قالايمىقان ھەق ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش لازىم

文摘   2024-10-14 23:49   新疆  

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك

 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «مىقدارنى ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى سىستېمىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئۆرلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشى، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش»قا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

 دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ بېي يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقى ئۆلچىمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ۋە ئەۋرىشىم قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىدۇ ياكى ئۇنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېڭ بېي مۇنداق بىلدۈردى: باشقا جايدا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باشقا جايدا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى تاللاپ ئىجرا قىلىش، پايدىغا قاراپ ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزىتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章