زېمىنى دۆلىتىمىزنىڭ 10دىن بىر قىسمى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سا…

文摘   2024-07-31 23:55   新疆  



تارىخچىلار


مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى

زېمىن دۆلىتىمىزنىڭ ئوندىن بىر قىسمى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سانى جۇڭگودىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ دۆلەت ئىنتايىن خەتەرلىك! 

ھەربىي ئىشلاردىن خەۋىرى بار دوستلارنىڭ ھەممىسى بۇنى ئوبدان بىلىدۇ يادرو قورالىنىڭ كۈچى بەكلا زور، يادرو قوراللىرى تۇنجى قېتىم دۇنياغا يۈزلەنگەندىن بۇيان، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدە شۇ سەۋەبتىن قاتتىق داۋالغۇش يۈز بەردى يادرو قورالى بار دۆلەت، خەلقئارا سەھنىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى زور دەرىجىدە ئاشتى، يادرو قورالى يادرولۇق تېخنىكىسىنى ئىگىلىيەلمىگەن دۆلەتلەر بولسا، پەقەت ئاشۇ ھەربىي چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشنىلا تاللاپ كەلدى، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى ئامېرىكا بولدى يادرو قورالىنىڭ سانىغا تايىنىپ مۇتلەق ئالدىدا تۇرىدۇ، ئامېرىكا ئىزچىل تەپ تارتماستىن، ئەتراپتىكى بەزى كىچىك دۆلەتلەرگە ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى. 

دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە نەزەر سالساق، كۆلىمى كىچىك، نوپۇسى ئاز كىچىك دۆلەتلەر يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشقا ئەسلا ماس كەلمەيدۇ، خەلقئارا سەھنىدىمۇ ئۆزىنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمايدۇ، لېكىن سىلەر دۇنيا تارىخىدا، يەنە مۇشۇنداق بىر دۆلەتنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىلەر، ئۇنىڭ زېمىنى پەقەت جۇڭگونىڭ 20دىن بىرى، ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلىدە، ئۇنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ سانى بىزنىڭكىدىن توپتوغرا بەش ھەسسە كۆپ بولغان، بۇ دۆلەت دەل ئۇكرائىنا. 


ئوكرائىنانىڭ يەر كۆلىمى 600 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما، ئۇ باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر سەل قاراشقا بولمايدىغان ھەربىي كۈچكە ئىگە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولدى نائىلاج پارچىلاندى، ئەينى چاغدىكى ئوكرائىنا دەل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى نۇرغۇن بايلىق ۋە قورال-ياراغلارنى ئوكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بۆلۈشۈۋالدى، ئوكرائىنا بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن نۇرغۇن ھەربىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى قوبۇل قىلدى ئەينى چاغدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوكرائىنادا جەمئىي ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي سانائەت كارخانىسى بار. يەنە ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق تېخنىكا خادىمى مۇلازىمەت قىلىدۇ، پەقەت ھەربىي ساھەدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ سانىلا، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنادا يەنە كۆپ خىل يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللار بار. 

ئۇكرائىنا قوبۇل قىلغان بىر قاتار قوراللار ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى 1300 دانە يادرو ئوق بېشى ئىدى، بۇنداق زور سان ئۇكرائىنانىڭ يادرو قورالىنى بىر كېچىدىلا جۇڭگونىڭ بەش ھەسسىسىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈردى. بۇ غايەت زور ھەربىي بايلىق ئۇكرائىنانىمۇ بىراقلا دۇنيادىكى بەشىنچى چوڭ ھەربىي دۆلەتكە ئايلاندۇردى. كىيىن نۇرغۇن تاشقى ۋە ئىچكى سەۋەب ئىقتىساد يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا بۇ يادرو ئوق باشلىرىنى روسىيەنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئارقىدىن نۇرغۇن يۇقرى پەن-تېخنىكىلىق قوراللار ۋە باشقا چوڭ تىپتىكى ھەربىي جابدۇقلارنى جۇڭگۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادى گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا سېتىپ بەردى.


ئەڭ نادىر مەزمۇنلار مۇشۇ سالۇندا


TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章