ئىككى جۇڭگولۇق پاكىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلدى

文摘   2024-10-13 21:59   新疆  

جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 6-ئۆكتەبىر سائەت 23:00 لەردە، جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانا قاسىم پورتى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى كاراچى جىنناخ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھازىرغىچە ئىككى جۇڭگولۇق قازا قىلغان، بىر جۇڭگولۇق ۋە بىر قانچە پاكىستانلىق يارىلانغان.

جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىسى بۇ تېررورلۇق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ئىككى دۆلەتتىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ھازىر پاكىستان بىلەن بىرلىكتە ۋەقەدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە.

TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章