خەلقئارا جەمىيەت ئېتىراپ قىلمايدىغان 8دۆلەت

文摘   2024-10-09 20:38   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى




خەلقئارا جەمىيەتتە 230دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇن بار، بۇلارنى ب د ت ئېتراپ قىلىدۇ لىكىن تۆۋەندىكى سەككىز دۆلەتنى خەلقئارا جەمىيەت ئېتىراپ قىلمايدۇ

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەت قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى چۈشىنىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىش، ھەممىمىزگە ئايان، دۇنيادا جەمىي 233 دۆلەت ۋە رايون بار، بۇ 195ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ۋە 38رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، لېكىن يەنە بەزى دۆلەتلەرمۇ بار، ئۇلار دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر بۇنداق دۆلەتنىڭ بارلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ بەلكىم جۇغراپىيە دەرسلىكىدىن ئۆگەنگىلى بولۇشى ناتايىن، ئۇنداقتا بۈگۈن تەھرىر بۇنى ئورتاقلىشىپ باقسۇن،

 بىرىنجى: مالدى ۋىنتېررېي جۇمھۇرىيىتى

ت. 2008ـ يىلى 9ـ ئايدا ئىتالىيەلىك سودىگەر سالۋادور ماروننې باجدىن قېچىش ئۈچۈن،  ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى بىر كىچىك ئارالنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە بۇ ئارالنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، دۆلەتنىڭ ئىسمى ماردىۋېنترېر جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئارالنى ماردىۋېنترېر ئارىلى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ، بۇ ئارالنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران ئىككى كىلومېتىر، كەڭلىكى 0.8 كىلومېتىر بولۇپ، كىچىك ئارالدا 300 دەك ئادەم بار ھەمدە ئارالدىكى ئاھالىلەردىن باج ئېلىنمايدۇ دەپ جاكارلىغان. بىراق، بۇ ئاتالمىش ماردىۋېنترېر جۇمھۇرىيىتىنى ھېچقانداق دۆلەت ياكى خەلقئارالىق تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. 

ئىككىنجى:راكوتا جۇمھۇرىيىتى

ئامېرىكىنىڭ ئەسلى خوجايىنلىرى بولغان ئېندىئانلار قۇرغان بۇ خۇسۇسىي دۆلەت ناھايىتى زور دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 200 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ جەنۇبىي ۋە شىمالىي داكوتا شتاتى، نېبلاگارس شتاتى، ۋيومىڭ شتاتى ۋە مونتانا شتاتىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ راكوتا جۇمھۇرىيىتى تۆت ئىندىئان بىرلىشىپ قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلىرى دەسلەپتە راكوتا ئەركىن ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرغان، 2007ـ يىلى ئامېرىكا شەھەر مەھكىمىسىگە ئامېرىكىدىن چېكىنىپ چىقىش تەلىپىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشقا ئامالسىز قالغان. 

ئۈچىنجى:ئەلوۋلى پادىشاھلىقى

بۇ كىچىك پادىشاھلىق ئېلىئورىدىكى كىچىك ئارالدا بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دانىيەگە تەۋە بولۇپ، 1944ـ يىلى كوپىنھاگېندىكى بىر نەچچە مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سېتىۋالغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ يەردە يازلىق لاگېر ئۆتكۈزۈش، ئەمما كېيىن سىرتقا قارىتا، ئېلىئورىنىڭ مۇستەقىل بولۇپ، رەسمىي دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى جاكارلىدى، دۆلەت كۆلىمى چوڭ ئەمەس، پەقەت 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، لېكىن بۇ يەردە ئۆزىنىڭ قانۇنى ۋە پۇلى بار، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ۋاقىت رايونى بار، دانىيە بىلەن 12 مىنۇت پەرقلىنىدۇ، بىراق، بۇ كىچىك دۆلەتكە نىسبەتەن بىلىدىغان ئادەم ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ دۆلەتىنىمۇ ھېچكىم ئېتىراپ قىلمايدۇ.

تۆتىنجى: ۋېستاكدىكا كىنەزلىكى

ت. 2001ـ يىلى 11ـ ئايدا، ئامېرىكىنىڭ سابىق ماتروسى تراۋېس جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدە ۋېستاكدىكا كىنەزلىكىنى قۇردى، ئەلۋەتتە، بەزىلەر تراۋىسنى پۈتۈنلەي قانۇننىڭ يوچۇقىنى تۇتىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ رايون ئانتىراكتىدانىڭ بىردىنبىر بىتەرەپ زېمىنى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن، بۇ دۆلەت خەلقارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئۇچرىمىغان تەقدىردىمۇ، تراۋىس يەنە ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىقى، ئىزنىكى ۋە پۇلىنى لايىھەلىگەن، ھازىرغىچە بۇ دۆلەتتە 300 دىن ئارتۇق پۇقرا بار، بىراق، ئۇلار بۇ يەردە تۇرمايدۇ، سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي بۇ يەر بەك سوغۇق. 

 بەشىنچى: دېڭىز قۇلۇلىسى جۇمھۇرىيىتى

بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئاتالمىش دۆلەتنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ قۇرۇلغىنىغا 40 يىل بولاي دەپ قالدى، بۇ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا شىتاتى كىۋېستىر شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 1982ـ يىلى ئامېرىكا چېگرا چارلاش ئىدارىسى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىشتىكى توساق ۋە يول تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم سۆزلىشىش نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن، كىۋېستېر شەھىرىنىڭ باشلىقى داننىس ۋوردلوۋ ۋە شەھەرلىك پارلامېنت مۇستەقىللىق نى جاكارلاپ، دېڭىز قۇلۇلىسى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئايرودۇرۇمىنى قۇرغان ھەمدە يەنە ئامېرىكا قانۇنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان بولۇپ، بىر 

مىكرو دۆلەت


ئالتىنجى:لېتونىيە پادىشاھلىقى

لېتوننىيەدىكى بۇ شەخسىي دۆلەت شۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كۇلابېرگ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 1996ـ يىلى سەنەتكار لاسۋىك مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان، لېتوننىيەدە ئۆمۈرلۈك تۈزۈمدىكى ئايال پادىشاھ بار، ئۇ بىر يىلدا ئۈچ قېتىم زۇڭتۇڭ تاللىسا بولىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى 20 مىڭدىن ئاشىدۇ، لېكىن بۇ كىشىلەر بۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش ناھايىتى ئاددىي، يەنى توردا جەدۋەل تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاكتىپ پىكىرلىرىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن 30 ئامېرىكا دوللىرى رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرسىلا، لېتونىيە پۇقرالىق كىنىشكىسىنى ئالالايدۇ. 

يەتتىنجى: ئاسگادىيا ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى

ئاسگاردىيا دۆلىتىنى 2016ـ يىلى 10ـ ئايدا رۇسىيە ئالىمى ۋە سودىگىرى ئىگور ئارشۇل بېللى قۇرغان، بۇ دۆلەت ئالاھىدە بىر نۇقتىدا، يەنى ئالەم بوشلۇقىدا ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ئالەم بوشلۇقىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، يەر شارىدىكى تالاش ـ تارتىشنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. 

سەككىزىنجى:قارشى قىرغاق جۇمھۇرىيىتى

ت. 1996ـ يىلى بىر توپ لىتۋانىيەلىك سەنەتكارلار پايتەخت ۋىلنيۇستا سەپلىمە سەنەت مەركىزى قۇرغان، بىر يىلدىن كېيىن ئۇلار تۇيۇقسىز بۇ رايوننى قارشى قىرغاق جۇمھۇرىيىتى دەپ جاكارلىغان، ئۇلارنىڭ زۇڭتۇڭى لىتۋانىيەلىك كىنوچى ۋە شائىر لىرېگىس بولۇپ، باشقا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرگە ئوخشاش، قارشى قىرغاق جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بار، گەرچە بۇ دۆلەت قۇرۇلغىنىغا 23 يىل بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار يەنىلا دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. 



 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹









TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章