176 | 177 | 178 | 179 | 180 | 181 | 183 | 183 |
184 | 185 | 186 | 187 | 188 | 189 | 190 |
سۆيگۈ سۈيگۈدىن پەرقلىقتۇر، كىمدۇر غورۇرى يەتكىچە سۆيسە، يەنە بىرلىرى ھاياتى يەتكۈچە...
-راززاق
ئائىلە بېرەلمىگەن خۇشاللىقنى دۇنيا كېزىپ تاپالمايسىز.
-玛依拉
بۇ ھايات شۇنداق ھايات، پۈتۈن ئۆمرۈڭنى سەرپ قىلىپ مىڭ تەستە ياخشى بولغان شۇ كىشىلەرگە مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئەسكى بولىسەن. «ھالىڭ نېچۈك؟» دەيدىغانلار يوق، سەندىن ئاغرىنىدىغانلار نۇرغۇن.
-نۇسرەت
چەكسىز ئىشەن ياخشى كۈنلەر سېنىڭ تاقىتىڭنى نەچچە مىڭ قېتىم سىناپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن كېلىدۇ.
-بارچۇق
پاراسىتى ۋە پەزىلىتى ئوڭ تاناسىپ كىشىلەر بار، تۇرمۇشنىڭ دوقاللىرىدا سۇنۇلغان ھەربىر ئەزىيەتلەرنى بىراۋلارغا سۇنماستىن، تەقدىرىدىن ۋايسىماستىن، ئۆزى ۋە ئۆزگىدىن ئاغرىنماستىن باشتىن كەچۈرىدىغان. تېپچەكلەپ تۇرغان يۈرىكىگە يۈرىكىدىنمۇ ھەجىمى چوڭ ئارمانلارنى، ئارزۇلارنى قاچىلاپ، پىرىنسىپلىرىنى تۇتقۇ قىلىپ نىشان بويلاپ ماڭىدىغان.
«چارچاش» دېگەن سۆزنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قىلىدىغان ۋە قىلماقچى بولغان بارلىق ئىشلىرىغا تۇتاشتۇرۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ بەك چارچاتماستىن، مۇھىم ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جايىدا، ۋايىدا قىلىپ، «چارچاشلىرىمنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردىم» دەپ ئويلايدىغان.
جىددىي رىتىمدا تەكرار ئاھاڭدا ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇش قاينىمىدا تۇنجۇقۇپ قالماستىن، ھەلەكچىلىكلەرنى پەم بىلەن ياساپ، تۇرمۇش دوقاللىرىدا توپ قىلىپ ئوينايدىغان...
شۇنداق بىرى بار، شۇنداق بىرلىرى بار...
ئەگەر سىزمۇ شۇنداقلارنىڭ بىرى بولسىڭىز جاسارىتىڭىزگە مەدەت تىلەيمەن!
-ئانارگۈل
تىرىشىشتا ئېرىشىش بولىدۇ، ئەكسىچە غەپلەت ئۇيقۇدا يوقىتىش بولىدۇ…
-بىلقۇت
دۇنيا خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى بار دېيىلسە، ئۇ بولسىمۇ بىلىم. ئەڭ ياخشى، سىزگە ئاسىيلىق قىلمايدىغان بىردىنبىر دوستىڭىز يەنىلا بىلىم. نامراتلىقنىڭ يىلتىزى دەل بىلىمسىزلىك.
-مەۋرى گاگا
مەيلى كىم بولۇڭ، ئىلھام بولىدىغان ئېرىقلاردا ئېقىڭ، مەدەت بېرىدىغان كىشىلەرگە چۆكۈڭ، ئۆزىڭىزگە تەۋە يوللاردا ئۆزىڭىزدەك ياشاش بەكمۇ ھوزۇر. چۈنكى شۇ سىزگە ئەڭ يارىشىدۇ.
-ئەلى كىرورەن
كۈز مىكلەب مۇشۇنداق رۇدلىسەپ، تۇيدۇرماي ناغىدىيىغراس، ئاستا- ئاستا تۆكۈلىدىغان، ەدىممىج مۇزلايدىغان...
-مەريەمگۈل خۇشخۇي
ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!