ كېتىپ يەنىلا ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ترېۋوگا ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، نەچچە مىليون خەلق ئاممىسى پاناھلىنىش

ئورنىغا كۆپ قېتىم كىرىشكە مەجبۇر بولدى، بۇ خىل جىددىي ھالەت روشەنكى ئۇلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، ئىسرائىلىيە ھەر قېتىم قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالالمايدۇ. 21 - دېكابىر يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېل ئاۋىۋدىكى مەھەللىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەگدى،16 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئادەم ئەينەك پارچىلىرى ياكى پاناھلىنىش يولىدا يارىلاندى. بۇ ۋەقە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسىدىكى يوچۇقنى ئاشكارىلاپلا قالماي، قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئىسرائىلىيە بىر تەرەپتىن ئۈچ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى كۆپەيتىپ، مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قۇسەي قۇراللىقلىرى كونتىروللىقىدىكى يەمەن رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.

بىراق رىئاللىق شۇكى، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى ھەر قېتىملىق ھەرىكەتتە ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، تەننەرخ ۋە مۇرەككەپلىك ئۇنىڭغا زىچ زەربە بېرىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. نىتانىياخۇنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئامالسىزلىق، بەلكىم تاياق يەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئىلگىرى قۇسەينى كۆزگە ئىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئويلىمىغان يەردىن بۈگۈنكى كۈندە ئۆرۈلۈپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ بۇ توقۇنۇشتىكى ئىپادىسى ئوخشاشلا كىشىنى ئويغا سالىدۇ. قۇسەي قوراللىقلىرى ئىسرائىلىيەنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماي، يەنە مىلتىقىنى ئامېرىكىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى ئاۋىياماتكا ئەترىتىگە قاراتتى. يېقىندا قۇسەي قوراللىقلىرى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، يەنە سەككىز چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 17 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىپ، ترۇمېن ناملىق ئاۋىياماتكا ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچى ئەترىتىگە بىۋاسىتە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى.

بۇ ھۇجۇم ئامېرىكا ئارمىيەسىنى تەمتىرىتىپ قويدى،

ئاۋىياماتكا ئەترىتى بازىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، ھەتتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە ئۇرۇش ئايروپىلانى قىزىل دېڭىز ئاسمىنىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. گەرچە ئامېرىكا سىرتقا ئۆزىنىڭ خاتا زەربە بېرىپ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مەيلى راست بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قۇسەي قوراللىقلىرى ھەقىقەتەن ناھايىتى باتۇر، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئامېرىكا ب د ت غا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە تەشەببۇسكار بولالىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىدىن بولغان.

HaWaRqi BaLa
سالونىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەي .
 最新文章