ھېندىنوزىيە جەنۇبى دېڭىز چىگراسىدا ئېغۋاگەرچىلىك قىلدى

文摘   2024-10-16 21:33   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى




ھېندىنوزىيە زوڭتوڭى دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا ئىگىلىك ھوقوق تەلىپىنى ئوتتورىغا قويدى.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ناتۇنا تاقىم ئارىلىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھىندونېزىيەنىڭ ناتۇنا تاقىم ئارىلى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىگەن. يېقىندا ھىندونېزىيە يەنە ناتۇنا تاقىم ئارىلىغا ئەسكەر كۆپەيتتى، يەنە كېلىپ زۇڭتۇڭ ئۆزى كۆزدىن كەچۈردى، بۇنداق قىلغاندا ھىندونېزىيەنىڭ ئالاقىدار ئىگىلىك ھوقۇق تەشەببۇسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولامدۇ؟  ئالدىنقى ئىككى يىلدا فىلىپپىنمۇ خەلقارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زېمىن ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈم ھىندونېزىيەنىڭ ياخشى ئەينەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

ناتۇنا تاقىم ئاراللىرى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە مالاككا بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىختا جېڭ خېنىڭ غەربىي ئوكيانغا يۈرۈش قىلىشىدىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىغىچە جۇڭگولۇقلار ناتۇنا تاقىم ئاراللىرىغا ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھازىر ناتۇنا تاقىم ئارىلىدىكى 100 مىڭ ئاھالە ئىچىدە يەنە خېلى كۆپ نىسبەتتە جۇڭگولۇقلار بار. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىنمىچىلىك قىلىشى ۋە غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا يول ئېچىشى بىلەن، ناتۇنا تاقىم ئاراللىرى پەيدىنپەي گوللاندىيەگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستان مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋېتىلدى، كېيىن ھىندونېزىيە ھۆكۈمرانلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. 

ھازىر ھىندونېزىيەدىن باشقا دۆلەتلەر بۇ تاقىم ئارالغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تالاش ـ تارتىشى ئاساسلىقى يەنىلا ناتۇنا تاقىم ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىنى ئايرىش مەسىلىسى.ھىندونېزىيە تەرەپ ناتۇنا تاقىم ئاراللىرى تەبىئىي ئارال بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېڭىز تەۋەلىكىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە 200 دېڭىز مىلى كېلىدىغان مەخسۇس ئىقتىسادىي رايوندىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ.شۇنداق قىلىپ ناتۇنا تاقىم ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ 200 دېڭىز مىلى تەبىئىي سوزۇلغان مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى ھەمدە توققۇز بۆلەك سىزىقى بويىچە ئايرىلغان دېڭىز تەۋەلىكى چىگراسى بىلەن بىر-بىرىگە زىت.

ھىندونېزىيە تەرەپ نەنشا تاقىم ئارىلى خادا تاش ئارىلى يىل بويى دېڭىز يۈزىگە چىقىپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئارال ئەمەس، ب د ت دېڭىز ـ ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ناتۇنا تاقىم ئارىلى بىلەن مەخسۇس ئىقتىسادىي رايوننى تەڭ بۆلۈشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن دېڭىز تەۋەلىكىنى ئايرىش تالاش ـ تارتىشى كۆرۈلدى. ھىندونېزىيەنىڭ بۇ خىل قارىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئانچە كۆپ ئاساسى يوق، ب د ت دېڭىز ـ ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسىدە گەرچە دېڭىز تەۋەلىكى ۋە مەخسۇس ئىقتىسادىي رايوننى ئايرىش ئۇسۇلى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسانىيەت تارىخىدا شەكىللەنگەن خاس دېڭىز تەۋەلىكىنى ئايرىش قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىش تەكىتلەندى. 

ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى تۈركىيەنىڭ كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە سىزىلىپ بولدى، ئەمما يەنىلا خەلقارا قائىدە، تۈركىيە بۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك. توققۇز بۆلەك سىزىق رەسمىي ئايرىلغاندا، ھىندونېزىيە تېخى مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس ئىدى، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچىلەرمۇ قارشى تۇرمىدى، ھىندونېزىيەنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرى تۈزگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ـ ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى ئارقىلىق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 ـ، 40ـ يىللىرىدا بېكىتىلىپ بولغان دېڭىز چېگراسىدىن گۇمانلىنىشنىڭ ئاساسى يوق ئەلۋەتتە. 2017ـ يىلى ھىندونېزىيە ناتۇنا تاقىم ئارىلىنىڭ شىمالىي دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ نامىنى يەنى دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى دېڭىزىنىڭ نامىنى شىمالىي ناتۇنا دېڭىزىغا ئۆزگەرتكەن.  گەرچە بۇ نام خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن .

يېقىندا ھىندونېزىيە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ شىمالىي ناتونا دېڭىزىغا كىرىپ بېلىق تۇتۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ھوقۇق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىدى دەپ قاراپ، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 10 پاراخوتىنى بۇ دېڭىز تەۋەلىكىنى چارلاشقا يۆتكەپ، ناتونا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى بىردىنلا جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. 1982ـ يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ـ ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ 200 دېڭىز مىلى دائىرىدىكى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ دېڭىز ـ ئوكيان ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى كېڭەيتتى. نۇرغۇن دېڭىز ـ ئوكيان چېگراسىنى ئايرىش ماجىراسى شەكىللەندى، ناتۇنا تاقىم ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ماجىراسى يەر شارىدا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، ھىندونېزىيە ئېنىقلا كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتتى.  ھىندونېزىيە نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئاساسلىق ئىگىلىك ھوقوقلۇق دۆلەت ئەمەس، بۇ ۋاقىتتا ناتۇنا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى ئۈچۈن سەكرەپ چىقىپ، ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىيا، برۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرگە شالىسىنى تەڭ چاچتى، قارىماققا مەرد كۆرۈنگىنى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئاقىلانە تەدبىر ئەمەس.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹









TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章