مېنى ۋەسلىڭگە زار ئەتتى
)ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇمنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس(
ھۈسەنجان ئابدۇللاسەھرايى
مېنى ئالۋۇن ئۈمىد چەكسىز چۆلىستانىڭدا نار ئەتتى،
گۈرۈلدەپ تەلۋە شەيدالىق ئەقىل،پىكرىمنى پار ئەتتى،
ساڭا چىرماشمىغان سۆيگۈ مېنى تۈنلەر بىدار ئەتتى،
ھايات مەنزىل سېنى يارىم قاچاندىن بېرى بار ئەتتى؟
سېلىپ ئاتەش پىراقىڭغا مېنى ۋەسلىڭگە زار ئەتتى.
ئېتىم ھارماس ئىدى يولداش بولۇپ ئۆتسەڭ سەپەرلەردە،
نېتەي، تەم بولمىدى سەنسىز ئېرىشكەن شان- زەپەرلەردە،
ۋىسالنىڭ نۇرلىرى يوقتۇر كۆزۈڭ چاچقان قەمەرلەردە،
سىياقىڭنى قىزىلگۈلگە قىياس قىلسام سەھەرلەردە،
مېنى بۇلبۇل قىلىپ تەقدىر ئەزەل ھىجرانغا يار ئەتتى.
»كى بىلسە كۆيدۈرۈشنى گۈركىرەپ ھەتتا كۆيەركەن مۇز،»
دېگەن ھېكمەت بېرىپ ماغدۇر ئىشەنچىم ھەم ئىدى يۇلتۇز،
دىلىمنى گول قىلىپ يۈردۈڭ تېرىپ سەن كىم بىلەن يالپۇز؟
يۈرەرمەن كۈي- ناۋا ئىزدەپ مۇھەببەت بېغىدا يالغۇز،
قارا كىرپىكلىرىڭ ناخۇن بولۇپ قەلبىمنى تار ئەتتى.
ۋىلىقلاپ كۈلدى قەلبىممۇ سېنى بىر رەت خۇشال قىلسام،
ئىدىم مەستخۇش ئۈنۈڭنى بىر شېرىن كۈيگە مىسال قىلسام،
ئەجەپ قىلدىڭ، مېنى دەمسەن غېرىبلىقتا ئوسال قىلسام؟
ئۈمىدنى بىخلىتىپ قانچە باھار- يازنى خىيال قىلسام،
خۇيۇڭ ئاتقان شىۋىرغانلار چېچەك ھۆسنىنى قار ئەتتى.
راۋامۇ كۆرمىدىڭ بىر رەت ماڭا كۆيمەك،كۆيۈنمەكنى،
ئېچىنساڭمۇ پەقەت قىلما خاراپ ھالىمغا كۈلمەكنى،
يۇمايمۇ كۆز بىلىپ تەقدىر ۋىسالسىزلىقتا ئۆلمەكنى؟
تەبەسسۇم ئىستىگەي سەندىن پەقەت سۆيمەك، سۆيۈلمەكنى،
قوبۇلغا يەتمەيىن پەيلىڭ ماڭا ھەسرەتنى دار ئەتتى.
-2024يىلى 10-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى