تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

文摘   2024-10-11 20:38   新疆  

دۆلەت رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى: سىملىق تېلېۋىزىيە ۋە IPTV دا تېلېۋىزورنىڭ ئېچىلىش ئېلانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا ئۆتكۈزگەن «يۇقىرى سۈپەت تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر تېلېۋىزوردا «قاتلاممۇ قاتلام» ھەق ئېلىش ۋە مەشغۇلات مۇرەككەپ بولۇشنى تۈزەش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلق ئاممىسىنىڭ «تېلېۋىزور كۆرۈش قىيىن بولۇش، تېلېۋىزور كۆرۈشتىن بىزار بولۇش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغان. 

◇ مەملىكەت بويىچە %80تىن ئارتۇق ئائىلىلەردە سىملىق تېلېۋىزىيە، IPTV ئابونتلىرى تېلېۋىزورنى ئېچىپ بىۋاستە كۆرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، 200 مىڭ مېھمانساراي، 11 مىليون ياتاقتا «تېلېۋىزور كۆرۈش قولايلىق بولۇش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 

◇ 560 مىليون سىملىق تېلېۋىزىيە، IPTV ۋە ئىنتېرنېت تورى تېلېۋىزىيە تېرمىنالىدا ھەق ئېلىش بوغچىسىنى %50تىن ئارتۇق ئازايتىش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ھەقسىز پروگراممىلار زور دەرىجىدە ئاشتى. 

◇ سىملىق تېلېۋىزىيە ۋە IPTV دا تېلېۋىزورنىڭ ئېچىلىش ئېلانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

◇ 200 مىليوندىن ئارتۇق تېلېۋىزور ئابونتى بىر تىزگىنەكتە تېلېۋىزور كۆرۈشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇردى. 

بۇ يىل 8-ئايدا مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانىلى ئابونتلىرىنىڭ جانلىنىش نىسبىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 10 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز



TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章