بىرىنچى بۆلۈمل
3-باب | 2-باب | 1-باب |
6-باب | 5-باب | 4-باب |
9-باب | 8-باب | 7-باب |
12-باب | 11-باب | 10-باب |
15-باب | 14-باب | 13-باب |
18-باب | 17-باب | 16-باب |
21-باب | 20-باب | 19-باب |
24-باب | 23-باب | 22-باب |
27-باب | 26-باب | 25-باب |
30-باب | 29-باب | 28-باب |
1-بۆلۈم تۈگىدى | 31-قىسىم |
ئىككىنچى بۆلۈم
ئۈچىنچى بۆلۈم
تۆتىنچى بۆلۈم
شۇ گەپتىن كېيىن ھېچكىم ھېچنېمە دېمەي، سۆھبەت جىمجىتلا ئاخىرلاشتى. ئەمما شەرۋانىخان ئاغىچا شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتكارلارنى توي تەييارلىقىنى تېزراق پۈتتۈرۈشكە ئالدىرىتىپ، شۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ توينى قىلمىسا زادى ئۇنىمايدىغانلىقىنى ئايچېھرە خېنىم قاتارلىق بارلىق ئۆگەي قىزلىرىغا تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈرۈپ قويدى. ھەم شۇ ئىشتىن كېيىن شەرۋانىخان ئاغىچا ئۇنىڭ كۆزىگە ئۆزىگە ئاداۋەت قىلىپ تەتۈر قارىۋالغاندەكلا كۆرۈنۈپ كېتىپ، ئۆزىچىلا خۇدۈكسىرەپ قالدى. شۇ خۈدۈكسېرەش ئىچىدە ئىككى كۈن قىينىلىپ يۈرگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى كۈنى چۈشتە نەرسە- كېرەكلىرىنى رەتلەۋاتقان شەرۋانىخان ئاغىچىنىڭ يېنىغا كىردى. كىرىپ بولۇپ دەيدىغان گېپىنى تاپالماي، كىچىك بالىدەك ئىككىتايىن بولۇپ يا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرالماي، يا كەينىگە يېنىپلا چىقىپ كېتەلمەي سىقىلدى. شۇ چاغدا شەرۋانەم ئۇنىڭ سەۋەبسىزلا يېنىغا كېلىپ مۇنداق تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئاستاغىنە يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ كۆزلىرىگە قارىدى. شۇ چاغدا ئايچېھرە خېنىم ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئۆگەي ئانىسىغا تىككىنىچە مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
-ئىككى كۈن ئاۋۋالقى كۆڭۈلسىز سۆھبەتتە مەندىن رەنجىپ قالغاندەك قىلدىڭىز، ئەمما مېنىڭمۇ يامان نىيىتىم يوق، پەقەتلا شۇ چاغدىكى تەڭلىكىمنى بىرەرسىگە دېيەلمەي، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ بىلىپ- بىلمەيلا شۇ گەپلەرنى قىلىپ سالغان ئىدىم. شۇ قېتىمقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا سىز ئەزەلدىن ئانامنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ باقمىدىڭىز، تاكى شۇ گەپلەر چىقمىغان بولسا ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ باقمىغىنىڭىز مېنىڭ يادىمدىنمۇ كەچمەسكەن، ئەمما مېنىڭ ئانام ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ھەم ئاتا- ئانىڭىزنىڭ، ئاچا- سىڭىللىرىڭىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىدۇ، يېنىغا بارساملا سىلەرنى تىللاپ بېرىپ قۇلاق- مېڭەمنى يەيدۇ، مەن ھەتتا بۇ پاسسىپ ئېنېرگىيەلەر تەسىرىدىن ئانامنى يوقلىغىلى بېرىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ئانام يا ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرەرسى چىرايىمغا قارىسىمۇ خۇددى سىلەرنى تىللاپ بېرىدىغاندەك بىر سېزىم بولۇپ ئىچىم سىقىلىپ كېتىدۇ. تەگلەپ ئويلىساق، ئانامنىڭ ئۆيى بۇزۇلۇشىغا سىز سەۋەبچى ئەمەس، سىز بۇ ئۆيگە كەلگەندە ئۇلار ئاللىقاچان ئاجرىشىپ كېتىپ، قايتا يارىشىپ، يەنە شۇ ياراشقاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىمۇ بۇزغىلى تەييارلا تۇرغان ۋاقتى ئىدى. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئانام دادام بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئەگەر سىز دادامغا ياتلىق بولمىغان بولسىڭىزمۇ ئۇ ھامان باشقا بىر ئايالغا ئۆيلىنىپ، بەرىبىر بىزگە ئۆگەي ئانا تېپىپ بېرەتتى. ھازىر ئويلىسام، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسىمۇ ئانام يەنىلا شۇ ئۆگەي ئانىمىزنى بىزگە تىللاپ بېرەتتىكەنتۇق، ئويلاپ مۇشۇلارغا ئەقلىم يەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ سىزنى تىللاشلىرىغا كۆنۈپ كەتتىم، سىزنى ھېچقاچان يامان دەپ بىلمەيدىغان بولغان ئىدىم، لېكىن بۇ قېتىم چوڭ توي قىلىدىغانلىق خەۋىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئانام بەك ئازابلاندى، دادامنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ تۆكۈلۈپ، تۆكۈلۈپ يىغلىدى، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ مەنمۇ چىدىمىدىم، ئۆز ئانام ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئازابلانسا مېنىڭمۇ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ، مەن دادام ئىككىڭلارنى ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ توي جېدىلىنى بىر ياققا قايرىپ قويىدۇ دەپ ئويلىغان، زادى ئىشنى چىڭىغا چىقىرىپ مۇشۇنچىۋالا كاتتا ھەشەم قىلىۋېتىشىڭلارنى پەقەتلا خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم، سىلەر بۇ ئىشنى چىڭىغا چىقارغانسېرى ئانامنىڭ ئازابىمۇ ھەسسىلەپ ئاۋۇدى، شۇ كۈنى يوقلاپ بارغان چېغىمدا ئۇ يەنە «قولىڭىزدىن ھېچ ئىش كەلمىدى، شۇ خوتۇننى ئۆيدىن قوغلىۋېتىپ دادىڭىزغا نەسىھەت قىلىپ مەن بىلەن ياراشتۇرۇشقا كۆندۈرەلمىدىڭىز، مېنى شۇ ئۆيگە ئېلىپ كەتكەن بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئۆز ئانىڭىز بولغاندىكىن يېنىڭىزدا تۇرۇپ ئىشلىرىڭىزغا ھە- ھۇ دېيىشەر بولغىيدىم، سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى مەن يېمىسەم باشقا كىم يەيدۇ؟ ئۇ دېگەن بەرىبىر ئۆگەي خوتۇن، سىلەرگە ئۆز ئاناڭلاردەك كۆيۈنمەيدۇ، مۇشۇلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ھېچ ماڭا ياردەم قىلمىدىڭىز» دەپ كايىپ خېلى ئۇزۇن چالۋادى، ئاندىن مېنىڭ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگىنىمنى كۆرۈپ ئاچچىقى تېخىمۇ چېكىگە يېتىپ، شۇنچىلىك ئازابلىق ھالدا يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىچىم ئاغرىيدۇ، چۈنكى ئۇ دېگەن مېنىڭ ئۆز ئانام، لېكىن ئىچىم ئاغرىدى دەپلا قولۇمدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ۋەدە بېرەلمەيتتىم. ھەممىلا ئىشتا بىراۋدىن زورلاپ تۇرۇپ ئۈمىد كۈتىۋېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىز چۈشىنىمىز، لېكىن ئانام ئۇنى چۈشەنمەيدىكەن، ئۇ دېگەن مېنىڭ بالام ئەمەس، بەلكى دادام تۇرسا، «ئاۋۇ خوتۇن بىلەن ئاجرىشىپ، ماۋۇ خوتۇننى ئال» دېگەن گېپىمگە ئۇنامتى؟ ھېلىغۇ دادامكەن، ئۆز بالام بولغان تەقدىردىمۇ مۇنداق ئىشتا زورلىغىلى بولمايدۇ- دە! شۇ پاراڭلارنى قىلىشىپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالدۇق، لېكىن ھېچ گېپىمىز بىر يەردىن چىقىدىغاندەك قىلمايتتى، قانچە دېيىشكەنسېرى شۇنچە تاكاللىشىپ ئارىمىز يىرىكلىشىشكە باشلىدى، مەن بۇ ئىشلارنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىنى قايتا- قايتا چۈشەندۈرگەن بولساممۇ ئانام قايىل بولماي، ھەتتا قوللىرىنى شىلتىپ مېنى ئۆيدىن قوغلاپ ئازار بەردى. شۇ چاغدا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى، ئۇ ياققا بارسام ئاپام قوغلاۋاتسا، ئۆز ئۆيۈمگە بارسام ئېرىمنىڭ تېخى چىرايى ئېچىلمىسا، ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىغا قارىسامغۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ، لېكىن مەنمۇ شۇ ئۆينى دەپ جاپا تارتىۋاتىمەن، بالىنى ئۆزۈم بېقىپ، تىجارەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزۈم يۈرۈشتۈرۈپ، پۈتۈن ئۆينىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئېلىپ خېلىلا ئېغىر جاپادا قېلىۋاتىمەن، لېكىن ئېرىم بولغان ئادەمنىڭ مەندىن ئاغرىنىشلىرى ھېلىغىچە تۈگىمىدى، ئۆز ئانامنىڭ يېنىدا بولسىمۇ ئازراق تەسەللىي تاپارمەن دېسەم بۇنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئانام ھەر قېتىم بارغىنىمدا قاتتىق- قۇرۇق مۇئامىلىسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويىۋاتاتتى، پەقەت مۇشۇ ئۆيگە كەلسەملا ئاز- تولا مېھىر- مۇھەببەت ھېس قىلىپ كۆڭلۈم ئارام تېپىپ قالاتتى، لېكىن سىز چوڭ توي قىلىمەن دەپ دادام بىلەن جېدەل ئويلاۋاتقاندىن بېرى، بۇ ئۆيدە يەنىلا مېھىر قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ھەممەيلەن ئۆز ئىشلىرىنىڭ غېمىدە، ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جان كۆيدۈرىۋاتىدۇ، مەن بىلەن، ئازابىم بىلەن، كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، بەلكىم مەندىن باشقا قىزلارمۇ شۇنداق ئويلاۋاتىدىغاندۇ، ئەمما ئۇلارمۇ مەندەكلا ھېچقانداق گېپىنى ھېچكىمگە دېيەلمەيدۇ، ھەممە ئادەم «يېڭى توي قىلغاندا ئىشلار باشقىچە بولىدۇ، ھەركىم كىشىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدۇ، لېكىن بارا- بارا ئادەم دېگەن ئۆزگىرىدۇ» دېسە ئۇنىماي، «شەرۋانىخان ئاغىچا ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ سىز تەرەپتە تۇرۇپتىكەنمەن، ئەمما يېقىندىن بېرى سىزمۇ ئۆزگەردىڭىز، بىز بىلەن ئانچە كارىڭىز يوق، غېمىمىزنى يېمەيدىغان، ھالىمىزغا يەتمەيدىغان بولىۋالدىڭىز، سىزگە پەقەت دادام بولسا، ئوغلىڭىز ئابدۇللا بولسىلا بولىدىكەن، ئىشقىلىپ مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم، بۇ گەپلەرنى دېگىنىم ئۈچۈن مەندىن رەنجىپ قالسىڭىزمۇ مەيلى، ئويلىغىنىمنى دېيەلمەي نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىچىمگە يۇتۇپ بەكلا بۇرۇختۇم بولىۋاتىمەن، شۇڭا بۈگۈن يۈرىكىمنى قاپتەك قىلىپ بۇ گەپلەرنى دېدىم، بەلكىم دادامغا دەپ مېنى بۇ ئۆيدىن قوغلىتىۋېتەرسىز، ئۇنىڭدىن قورقمايمەن، نەچچە تاشنىڭ ئارىسىدا قېلىپ سىقىلىپ يۈرگىچە كەلمىسەممۇ كەلمەيلا قويارمەن، ئېرىمنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، بالامنى بېقىپ، شۇ ئۆيدە كۆكلەيدىغاننىڭ غېمىنى قىلمىسام دادامنىڭ ئۆيى ئەمدى ماڭا ئۆي بولمايدىغاندەك قىلىدۇ...
ئايچېھرە خېنىم شۇ گەپلەرنى دېگۈچە تاراملاپ تۆكۈلۈپ كەتتى. ھەم ئۇ شۇ گەپلەرنى دېگۈچە ئارانلا چىداپ تۇرغان شەرۋانەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنىچە مۈرىلىرىدىن تۇتۇپ قۇچاقلاپ تەسەللىي بەردى ۋە:
-كەچۈرۈڭ! مېنى ئەپۇ قىلىڭ! مەن ھەقىقەتەن بۇ تەرەپلەرگە سەل قاراپتىمەن، سىز ئېيتقاندەك توي ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئەتىدىن كەچكىچە دادىڭىز بىلەن تاكاللىشىش، ئۇنى دېگىنىمگە كۆندۈرۈش كويىدىلا بولۇپ سىز بىلەن، بالىلار بىلەن كارىم بولماپتۇ، بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم ئىدى، لېكىن غەپلەت باسقاندەكلا بۇ ئىشلارنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق بولمايدۇ، مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشقا تىرىشىمەن، بۇنداق ھەممە ئىشنى ئىچىڭىزگە يۈتۈپ ئولتۇرماي، مانا بۈگۈنكىدەك ئوچۇق- ئاشكارا ئېيتسىڭىز، مەن بىلەن پات- پات مۇڭدىشىپ تۇرسىڭىز كۆپ ئىشلار مۇشۇنداق ھەل بولۇپ كېتەتتى ئەمەسمۇ؟- دېدى.
ئايچېھرە خېنىم ئۇنىڭ گەپلىرىگە جاۋابەن ھېچنېمە دېمىدى. ئەمما ئۇنىڭ باغرىغا سىڭىپ ئېزىلىپ- ئېزىلىپ ئۇزاققا يىغلىدى. خېلى ئۇزۇن شۇ خىلدا يىغلاشقاندىن كېيىن ئايچېھرە خېنىممۇ سەل ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، خېلىلا يەڭگىللەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ ئانىسى ھەققىدە ئۆگەي ئانىسىغا ئېيتمىغان بىر ئىشنى ئېسىگە ئېلىپ:
-ئانام ھەققىدە بايا سىزگە ئېيتقان گەپلىرىم ئايلىنىپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالىدىغان بولسا ئۇ مەندىن چوقۇم تېنىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن پېتىدىن چۈشۈشنى خالىمايتتى، گەرچە دادام بىلەن شۇنچىلىك يارىشىپ قالغۇسى بولسىمۇ، بۇ ئىشنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىشنى خالىمايتتى، پەقەت بىزنىڭ دادامنى قايىل قىلىپ ئالدىغا باشلاپ بېرىشىمىزنىلا كۈتكەن، ئۇ بۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى ئويلىغان بىلەن بىرەرسىگە باش ئېگىشنى خالىمىغان، شۇڭا مۇمكىن بولسا بايا سىزگە ئېيتقان گەپلىرىمنى ئىچىڭىزدە سېسىتىۋەتسىڭىز، دادامغىمۇ ئېيتماڭ، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ ئاچا- سىڭىللىرىغىمۇ ئېيتماڭ، بولمىسا ھامان بىر كۈنى ئانام خەۋەر تېپىپ قالىدۇ، ئاندىن مەندەك قىزىدىن ئۆمۈرۋايەت تېنىپ كېتىشتىن يانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممىمىزدىنمۇ بەك ئۆزىنىڭ غورۇرى مۇھىم،- دېدى.
شەرۋانەم ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىپ، بۇ گەپلەرنى مەڭگۈ ئىچىدە ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئايچېھرە خېنىممۇ بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولۇپ، بايا چىرايى سۆرۈن ھالدا كىرگەن ئىشىكتىن ئېچىلىپ- يېيىلىپ، خاتىرجەم ھالدا چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شەرۋانەم ئۆز- ئۆزىگە سۆزلىگەندەك قىلىپ:
-ماقۇل، بۇ گەپلەرنى ھېچكىمگە دېمىسەم ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەمما قايسىلا قىزى بارسا يامان گېپىمنى قىلىپ مېنى تىللاپ بەرگىنىگە چۇشلۇق ئازراق ساۋاق بېرىپ قويمىساممۇ بولمايدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرى بىلەن خىيالى يۈرسەم توختىماي مەن بىلەن ئۆچەكەشكەننىڭ جازاسىنى بۇرنىدىن بۇلاق چىققۇدەك بىر بىلدۈرۈپ قويىمەن خەپ، مۇشۇ قېتىم يۈرىكىنى ئوبدانلا مۇجۇپ ھەممە ئاچچىقىمنى ئېلىۋالمايدىغان بولسام شەرۋانىخان بولماي كېتەي!- دېدى.
(280)
شەرۋانىخان ئاغىچىنىڭ توي تەييارلىقى پۈتكېلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئاچىسى رەيھانەمنىڭ ئۆيىدىمۇ ئوغلى بىلەن ئېغىر- ئېغىر جېدەللەر بولۇشقا باشلىدى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى بۇ جېدەللەر تېخىمۇ ئاۋۇپ سەمىرىپ، نە ئانىسى بالىسىغا، بالىسى ئانىسىغا يۈز- خاتىرە قىلمايدىغان، ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭ دېگىنىنى دېگەن قىلىپ تاش چىشلەيدىغان بولىۋالدى. ئۇلار ئاز كەلگەندەك، زۇلپىيە خېنىمنىڭمۇ ئىنىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنىڭ ئايتۇرسۇن خېنىم بىلەن كۆرۈشۈشلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ئانىسىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالغان بولۇپ، رەيھانەم مۇشۇ ئىشنى تۇتقا قىلىپ، ئىككى بالىنى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ خېلى ئۇزۇن كايىدى. شۇ چاغدا ئاچچىقىغا پايلىمىغان زۇلپىيە خېنىم ئولتۇرغان يېرىدىن چاچراپ قوپقىنىچە ئۇنىڭغا:
-ئادەم دېگەن ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغۇلۇق ئانىكا، ئەتىدىن كەچكىچە «تۆشۈك مۇنچاق، توي قىلماي ھامىلدار بولۇپ قالغان قىز...» دەپ ئېغىزكىرىدىن چۈشۈرمەي يۈرىدىكەنلا، بۇنداق گەپنى سىلى دەۋەرسىلىرى، بىلىپ- بىلمەي تالا- تۈزدە يامراپ كېتىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ ئىلگىرى بىلمىگەن بىلەن بۇ يىللارغا كەلگەندە ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتۇققۇ، سىلىنىڭ سىڭىللىرى شەرۋانەم ھامماممۇ ئەينى چاغدا توي قىلمايلا ھامىلدار بولۇپ قالغان ئىكەن، ئۇنى ئەرگە بەرگەن چېغىڭلاردا ئاللىقاچان تۆشۈك مۇنچاق بولۇپ قاپتىكەنتۇق، ئۆزىمىزنىڭ ئەينىكىگە قاراپمۇ باقماي ھە دېسە ئەيىپنى خەقتىن ئىزدىمەيلى، سەت تۇرىدۇ، ئانىكا! ئۇ قىزنى كېلىن قىلسىلىمۇ قىلىلا، قىلمىسىلىمۇ قىلىلا، چۈنكى ئوغۇللىرىنىڭ شۇنىڭغىلا مەيلى بار، خەۋەرلىرىدە بولۇشى مۇمكىن، مېھرىيار خېنىمنىڭ ئاچىسى ماھىبەدەر بەدەر خېنىمنىڭمۇ باھايىدىن دەپ بىر ئوغلى بولىدىغان، شۇ بالىغا كۆڭلى چۈشكەن قىزنى ئېلىپ بېرەلمىگىنى ئۈچۈن ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ئۇنىڭ دەردىدە ئانىسىمۇ ساراڭ بولۇپ قالغان. ھېلىمۇ ياخشى ئارسلان ئۇنداق تەنتەكچىلىك قىلمىدى، ناۋادا شۇنىڭدىن ئۆگىنىپ ئۇمۇ «ياخشى كۆرگىنىمنى ئېلىپ بەرمىسەڭ بۇ ئۆيدە تۇرمايمەن» دەپلا باش ئېلىپ چىقىپ كېتىپ قالغۇدەك بولسا كېيىنكى ئاقىۋەتنى سىلى بىلەن بىز يىغىشتۇرۇپ بولالمايمىز، دادام قازا قىلغاندىن بېرى ئۆينىڭ ھەممە غەملىرى سىلى بىلەن مېنىڭ زىممەمگە چۈشىۋاتىدۇ، ئەر كىشى يوق ئۆيدە ئوغۇلنىڭ چوڭى ئەر كىشى دېگەن گەپ، ئۇنى دېگىنىنى قىلغىلى قويمىسىلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ تۇرمۇش ئۆزىنىڭ تۇرسا، بىللە ياشايدىغان ئادىمىنى نېمىشقا ئۆزىگە تاللىغىلى قويمايدىلا؟ مېنىغۇ ئۆزلىرى بەرگىلىرى بارغا بېرىپ بەختسىز قىلدىلا، ھازىر ئايلاپ- يىللاپ ئېرىمنىڭ دىدارىنى بىر كۆرمەي، تالادا قايسى خوتۇنلار بىلەن يېتىلىشىپ يۈرىدىغاندۇ دەپ غېمىنى يەپ، تۇل خوتۇندىن پەرقىم يوق ھالدا ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ بالىلىرىمنى بېقىپ ئۆتۈۋاتىمەن، سىلى ئەجەبا ئوغۇللىرىنىمۇ شۇ كۈنگە قالسۇن دەمدىلا؟ ھازىر كۆڭلى چۈشكەن قىزنى ئېلىپ بەرمەي ئۆزلىرى چاغلاپ بىرەرسىنى ئەكىلىپلا چېتىپ قويسىلىرى، خوتۇننى ئېلىپ سىلىگە تاشلاپ بېرىپ تالادا ئوينايدۇ، شۇ چاغدا كېلىننىڭ ئاھۇ- زارىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ «بالام قاچان كېلەركىن؟» دەپ كېلىنگە ھەمراھ بولۇپ يولغا قاراپ ئولتۇرالا جۇمۇ ئەمىسە! ئوغلىغا كېلىن تاللاۋاتقان ئايالمۇ سىلىدەك بولامدۇ؟ نېمىشقا بالىلىرىنىڭ ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغانلا؟ ئۇنتۇپ قالمىسىلا سىلى، ئۆزلىرىگە ئەر ئەمەس، بالىلىرىغا كېلىن ئالغىلىۋاتىدىلا، سەت تۇرسىمۇ دەۋېرەي، تويلاشساق ئۇ خوتۇننى سىلى ئەمەس، ئارسلان قۇچاقلاپ ياتىدۇ، تۆشۈك مۇنچاق بولسا نېمە بولدى؟ قىز بولسا يەنە نېمە بولدى؟ ناھايىتى شۇ بىر كېچىنىڭ پەرقىغۇ ئانا؟
-ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ! سىزنى مۇنداق ھاياسىز بالا بولغاندۇ دەپ پەقەت ئويلىماپتىمەن، نېمىدېگەن نومۇسسىزلىق بۇ؟ ئىزا تارتماي ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتامسىز؟
رەيھانەم قىزىنىڭ گەپلىرىنى تۈگىشىگىچە ئاڭلاپ بولالماي ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئۇنىڭغا قوللىرىنى چىنىگىنىچە شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. زۇلپىيە خېنىممۇ ھېچ توختاپ قېلىشنى ئويلىمىغان بولۇپ، ئانىسىنىڭ ئاچچىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قىلچە پېتىدىن چۈشمەي:
-مەن پەقەت ئويلىغانلىرىمنى دېدىم، ئەجەبا بۇمۇ خاتامۇ؟ گېپىمنى توغرا تاپسىلىرى ئويلىشىپ باقارلا، توغرا تاپمىسىلىرى ئۆزلىرى بىلگەندەك قىلارلا. ئەتە- ئۆگۈن ئارسلان ئۆيدىن چىقىپ كەتسە ئىزدىشىپ بەر دەپ بېشىمنى ئاغرىتمىسىلا ئەمىسە،- دېدى.
ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى ئاڭلىغان رەيھانەم ئېغىر غەملىنىپ ئىزىدا ئولتۇرۇپلا كەتتى. خېلى ئۇزۇن شۇ خىلدا ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە سىنچى كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرغان زۇلپىيە خېنىمغا ناھايىتى بىچارىلەرچە تىكىلىپ:
-قوشۇلسام قوشۇلاي، لېكىن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىنى ئارسلان ئۆزى ئېنىق بىلىشى كېرەك. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىزنى ئېيتىڭ دېسەم پەقەتلا ئېغىز ئاچقىلى ئۇنىماي كەلدىڭىز، سىز ئېيتالمىسىڭىز ئەمىسە شەرۋانەم بېرىپ ئېيتسۇن، نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بالىغا ئېنىق دەپ، ئۇنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ ھەم بۇ ئىشلاردىكى تاللاش ھوقۇقىنى ئارسلانغا بېرىپ بىر مەزگىل كۆڭلىنى تىڭشايلى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ نىيىتىدىن يانماي ئۇنى ئالىمەن دېسە ئاندىن قوشۇلاي، مېنىڭچە ھەرقانداق بىر ئوغۇل بالا كۆڭلى چۈشكەن قىزنىڭ ئىپپىتىنى يوقاتقانلىقىنى، يولدىن چىققانلىقىنى بىلسە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ، شۇ چاغدىمۇ مۇشۇنداق چوڭ سۆزلەپ ئولتۇرغىنىڭىزنى مەن بىر كۆرەي،- دېدى.
رەيھانەمنىڭ بۇ گېپىمۇ زۇلپىيە خېنىمنى شۇنچىلىك بىئارام قىلدى. چۈنكى بۇ ئىشلارنى ئىنىسى بىلسە ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولاتتى ھەم بۇ مۇھەببەت ئىشىدىن تەۋرىنىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ئەمما ئانىسىنىڭ بۇ تەلىپىمۇ يولسىزلىق ئەمەس بولۇپ، ئالدىن بىلىپ قالغىنىنىڭ يامىنى يوق ئىدى. شۇنداق بولغاندا داۋاملىق شۇ قىزنىڭ خىيالىدا چىڭ تۇرسىمۇ يا ۋاز كېچىپ باشقا بىرلىرىگە كۆڭۈل باغلىسىمۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىختىيارى ئىدى.
(281)
زۇلپىيە خېنىم ئانىسىنىڭ تەلىپىنى ھاممىسىغا ئېيتىشقا ھازىرچە جۈرئەت قىلالماي، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈشىنى ئويلاپ جىمىپ قالدى. چۈنكى ھازىر شەرۋانەم ھاممىسى پۈتۈن ئەس- يادى بىلەن ئۆزىنىڭ چوڭ توي ئىشىغا تۇتۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ توي ئىشنى قىلىپ تۈگىتىپ بولمىغىچە ئۇنىڭغا ئاراملىق بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ھازىرقىدەك چاغدا ئۇنىڭغا بۇ گەپلەرنى دېسىمۇ قۇلىقىغا كىرمەيتتى، ھەم ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىنىسى بىلەن سۆزلەشكۈدەك ئىمكانىمۇ بولمايتتى.
شۇ تەرزدە يەنە نەچچە كۈن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. بۇ جەرياندا زۇلپىيە خېنىممۇ، ئارسلان بايۋەتچىمۇ سەيدۇللا باي قەسرىگە كېلىپ، توينىڭ يۈگۈر- يېتىم ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.
«قېرى كېلىنچەك» مېھرىيار خېنىم ھوزورىدا
ھەممە ئالدىراش تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ ئاخىرى توي كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. شەرۋانەم تاكى مۇشۇ كۈنگە قەدەر مېھرىيار خېنىمنى توي كۈنى قەسىرگە كېلىپ جىدەل چىقىرىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. شۇڭا ئۇ مۇشۇ ئېھتىمالىققا ئىدىيە تەييارلىقى كۆرگەچ، ئۇ كېلىپ قالسا قانداق «قارشى ئېلىش»، كىملەر ئالدىغا چىقىپ قانداق «كۈتىۋېلىش»، نېمىلەرنى دەپ ئېغىزىنى ئېتىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدىن ئويلىشىپ پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى. ھەم بۇ ئويلىرىنى قەمبەر ۋە ئامانەملەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، شۇنداقراق ئەھۋال بولۇپ قالسا بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۆزىگە يېقىن تۇرۇپ ئىشلارنى جىددىي بىرتەرەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
گۈلساھىپخاننىڭ يېشى چوڭىيىپ ئاجىزلاپ قالغانلىقى ھەم ياشانغانسېرى كېسەلچان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھازىر ئاساسەن ئارام ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئارقا ھويلىنىڭ باشقۇرغۇچىلىقىنى ئامانەم قىلىۋاتقانىدى. شۇنداق بولغاندا ئارقا ھويلىدىكى بارلىق خىزمەتكارلار ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇناتتى. قەمبەرمۇ بۇ ئالاھىدە كۈندە بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا كۆپلەپ ئادەم كېرەك بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، كۈنلۈك ئىش ھەققى بېرىشنى ۋەدە قىلىپ قەسىرگە بىرمۇنچە ئادەملەرنى ئەكىلىپ، ھەممىسىنى سەيدۇللا باي قەسرىنىڭ خىزمەتكارلىرى كىيىدىغان مەخسۇس كىيىدىغان ئۈستىباشلار بىلەن كىيىندۈرۈپ ئايرىم- ئايرىم خىزمەتلەرگە تەيىنلەپ تەقلەپ قويغانىدى.
بۇ توي ھەقىقەتەن شەرۋانىخان ئاغىچىنىڭ ئارزۇسى ھەم تەلىپى بويىچە تولىمۇ كاتتا، ئاجايىپ دادغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما تويغا قەدەم تەشرىپ قىلغان بەزى كىشىلەرنىڭ چېھرىدە قېرىپ چاچلىرىغا ئوبدانلا ئاق ئارىلىغان شەرۋانىخان ئاغىچىنىڭ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلاي دېگەندە قىلچە نومۇس قىلماستىن چوڭ توي قىلىمەن دەپ ھەممە ئادەمنى زىياپەتكە ئېيتقانلىقىنى مازاق قىلىپ كۈلكە پارلاپ قالغانىدى. شەرۋانىخان ئاغىچا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغان، لېكىن ئۇ قەدىر- قىممەت، ئىززەت- ھۆرمىتىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن بۇ زاڭلىق قىلىشلارغىمۇ پەرۋا قىلمىغانىدى.
بۇ كۈنى ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق ياسانغان بولۇپ، زۇلپىيە خېنىم، زۇلھايات خېنىم، ئايتۇرسۇن خېنىم ۋە خاس دېدىكى ئۇنى ياساندۇرۇشقا مەسئۇل بولغانىدى. قىپقىزىل توي لىباسى كىيىۋالغان ئۇ تىرناقلىرىغا قىپقىزىل خىنە قويىۋالغان، قېشىغا ياراشتۇرۇپ ئوسما قويۇپ، كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىپ، خاس دېدىكى ئاتايىتەن ياساپ بەرگەن ئەتىرگۈل بەرگى مايلىق لەخسۇرۇخنى قېنىق سۈرۈپ، خۇددى 18 ياشلىق كىچىك قىزغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
4-بۆلۈم 151-باب تۈگىدى، داۋامى بار