كۆكتە پەرۋاز ئەيلىسەم
ئابدۇكېرىم خوجا ئابدۇرېھىم
خوپ بولاتتى ئاسمىنىڭدا كۈندە پەرۋاز ئەيلىسەم،
چاڭقىساڭ يامغۇر تۆكۈپ تۈرگۈن بۇلۇتتەك لەيلىسەم.
تەلمۈرۈپ كۈتسەڭ مېنى، ھۇما قۇشۇم قونغايمۇ دەپ،
ھۇش - ئەقىل، ئامەتلىرىڭنى ئالقىنىمغا جەملىسەم.
ھېچكىشى نازۇك قولۇڭنى چۈش كۆرۈپمۇ تۇتمىسا،
لەۋلىرىمدە جان بېرىپ دەردمەن يۈرەكنى ئەملىسەم.
چىن ساداقەت بېغىغا نائەھلى نامەرد كىرمىگەي،
ئازغىشىپ ئۈنسە تىكەن قەھرىمدە دەسسەپ چەيلىسەم.
بىر قاراپ قىلسام ئىشارەت، بىلمىسە دىل رايىنى،
شادلىقىمغا كۆنمىگەننى كۆندۈرۈشكە پەملىسەم.
ئاي - قۇياشتەك كۆكتە پارلاپ باغلىرىڭغا نۇر سىپەي،
ئەس - خىيالىڭ مەندە بولسۇن ھۈركىگەننى غەملىسەم.
بارچە شادلىق، بارچە راھەت مەندە بار، لازىم دېسەڭ،
پاك مېھىر سۆيگۈڭ بەدەلدۇر تامغاقلىرىڭنى تەملىسەم.
-2024 يىل 9 - سىنتەبىر.
قىزىل دەريا ساھىلى