جوڭگونىڭ بۇپاراخوتىنىڭ پارتلاش كۈچى60ئاتوم بومبىسى بىلەن باراۋەر

文摘   2024-10-15 23:54   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى




نۆۋەتتە خەلقئارادا پاراخوت ياساش تېخنىكىسى مۇنەۋۋەر دۆلەتلەر ساناقلىقلا، جۇڭگو نەچچە ئون يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنىلا بۇ ساھەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.  ھەربىي ساھەدە، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز سۇغا چۈشۈشى جۇڭگو كېمىسازلىق ئەمەلىي كۈچىنىڭ بىر چوڭ شاھىدى، ئېلىمىز قوغلىغۇچى پاراخوت، قوغدىغۇچى پاراخوت، ئاۋىياماتكا ياساپلا قالماي، پۇقراۋى ساھەلەردە ئېلىمىز يەنىلا ھەر خىل تىپتىكى پاراخوتلارنى ياسىيالايدۇ.  بۇنىڭ ئىچىدە، ئېلىمىزنىڭ بىر پاراخوتى ئاۋىئاماتكىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچى 60 ئاتوم بومبىسىدىنمۇ كۈچلۈك، ھەر قايسى دۆلەت پاراخوتلىرى بۇنىڭغا يول بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ھەتتا ھەربىي پاراخوتلارمۇ شۇنداق


بۇ كېمە ئېل ئېن جى كېمىسى بولۇپ، مەخسۇس تەبىئىي گاز توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئادەتتە تاماق ئەتكەندە تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەبىئىي گاز توشۇش خىزمىتى خەتەرگە تولغان، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا پارتلايدۇ ھەمدە دېڭىزدا تەبىئىي گاز توشۇغاندا، نۆلدىن تۆۋەن 163 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىدا ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن ئۇنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازغا ئايلاندۇرۇپ، توشۇشقا قۇلايلىق بولىدۇ

شۇڭا ئېل ئېن جى كېمىسى ياساش جەريانىدا، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، بولۇپمۇ سۇيۇقلۇق مال بۆلۈمچىسىنى ياساش.مۇشۇ خەتنى بىسىپلا ئەسلى مەنبە سالونىنى قوشىۋېلىڭ  سۇيۇق مال تريۇمىنى ياسىغاندا، ئالاھىدە قبتىشما يىنۋا پولاتقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ قبتىشمىنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش كوئېففىتسېنتى تۆۋەن، كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى كىچىك، ئەۋرىشىملىكى يۇقىرى بولۇپ، سۇيۇق مال تريۇمى قىلىپ ياساشقا ماس كبلىدۇ، بىراق ئۇنى كەپشەرلەش ئىنتايىن قىيىن، چۈنكى يىنۋا پولاتنىڭ قېلىنلىقى 0.7 مىللىمېتىر بولۇپ، كەپشەرلەش جەريانىدا ھەر قانداق خاتالىق كۆرۈلسە ئاسانلا چوڭ ھادىسە يۈز بېرىدۇ.  شۇڭا ھازىر بۇ خىل پاراخوتنى ياسىيالايدىغان دۆلەتلەر ساناقلىقلا

ئېلىمىز ياسىغان ئېل ئېن جى پاراخوتىدا، فەنيا ناملىق پاراخوتنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى 80 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ، فەنيا ناملىق پاراخوتقا قاچىلاشقا بولىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارى 100 مىليون كۇپ مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ شاڭخەي شەھىرىنىڭ بىر ئاي ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ.  بۇنچە كۆپ تەبىئىي گاز توشۇش جەريانىدا بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە پارتلاش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ پارتلاش كۈچى 60 ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش ئېكۋىۋالېنتى بىلەن باراۋەر، بۇ خىل ئاپەتنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ


ئۇنىڭ خەتىرى شۇنداق يۇقىرى بولغاچقا دېڭىزدا يۈرگەندە، باشقا پاراخوتلار ھەتتا ھەربىي پاراخوتلار ئۇنى كۆرسە يول بېرىپ، سۈركىلىپ كېتىپ پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ…مۇشۇنداق ياخشى تېما تەرجىمە قىلىۋاتىمەن،سالونىمىزنى قوللاپ ئېلاننى چېكىپ قويساڭلار،بىز سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشقان بولاتتۇق


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹









TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章