ئولىمپىك مېدالىنىڭ ھەممىسگە بىرلا دۆلەت ئېرىشكەن ئولىمپىك مۇسابى

文摘   2024-10-11 20:38   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى





تارىختىكى ئەڭ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەتتا جۇڭگومۇ قاتناشمىغان، مۇسابىقە مېدالىنىڭ ھەممىسگە ئاساسەن ئۆتكۈزگۈچى دۆلەت ئېرىشكەن

ھەر بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، شان ـ شەرىپى ئەڭ يۇقىرى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە ئايلاندى. مۇسابىقە مەيدانىدا جان تىكىپ كۈرەش قىلىۋاتقان كەسپىي ماھىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىش بولسا ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىش. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ خەلقارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياش تەنھەرىكەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نۇرغۇن ياش تەنھەرىكەتچىلەرنى ئەۋەتىدۇ.  ئەمما ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مېدالىنى ئېلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. پەقەت تەنھەرىكەتچىلەر جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر نۆۋەتلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2008ـ يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆلىمى ۋە مۇكەممەل مۇسابىقە تۈزۈمى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى باشقا نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى غۇۋا كۆرسىتىپ قويدى. لېكىن سىز بىلەمسىز؟ تارىختىكى ئەڭ ئوڭايسىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىشى ئەڭ تەس بولغان بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەيەردە ئۆتكۈزۈلگەن؟

بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1980ـ يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەينى ۋاقىتتا زادى قانداق ئەھۋال يۈز بەردى1980ـ يىلى موسكۋا يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولۇپ، ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن قارشىلىشىۋاتاتتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئەينى چاغدىكى موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.

ت. 1979ـ يىلى روژدېستۋا ھارپىسىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى، ئامېرىكىمۇ ئالدى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرمىسە، ئۇنداقتا موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1980ـ يىلى 5ـ ئايدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى يەنىلا ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمىدى. بۇنداق ئۇسۇل ئولىمپىك روھىنى بۇزدى. شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى رازى قىلالمىدى. جۇڭگومۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنە ئامېرىكىدىن باشقا، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمىدى، ئەڭ ئاخىرىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا تەخمىنەن 80 گە يەتتى.

بۇنداق ئىنتايىن كىچىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمىمۇ موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا ئەڭ ئېچىنىشلىق ئۆتكۈزۈلگەن بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئايلاندۇردى. باشقا دۆلەتلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمىدى، شۇ چاغدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرىش مۇراسىمىدا ئادەم تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەتلەر ئىچىدە 16 دۆلەت دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىرىشنى رەت قىلدى، بەزى دۆلەتلەر ئولىمپىكنىڭ بەش ھالقىلىق بايرىقىنى بىۋاسىتە كۆتۈرۈپ مەيدانغا چىقتى. يېڭى زىنلاندىيە ھەتتا قارا رەڭلىك ئولىمپىك بايرىقى  كۆتۈرۈپ كىرىپ ئافغانىستان ئۇرشىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

كۆپچىلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك، ئەگەر دۆلەت ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق قىلسا، ئۇنداقتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەسىر كۈچىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى نابۇت قىلىدۇ. شۇڭا 1980ـ يىلىدىكى موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىختا ئەڭ ناچار ئۆتكۈزۈلگەن بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقە بولۇپ قالغا.

 ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كىچىك دۆلەتلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، باشقا كۈچلۈك تەنتەربىيە دۆلەتلىرى مۇسابىقىگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىستىكى ئەسلا قالمىدى. مۇسابىقە مېدالىغا ئاساسەن ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت سوۋىت  ئىتىپاقى ئېرىشتى، سوۋېت ئىتتىپاقى 1952ـ يىلىدىن بۇيان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقىنى ياراتتى.

شۇنداقلا بۇنداق ئۇسۇل خەلقارا جەمىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، قىلچە ئولىمپىك روھى يوق مۇسابىقە دىيىلدى. 1980ـ يىلى موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئىپادىسىدىن قارىغاندا، بىز بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ زادى قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ھەقىقەتەن كۆرەلەيمىز، بىز خەلقارا جەمىيەتنىڭ تىنچلىقنى قوغلىشىپ، ئۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇقەددەس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نابۇت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹









TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章