دېڭ شىياۋپىڭ قانداق قىلىپ ساچىر خانىمنى قورقىتالىدى ؟

文摘   2024-10-09 20:38   新疆  



پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

يولداش دېڭ شىياۋپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ساچىر خانىم خەلىق سارىيى ئالدىدا يىقىلىپ چۈشتى، ساچىر خانىمنى شۇنچە قورقۇتۋەتكۈدەك سۆھبەت جەريانىدا زادى نېمە ئىش بولغان.

ى1982ـ يىلى 9ـ ئايدا ھاۋا ساپ ۋە سالقىن،  بولغان بىر كۈنى بېيجىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى مارگىرىت ساچىرنى كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتى جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى كېڭەيتىش. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر چوڭ ئىش ئۈچۈن، يەنى شياڭگاڭنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسىدە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشىش ئىدى. ساچىر خانىم بىلەن بولغان سۆھبەتكە ج ك پ مەركىزى كومىتىتى سىياسى بېيرۇسى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ھەربىي كومىتىتنىڭ رەئىسى، مەركىزى كومىتىت مەسلىھەتچىلەر كومىتىتىنىڭ مۇدىرى يولداش دېڭ شىياۋپىڭ مەسئۇل بولدى.

ساچىر خانىم يولداش دېڭ شياۋپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن: مەن ھازىرقى باش ۋەزىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، دېدى دېڭ شياۋپىڭ جاۋاب بېرىپ: شۇنداق، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىرىدىن بىر نەچچىسىنى تونۇيمەن، لېكىن مەن تونۇيدىغانلىرى ھازىر تەختتىن چۈشتى، سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز! دېدى، ئارقىدىنلا، مېھمان ـ ساھىبخان ئىككى تەرەپ خەلىق سارىيىنىڭ فۇجيەن زالىغا كىرىپ ئورۇن ئالدى. بۇ چاغدا مۇخبىرلار تېخى مەيداندىن چېكىنمىگەن ئىدى ئىككىسى يەنىلا ئۆز ـ ئارا ئەھۋاللىشىپ تۇرىدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، مۇخبىر تەكلىپ بىلەن مەيداندىن ئايرىلىپ، سۆھبەت يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلدى.

 دوستانە كەيپىياتتا، سۆھبەت رەسمىي تېمىغا يۆتكەلدى. ساچېر خانىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، شياڭگاڭ مەسىلىسىدە شياڭگاڭغا ئالاقىدار ئۈچ شەرتنامە يەنىلا كۈچكە ئىگە دېگەن تەشەببۇسنى باشتىن ـ ئاخىر تەكىتلەپ كەلدى، ھەمدە جۇڭگوغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا بايانات ئېلان قىلىپ، جامائەت پىكرى پەيدا قىلغان ئىدى. شۇڭا رەسمىي سۆھبەت باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شياڭگاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ئۈستىدە توختالغاندا، دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ بۇ مەسىلىدە ئايلىنىش ئىمكانىيىتى يوق. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىگىلىك ھوقۇقى مۇنازىرە قىلىشقا بولىدىغان مەسىلە ئەمەس، ھازىر پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى، شۇنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، 1997ـ يىلى جۇڭگو شياڭگاڭنى قايتۇرۇۋالىدۇ. يەنى، جۇڭگو شىنجيې ئارىلىنىلا ئەمەس شياڭگاڭ ئارىلى، جيۇلۇڭنى قايتۇرۇۋالىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە مانا مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا سۆھبەتلىشىپ، شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئۈستىدە كېڭەشتى. بۇ يەردە دېڭ شياۋپىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان 19ـ ئەسىردىكى ئۈچ باراۋەر بولمىغان شەرتنامىنى باشتىن ـ ئاخىر ئېتىراپ قىلماسلىقتەك ئىزچىل مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى. 

دېڭ شياۋپىڭ ساچىر خانىمنىڭ ئۈچ شەرتنامىنىڭ ئۈنۈملۈك نەزەرىيەسى گە كەسكىن رەددىيە بېرىپ، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ھەرگىز لى خۇڭجاڭ بولمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭنى قايتۇرۇۋېلىش، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىرلىكىنى قوغداشتىكى قەتىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ساچىر خانىم سۆھبەت ئەمدىلا باشلانغاندا مەنمەنمەنچىلىك قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن باشقۇرۇش ھوقۇقى يەنىلا ئەنگلىيەدە بولدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ مەقسىتى، ئەگەر شياڭگاڭ ئەنگلىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلسا، شياڭگاڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. دىگەن مەقسەتتنى ئىپادىلىمەكچى بولدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئالدىرىمىسىمۇ، ئەمما تەلەپپۇزى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، باشتىلا ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ دېگەن پوزىتسىيەنى بىلدۈرگەنىدى. ساچىر يەنە توختىماي سۆزلەپ، ھەتتا شياڭگاڭنى قورال كۈچى بىلەن ساقلاپ قېلىش قا تەھدىت سېلىۋاتقان پەيتتە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇيۇقسىز يەنە بىر ئېغىز سۆز قىلىپ، ساچىر چىرايىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

سىزگە ئېيتسام باش ۋەزىر جانابلىرى بىز جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كۆپىنچىمىز دېھقان خەق  نامراتراق كېلىمىز ، لېكىن ئۇرۇشتا ئۆلۈمدىن قورقمىمايمىز! ئەگەر مەن خالىسام بۈگۈن كەچتىلا شىياڭگاڭنى قايتۇرۇپ ئالالايمەن دېدى. شۇ چاغدا نەق مەيداندىكى نۇرغۇن كىشىلەر دىيىشچە ، ساچىر خانىم خېلى بىر مەزگىل ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. مەيداندىن چىقىپ كەتكەندە، كەيپىياتى يەنە ئازراق تۇتۇق بولۇپ كۈلۈپ تۇرسىمۇ يەنىلا كۆڭلى بىئارام ئىدى . شۇڭا كېيىن ساچىر خانىمنىڭ خەلق سارىيىنىڭ پەلەمپىيىدە يىقىلىپ چۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى .

视频涞源:腾讯视频


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹





TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章