دىللاردا سەنەم || 98-باب ياقۇپ گەزمالچىنىڭ يارىشىپ قېلىش ئارزۇسى

文摘   小说   2024-07-14 10:10   新疆  


بىرىنچى بۆلۈم

3-باب
2-باب
1-باب
6-باب
5-باب
4-باب
9-باب
8-باب
7-باب
12-باب
11-باب
10-باب
15-باب
14-باب
13-باب
18-باب17-باب
16-باب
21-باب
20-باب
19-باب
24-باب
23-باب
22-باب
27-باب
26-باب
25-باب
30-باب
29-باب
28-باب

1-بۆلۈم تۈگىدى
31-قىسىم


ئىككىنچى بۆلۈم


34-باب
33-باب
32-باب
37-باب
36-باب
35-باب
40-باب
39-باب
38-باب
43-باب
42-باب
41-باب
46-باب
45-باب
44-باب
49-باب
48-باب
47-باب
52-باب
51-باب
50-باب
55-باب
54-باب
53-باب
58-باب
57-باب
56-باب
61-باب
60-باب
59-باب
64-باب
63-باب
62-باب

2-بۆلۈم تۈگىدى
64- داۋامى

ئۈچىنچى بۆلۈم

67-باب
66-باب
65-باب
70-باب
69-باب
68-باب
73-باب
72-باب71-باب
76-باب
75-باب74-باب
79-باب
78-باب77-باب
82-باب
81-باب80-باب
85-باب
84-باب83-باب
88-باب
87-باب86-باب
91-باب
90-باب89-باب
94-باب93-باب92-باب
97-باب
96-باب95-باب




ئۇنىڭ ساقسىزلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن قەسىردىكى چوڭ- كىچىكنىڭ ھەممىسى پاتپاراق بولۇشۇپ، بىرسى تېۋىپقا ماڭسا يەنە بىرسى غىزاغا يۈگۈرۈپ دېگەندەك، بىردەمنىڭ ئىچىدە سەيدۇللا باي قەسرى خۇددى سۇ كىرگەن چۆمۈلە ئۇۋىسىغا ئوخشاپ قالدى. سائادەت خېنىم ۋە ئامانەملەر شەرۋانەمنىڭ بۈگۈن كەيپىياتىنىڭ ئانچە ياخشى تۇرمايدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ، ئەھۋالنىڭ بۇنچە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانىدى. شۇڭا ھەممىدىن بەك جىددىيلەشكەن، كۆڭلى يېرىم بولغان دەل شۇلار بولدى. ئائىلە خاس تېۋىپى كېلىپ بىرھازا ھەپىلىشىپ دورىلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىزىتمىسى يېنىپ، سالامەتلىكمۇ بارا- بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. ئەمما شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ جىمغۇر، كەمسۆز، كىمنىلا كۆرسە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گەپمۇ قىلماي يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئايسەنەمنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ شۇنچىلىك تىلى قىسقا ئىدىكى، ھەتتا ئايسەنەم ئۇنىڭ خوجايىنىدەك، ئۇ بولسا ئايسەنەمنىڭ مالىيىدەك، ئايسەنەمنىڭ بۇيرۇقىسىز ھەتتا نەپەسمۇ ئالالمايدىغاندەك بىر خىل يۈزى تۆۋەنلىك بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. سەيدۇللا بايمۇ خۇددى تويى بولۇشىنى ساقلاپ تۇرغاندەك، مۇشۇ تويدىن كېيىنلا بارا- بارا شىپا تېپىپ، خېلى ئۇزۇننىڭياقى ئۆزىگە چاپلىشىپ ھېچ يىراق كەتكىلى ئۇنىمىغان، كېزىككە ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالغان زۇكامدىن ساقىيىپ ئەسلىگە كەلدى. بەزىلەر ئۇنىڭ تويى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كېسەلدىن ساقىيىپ قالغانلىقىنى «يېڭى خوتۇنىنىڭ ئايىغى ياراشتى» دەپ چۈشەندى. يەنە بەزىلەر بولسا «سائادەت خېنىمنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ تويىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن قەستەن كېسەل قىياپىتىگە كىرىۋالدى» دەپ، ئۆز ئالدىغا گەپ توقۇپ يۈردى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىشلار بارا- بارا ياخشىلىنىشىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتاتتى.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنىۋالغان ئېتىغا ئارام بەرمەي قامچا سېلىپ، خۇددى بوراندەك ئۇچقان پېتى قەسىرگە يېتىپ كەلگەن نۇركامال بايۋەتچە ئۇدۇل سەيدۇللا باي بىلەن شەرۋانەمنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ، جىددىيلەشكىنىدىن سالام قىلىشنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئايچېھرە خېنىمنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى، ئۇزۇندىن بېرى ئورۇن تۇتۇپ ياتقان ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغان بىچارە ئانىنىڭ كېلىنى بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭغا نەچچە ئېغىز ۋەسىيەت ئېيتىۋالغۇسى بارلىقىنى، شۇڭا ئالدىراپلا ئايچېھرە خېنىمنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق ئايچېھرە خېنىم بۈگۈن بۇ ئۆيگە كەلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەتتا بۇ ئۆيگە كەلمىگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئاشقان ئىدى. «ئايچېھرە خېنىم بۇ ئۆيدە يوق، كەلمىگىلى خېلى بولدى» دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ چىرايىدىن قان قاچتى. ئۇ تېخى بۈگۈن ئەتىگەندە دادىسىغا ئەگىشىپ مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن «ئاياغ مەھەللىدىكى ئۆيگە بېرىپ دادامنى يوقلاپ كېلىمەن» دەپ ئىشىكتىن چىققىلىۋاتقان ئايچېھرە خېنىم بىلەن خوشلىشىپ، ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ ئۇزاتقان ئەمەسمىدى؟ بايا خىزمەتكارى مەكتەپكە خەۋەر يەتكۈزگىلى بارغاندا «چوڭ ئاغىچا خېنىم سىزنى ئۇدۇل ئاياغ مەھەللىگە بېرىپ، ئايچېھرە خېنىمنى ئېلىپ ئاندىن ئۆيگە بارسۇن دەيدۇ» دېگەن گەپنى ئېيتقىنىدىنلا ئۇنىڭ تېخىچە ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى، سەيدۇللا باينىڭ قەسىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغۇ؟ ئەگەر ئۇ بۇ ئۆيدە بولمىسا بەلكىم «ئالدىمدىراق يولغا چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەتكەندۇ» دېگىلى بولاتتى، لېكىن پەقەتلا كەلمىگەنلىكى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ ئۆيگە كەلمىگىلى ئۇزۇن بولدى دېگەن گەپ شۇنچە ۋاقىتلاردىن بېرى «دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن» دەپ قويۇپ ئىككى كۈندە بىر ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، بۇ يەرگىمۇ كەلمەي باشقا بىر يەرلەردە يۈردى, دېگەن گەپقۇ ئاخىر؟! شۇلارنى ئويلاپ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئاچچىقى قاق تۈۋىدىن تۇتتى. شۇنداق بولسىمۇ قېيىنئاتىسى بىلەن بۇ يېڭى ئۆگەي قېيىنئانىسىنى باشقىچە خىياللارغا باشلاپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئالدىراپ خوشلىشىپ، ھۆرمەت بىلەن كەينىچىلەپ مېڭىپ ھوجرىدىن چىقىپ كەتتى.

ئۇ سەيدۇللا باي قەسرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، «ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىشى مۇمكىن» دېگەن بىر ئوي بىلەن شۇ تەرەپنى نىشانلاپ ئېتىغا قامچا سالدى. دەرۋەقە، ئالەمدىن بىخەۋەر ھالدا ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن تاپالماي بۇ يەرگىمۇ ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. خوتۇنىنى ماھىبەدەر خېنىمنىڭ ئۆيىدە كۆرۈش بىلەن ئاچچىقتىن قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتكەن نۇركامىل بايۋەتچە ئارتۇق سۆزلەشنى بىھاجەت كۆرۈپ، ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئايچېھرە خېنىمنىڭ ھازىرلا ئۆزى بىلەن قايتىپ ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىۋېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. كۈننىڭ كەچ بولمىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆيگە قايتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئايچېھرە خېنىم قېيىنئانىسىنىڭ ئۆلۈم بوسۇغىسىدا تۇرۇپمۇ چەكسىز ئۈمىد بىلەن بىر ئۆزىگە ساقلاۋاتقانلىقىنى، كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى كېلىنىنى بىر كۆرۈپ، ئوغلىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىۋېلىپ خاتىرجەم كۆز يۇمغۇسى بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەي، ئېرىنىڭ ئىلتىجاسىغا بويۇن تولغىماقچى بولدى. ئەمما كۈيئوغلىنىڭ قاش- قاپىقىغا قاراپ ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالغانلىقىنى سەزگەن، بۇلار قايتىپ بارغۇچە ئايال قۇدىسىغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئىشنىڭ ياخشى يېرىدىن چىقمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن مېھرىيار خېنىم ئاستا قىزىغا نەسىھەت قىلىپ، چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۇنى يولغا سېلىپ قويدى.

شۇ كۈنى ئايچېھرە خېنىمنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيىگە قايتقان نۇركامىل بايۋەتچە ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋېدالىشىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. دادىسى ۋە باشقىلار ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ تېخى ھېلىلا جان ئۈزگەنلىكىنى، ئەگەر ئون قەدەمنى ئىتتىكرەك ئالغان بولسا يۈزىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قار- يامغۇر يىغلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقى تېخىمۇ چېكىگە يەتكەن نۇركامىل بايۋەتچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئايچېرە خېنىمنىڭ باشباشتاقلىقىدىن، «دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن» دەپ يولنى بۇياققا سېلىپ قويۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، يولنى تېخىمۇ ئۇزارتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىۋالىدىغان، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يېنىدا ئولتۇرىۋالىدىغان ۋاقتىنى يول ماڭدۇرۇپ بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئاغرىندى. دېمىسىمۇ، ئەگەر ئايچېھرە خېنىم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتمەي سەيدۇللا باي قەسرىدە بولغان بولسا، نۇركامىل بايۋەتچە بارغان ھامان ئۇنى ئالاتتى- دە، كەينىگە يانغان ھامان ئۆيىگە ماڭسا بەلكىم ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم دىدارلىشىپ ۋىدالىشىشقا ئىمكانىيىتى تامامەن يېتەتتى. خېلى ئۇزۇندىن بېرى كېسەللىك ئازابى تارتىپ ئۆيدىنمۇ چىقالماي يېتىۋاتقان دۇنيالىقتىكى بىر تاللا ئانىسى مانا مۇشۇنداق ئۆزىنى ساقلاشقا قۇربى يەتمىگەن ھالدا ۋاقىتسىز دۇنيادىن كەتسە، ئانىسىنىڭ دىدارىغا شۇنچە ئالدىرىغان ئوغۇل خوتۇنىنىڭ يالغانچىلىقى، ئۆزىنى يول ماڭدۇرۇپ بىھۇدە ئاۋارە قىلىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئالتۇندەك ۋاقىتنىمۇ قولدىن بېرىپ قويۇپ ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالسا، بۇنى قانداق ئادەم قوبۇل قىلالايدۇ؟...

مۇشۇ سەۋەبتىن نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئايچېھرە خېنىمدىن كۆڭلى قالدى. ئۇنى «چىرايى بۇزۇلۇپ كەتكەن» دېمەي، «باشقا ئاياللاردەك لاتاپىتى، گۈزەللىكى يوق، بەتبەشىرە يۈزلۈك» دېمەي، ئەتىۋارىنى قىلىپ ئەمرىگە ئالغان بۇ بايۋەتچە مۇشۇ بىر ئىش سەۋەبىدىن خوتۇنىغا بولغان مۇھەببىتىنى پاك- پاكىزە يوقىتىپ قويدى. نېمە ئۈچۈنكىن، شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن باشلاپ نۇركامىل بايۋەتچە ئۇنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەي قويدى. ئەمما خوتۇنىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىمگە تىنماي، ھەممىنى ئىچىدە بىلىپ بىراقلا جىمىپ كەتتى. بەلكىم بۇ ياخشى كۆرمەسلىك ئەمەس، رەنجىش بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. شۇ تەرزدە نۇركامىل بايۋەتچە ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلار بىرلىكتە ئانىسىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئۆيدىكىلەرمۇ ئوخشاشلا يۈز- ئابرويلۇق، بايلىق، مەرتىۋە جەھەتتە سەيدۇللا بايدىن قېلىشمايدىغان كاتتا ئائىلە بولغانلىقتىن، مۇنداق ئۆلۈم ئىشى چىققاندا ھال سورىغىلى، ھايات قالغانلارنى يوقلاپ تەسەللىي بەرگىلى كېلىپ كېتىدىغان كىشىلەرمۇ جېق ئىدى. نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ دادىسى خوتۇنىنىڭ دەپنە ئىشلىرى ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر تەرەپكە پالاقشىپ ھالى قالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئازابتىن تۈگىشىپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالاي دەۋاتاتتى. شۇڭا كېلىپ كېتىۋاتقان مېھمانلارنى قارشى ئېلىش ۋە ئۇزىتىش، ئۆيدە تۈگەۋاتقان نەرسىلەرنىڭ غېمىنى قىلىش، يۇقىرى- تۆۋەن ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى نۇركامىل بايۋەتچە ۋە ئۇنىڭ توي قىلىپ بولغان ئىككى ئاچىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەممە ئىشلارغا تەڭ يېتىشىپ يۈرىۋاتاتتى. بەزى- بەزىدە يېتىشەلمىگەنلىرىگە ئايچېھرە خېنىمنى بۇيرۇسا، ئۇ ئۆزىگە بۇيرۇلغان ھەممە ئىشنى «قىلالمايمەن، ئېتەلمەيمەن» دەپ دولىسىنى چىقىرىپ، بىرياقتا تۇرغىنى تۇرغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆيدىمۇ يەتكۈچە دېدەك ۋە مالايلار بار بولۇپ، ئۇ پەقەت ئېغىزىنىڭ ھورىنى چىقىرىپ «ئۇنى قىلىڭلار، بۇنى قىلىڭلار...» دەپ بۇيرۇپلا قويسا، ئۇلارغا تالادىن ئەكىلىدىغان نەرسىلەرگە يېتەرلىك پۇل بېرىپ، نېمە- نېمىلەرنىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپلا بەرسە بولاتتى. ئەمما ئۇ شۇنچىلىك ئىشلارغىمۇ يارىماي، نېمىلا ئىشقا بۇيرىسا قىلالمايمەن دەپلا تۇرىۋالغانلىقتىن، نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئاچچىقى تېخىمۇ ئاۋۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ خوتۇنىنىڭ ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ قەسىرىدە ئەزەلدىن ئەتىۋارلىنىپ كەلگەنلىكىنى، ھېچقانداق ئىشقا باش قاتۇرماي، ھەممە ئىشلاردا باشقىلارغا تايىنىپلا ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ تەرىپىنىمۇ كۆڭلىگە ئېلىۋالماي كەچۈرىۋەتتى. شۇنداق بولغىنىغا قارىماي نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئانىسى يەرلىكىگە قويۇلۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە يەنە «دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن» دەپ تەييار بولغان ئايچېھرە خېنىمنى نۇركامىل بايۋەتچە قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ توسۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:

-سىلى بارمىسىلىمۇ سەيدۇللا دادام ئۆزى بۇياققا كېلىۋاتىدۇ، سىلى بۈگۈنچە يوللىرىدىن قېلىپ، بۇ ئۆيدە مېھمانلارنى كۈتۈشۈپ بەرسىلە،- دېدى.

-دادام كېلەمتى؟ نېمىشقا بالدۇرراق دەپ قويمىغانلا ماڭا؟ ھە بوپتۇ، ئەمىسە دادام كەلسە كەلگەچ تۇرسۇن، ئۇ كېلىپ بولغۇچە مەن دىككىدە بېرىپ ئانامنى كۆرۈپ كېلەي،- دېدى ئايچېھرە خېنىم يەنە ھېچ ئىشنى قېتىغا ئالماي بىپەرۋا ھالدا.

قائىدە بويىچە ئۆلۈم- يېتىم بولغان ئۆيدىكى كىشىلەر بىر نەچچە كۈنگىچە تالا- تۈزگە بەك چىقمايدىغان، كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈپ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان، تالادىكىلەر كېلىپ بۇ ئۆيدىكىلەرنى يوقلايدىغان بولغاچقا، ئۇنى ھېلىتىنلا بۇنداق قىلار دەپ پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ تېخىمۇ بەك جۇدۇنى ئۆرلىدى. ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندىمۇ ئۇ يەنىلا خوتۇنىنى توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىپ، «بەلكىم يېشى كىچىك بولغاچقا ئۆيدىكىلىرى تېخى بۇ جەھەتتىكى قائىدە- يوسۇنلارنى ئۆگىتىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن، ھېچقىسى يوق، مەن بولساممۇ چىرايلىقچە چۈشەندۈرەي» دەپ ئويلاپ، شۇنداق بىر ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭغا ئەستايىدىل ئېيتىپ ئۆتتى. لېكىن ئۇ يەنىلا پىكرىدىن يانماي:

-بېرىپ ئانامنى يوقلاپلا كېلىمەن، دادام بۇ ئۆيگە كېلىپ بولغۇچە بېرىپلا كەلسەم بولمامدۇ؟- دەپ تۇرىۋالدى. بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزىپى ئۆرلىگەن نۇركامىل بايۋەتچە ئۇنىڭغا قاراپ تېخىمۇ چەكچىيىپ:

-بۈگۈن بارماي قويغانلىرىغا ئانىلىرى بىر يەرگە قېچىپ كەتمەيدۇ، بىز ماۋۇ ئۆيدە چامغۇر كۆممىدۇق، پۈتۈنسۈرۈك بىر ئادەمنى كۆمۈپ قويدۇق، ئۆيىدە بىر ئادەم ئۆلۈپ قالدى دەپ بىزنى يوقلاپ خولۇم- خوشنىلار، تۇغقانلار كېلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەجەبا ئانامنى يەرلىككە قويۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە بېرىپ ئانىلىرىنى كۆرمىسىلە بولمايدىغانغا نېمە ئىش بولغان؟ يا سىلى ئانىلىرىنى ھېلىغىچە ئىمەمتىلە؟ تىنچ- ئامان ئولتۇرۇپ بۇ ئۆيدە يەتتە- سەككىز كۈننى بىر ئۆتكۈزسىلە، شۇنىڭغىچىلىك كېلىپ كېتىۋاتقان مېھمانلار «كېلىن ئاغىچا قېنى؟» دېسە «مانا ئىدى!» دەپ ئالدىغا بىر چىقىرىپ بېرەيلى سىلىنى، ئۇلارمۇ ھەممە ئىشنى تەرتىپ بىلەن قىلىۋاتقىنىمىزنى كۆرسۇن، ئانامنىڭ كېلىنى ئىكەنلىكلىرى يۈزىسىدىن سىلى بىلەن ئەھۋاللىشىپ تەسەللىي بېرىۋېلىشنى ئويلىغانلارنى مۇرادىغا بىر يەتكۈزەيلى، ئۇنىڭدىن كېيىن كۈندە بارىمەن دېسىلىمۇ ياق دېمەيمەنغۇ مەن! «ئېشەك ئۆلۈۋاتسا بىر يېرى غىجەك تارتىدۇ» دېگەندەك، بىز ئۆز ھالىمىز بىلەن يىغا يىغلاپ يۈرسەك، سىلى يەنىلا شۇ ئانىلىرىنى كۆرۈشنىڭ غېمىدىمۇ؟ مۇنداق ئاشۇرىۋەتمىسىلە ئايچېھرە خېنىم، تارقىمايدىغان سورۇن بولمىغىنىغا ئوخشاش مېھماندارچىلىقنىڭمۇ تۈگىمەيدىغىنى يوق، بۇ ئىشلار تۈگەپ كەتكەندە يەنە سىلى بىلەن بىز قالىمىز، ھازىر مۇنداق ئىشلارنى دەپ رەنجىشىپ يۈرسەك، ئەتە- ئۆگۈنگىچە جېدەللىشىپ ئىشنى يوغىنىتىپمۇ ئولتۇرمايلى يەنە، مېنىڭ تاقىتىمنىڭمۇ چېكى بار، سىلى بۇ ئۆينىڭ كېلىن ئاغىچىسى، ئىلگىرى كىم كېلىپ كىم كەتسە ئانامنى ئىزدىگىنى بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن سىلىنى ئىزدەيدۇ، مۇشۇنداق ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئانىلىرىنىڭ ئۆيىگە سوكۇلداۋەرسىلە بۇ ئۆيدە سىلىنى سورايدىغانلارغا نېمە دەيمىز؟ مومام ئۆيدە بولغىنى بىلەن تېنى ئاجىز، ھە دېگەندە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولالمايدۇ، بىز ئالدى بىلەن ماۋۇ تەزىيە ئىشلىرىنى بىر تۈگىتىۋالايلى، قالغان گەپنى كېيىنچە بىر نەرسە دېيىشەرمىز، يۈرسىلە، قازان بېشىغا چىقىپ غىزانىڭ تەييارلىقى قانداق بولىۋاتىدۇ بىر بىلىپ كىرسىلە، ھېلى قېيىنئاتام كەلسە غىزاغا ساقلىتىپ قويساق سەت تۇرىدۇ،- دېدى.

ئايچېھرە خېنىم گەپمۇ قىلماي قاپىقىنى تۈرۈپ، نەچچە قىسما ئالايغاندىن كېيىن جالدىقىنى چالغان پېتى ئېرىنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇ ئاشخانىغا چىقماي، ئۇدۇل ھوجرىسىغا چىقىپ ئۆزىنى يۇمشاق تۆشەككە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇ ئېرىگە قېيداپ شۇ بىر ياتقىنىچە تاكى دادىسى كەلگەنگە قەدەر ھوجرىسىدىن چىقمىدى.



98-باب

ياقۇپ گەزمالچىنىڭ يارىشىپ قېلىش ئارزۇسى


(161)

 

سەيدۇللا باي شەرۋانەمنى ئەگەشتۈرۈپ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كۈيئوغلى ۋە قىزىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قەسىرگە تۇيۇقسىز ئۇلارنى ئىزدەپ بىر بالا كەلدى. بۇ بالا ئون، ئون بىر ياشلاردا بولۇپ، ئۇ چىڭ- چىڭ ئۇرۇلغان دەرۋازىنى ئاچقىلى چىققان غاپپارغا ياشلىق كۆزلىرىنى تىكىپ ئەلەملىك قاراپ:

-مەن... مەن ئانامنى ئىزدەيمەن، چوڭ ئانام بىلەن چوڭ دادامنىڭ ئېيتىشىچە ئانام مۇشۇ ئۆيدىكەن، ئۇنىڭ ئېتى شەرۋانەم، مەن ئۇنىڭ بالىسى ئابدۇللا، مېنى مەتنۇر چوڭ دادام... ھەياق، ياقۇپ دادام ئەۋەتتى...- دېدى.

غاپپار ناھايىتى بۇرۇنلا قەمبەردىن شەرۋانەمنىڭ ئىلگىرى تەگكەن ئېرىدىن بىر ئوغلى بارلىقىنى، ئاجراشقاندىن كېيىن ئوغلىنىڭ دادىسى بىلەن قالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، بالىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قەيەردىلىكىنى بىلمەيتتى. بۈگۈنكىدەك ئانىسىنى تۇيۇقسىز ئىزدەپ كېلەرىنى تېخىمۇ بىلمىگەن ئىدى. بۇ چاغدا سەيدۇللا باي شەرۋانەم بىلەن گۈلساھىپخاننى ئەگەشتۈرۈپ يەنىلا نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى ئازاب- ئوقۇبەت دەستىدىن پۇچىلىنىپ تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتمىسۇن، ئۆزى بىلەن كارى يوق غىزاسىز، ئاچ- توق قالمىسۇن دەپ ئويلاپ، قەسىردىن تاماق ئەتكۈزۈپ ئۇنى گۈلساھىپخانغا كۆتۈرتۈپ بىللە ئېلىپ كەتكەن ئىدى. غاپپار كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ دەرۋازا ئالدىدا قاراپ تۇرغان بالىنى ئۆيگە باشلاپ كىرىشنى ياكى «ئاناڭ بۇ ئۆيدە يوق» دەپلا ئۇنى ھەيدىۋېتىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى. بۇنداق چاغدا باشقا ئىش بولغان بولسا بەلكىم سائادەت خېنىمنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ يوليورۇق سورىغان بولسا ياخشى بولاتتى. لېكىن بۇ ئىش يېڭىلا توي قىلىپ كىرگەن شەرۋانەمگە بېرىپ تاقىلىدىغان بولغاچقا، سائادەت خېنىمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ بۇ ئىشلارغىچە ئاۋارە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەن ھالدا بېشىنى قاشلاپ بىرھازا تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن ئامانەمنى يادىغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ چىقىش ئۈچۈن بالىنى ئىشىك تۈۋىدە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، «ھازىرلا چىقىمەن» دەپلا قەسىر ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

ئامانەم غاپپاردىن كىچىك ئابدۇللانىڭ ئانىسىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى، ھازىر خەۋەر ساقلاپ ئىشىك تۈۋىدە قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، قولىدىكى ئىشنى نەدە قويغىنى ئېسىدە يوق ھالدا نەلەرگىدۇر چۆرىۋېتىپ، پالاقشىغان پېتى دەرۋازىغا يۈگۈردى. ئۇ ئالدىراپ- تېنەپ يېتىپ كەلگەندە ئىشىك تۈۋىدە ساقلاپ تاقىتى تاق بولغان ئابدۇللا غېرىبسىنىش ۋە قورقۇنچ سەۋەبىدىن يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن بولۇپ، كىچىك ئانىسىنى كۆرگەن ھامانلا ئامانەمنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.


3-بۆلۈم 98-باب تۈگىدى، داۋامى بار

HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章