بىرىنچى بۆلۈمل
3-باب | 2-باب | 1-باب |
6-باب | 5-باب | 4-باب |
9-باب | 8-باب | 7-باب |
12-باب | 11-باب | 10-باب |
15-باب | 14-باب | 13-باب |
18-باب | 17-باب | 16-باب |
21-باب | 20-باب | 19-باب |
24-باب | 23-باب | 22-باب |
27-باب | 26-باب | 25-باب |
30-باب | 29-باب | 28-باب |
1-بۆلۈم تۈگىدى | 31-قىسىم |
ئىككىنچى بۆلۈم
ئۈچىنچى بۆلۈم
تۆتىنچى بۆلۈم
123-باب | 122-باب | 121-باب |
126-باب | 125-باب | 124-باب |
129-باب | 128-باب | 127-باب |
132-باب | 131-باب | 130-باب |
135-باب | 134-باب | 133-باب |
138-باب | 137-باب | 136-باب |
141-باب | 140-باب | 139-باب |
144-باب | 143-باب | 142-باب |
147-باب | 146-باب | 145-باب |
148-باب |
-كىچىك بالىدەك قەغىشلىك قىلىدىكەنسىز،- دېدى سەيدۇللا باي شەرۋانەمنىڭ بۇنچە چىڭ تۇرۇپ ئەزۋەيلەپ كېتىشىدىن بىزار بولغاندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە،- ھە ماقۇل، قېنى ئاۋۋال دەڭە، نېمە شەرتىڭىز بار؟
-شەرتىم شۇ، ئەگەر ئايمەمەتنى بۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىدىغان بولسىلا پۈتۈن قەسىر كىشىلىرى، بارلىق ئۇرۇق- تۇغقانلار گۇۋاھ بولغان، ئۆز ئېغىزلىرى بىلەن سائادەت خانىم ئانىكامغا ۋە ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مېنى چوڭ توي قىلىپ ھەقىقىي نام- ئاتىقىم بىلەن قايتىدىن ئالىدىلا!
شەرۋانەم شۇ گەپنى دېيىشى بىلەنلا سەيدۇللا باينىڭ چىرايى چاقماق تېزلىكىدە قارىداپ، ئاندىن تاتىرىپ كەتتى. بىر چەتتە تەخسىلەرگە قۇرۇق يەل- يېمىش تۆكۈۋاتقان قىز خىزمەتكارمۇ بۇ تۇيۇقسىزلىقتىن چۆچۈپ، قولىدىكى خام رەختتىن تىكىلگەن، ئىچىگە لىققىدە قۇرۇق ئۈزۈم ئېلىنغان خالتىمۇ سىڭايان بولۇپ كېتىپ تەخسىگە قۇيىۋاتقان ئۈزۈملەر يەرگە تۆكۈلدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزى سەيدۇللا باي ۋە شەرۋانەم ئەر- خوتۇندا ئىدى.
-بۇ... بۇ نېمە گەپ ئەمدى؟ بىز ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغانغۇ؟ نەچچە يىلدىن بېرى ئەر- خوتۇن بولۇپ بىللە ياشاۋاتىمىز، ھەممەيلەن سىزنى مەن سەيدۇللا باينىڭ بىردىنبىر ئاغىچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ، ئەجىبا بۇمۇ يەتمەمدۇ؟- دەپ سورىدى سەيدۇللا باي خوتۇنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ.
-ئەسلى شۇنداقتى، مەنمۇ مۇشۇنىڭغا قانائەت قىلىپ كۈنلىرىمنى تېنچ ئۆتكۈزەي دەپ ئويلىغان، لېكىن ئوغۇللىرى ئوغۇرلۇق قىلىپ ئاندىن بۇ ئىشنى ئوغلۇم ئىككىمىزگە دۆڭگەپ قويغاندىن كېيىن زادى كاتتا توي قىلىپ، نام- ئابرويى بىلەن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاغىچا خېنىم بولمىسا ھېچكىمنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالدىم. سىلى ئايمەمەتنى مېنىڭ ھەق- ناھەق مەسىلىسىنى ئالدىلىرىغا تاشلاپ چىڭ تۇرىۋېلىشىم بىلەن ئانىسىنىڭ يېنىغا كەتكۈزىۋەتكەن، ئەمدى مېنىڭ پىكرىم بىلەن ئەمەس، بالىلىرىنىڭ يالۋۇرۇشى بىلەنلا قايتۇرۇپ كەلسىلە، ئۇ بۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مېنى يەنىلا كۆزىگە ئىلمايدۇ، يەنە تېخى «دادام ساڭا ھەرقانچە ئامراق بولسىمۇ مەندەك ئوغلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، كۆردۈڭمۇ؟ سەن ھەر ئاماللارنى قىلىپ قوغلىۋەتسەڭمۇ ئۇ ئۆزى ئىگە بولۇپ مېنى قايتۇرۇپ كەلدى، سەن قانچىلىك نېمىتىڭ؟» دېيىشتىن يانمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يادىلىرىدىن چىقىپ قالمىغانلا بولسا سائادەت خانىم ئانام ھايات ۋاقتىدا، سىلى ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ بىر ئادەم يانلىرىدا تۇرۇپ ھاجەتلىرىگە قاچا سۇنۇپ ھاللىرىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېگىشلىك بولغاندا ئانىكام ماڭا «ھازىر ئوغلۇم ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، شۇڭا كىچىكرەك توي قىلغان ھېسابتا ئۇرۇق- تۇغقانلار يىغىلىپ بىرۋاق تاماق يەپلا رەسمىيەتنى تۈگىتىپ تۇرايلى، سىزمۇ ئوغلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئاياللىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىپ تۇرۇڭ، كېيىن سەيدۇللا ئوغلۇم ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرغاندا ئاندىن چوڭ توي قىلىپ، باشقىدىن ئەتىۋارىڭىزنى قىلىپ كۆچۈرۈپ كېلىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەن، شۇ چاغدا سىلىمۇ ئانىكامنىڭ بۇ ۋەدىسىنى قوللاپ، ساقايغاندىن كېيىن چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا يېنىش- يېنىشلاپ ۋەدە بەرگەن، ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپتۇ، ئانىكام ئۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرالماستىنلا كۆز يۇمۇپ دۇنيادىن كېتىپ قالدى، ئەمدى سىلى بولسىلىمۇ ئىككى كىشىلىك شۇ ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسىلىرى بولماس؟ ھېلىمۇ مەن بۇ يىللاردا سىلىدىن ھېچنېمە تەلەپ قىلىپ باقمىدىم، رايىشلىق بىلەن، چىن ئىخلاسىم بىلەن خىزمەتلىرىنى قىلىپ، بالىلىرىنى ۋە ئانىكامنى بېقىپ، ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولداشقا تېگىشلىك ئادىمىگەرچىلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى گۈل كەلتۈرۈپ يولداپ، ھەممە ئىشقا بىجانىدىللىق بىلەن يېتىشىپ كېتىپ بارىمەن، بۇ جەرياندا تارتقان جاپالىرىم، ئاڭلىغان ئىزالىرىممۇ ئاز ئەمەس، بالىلار مېنى ياقتۇرمىغاچقا ھە دېسە سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرغان چاغلارمۇ بەك كۆپ، مەن ھەتتا شۇلارغىمۇ چىداپ كەتتىم، كېيىنكى كۈنلەر ياخشى بولىدىغانلا بولسا ھەممىسىگە بەرداشلىق بېرەي دېدىم، سىلى بالىلارنىڭ مەن بىلەن چىقىشمايۋاتقىنىنى بىلىپ تۇردىلا، لېكىن قايسىبىرىگە ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلىپ، مەن توغرىلىق ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشتۇرۇپ قويۇشقا كۈچەپ باقتىلا؟ يەنە باقسام ھازىرمۇ مېنىڭ پىكرىمگە قارشى چىقىپ ئوغۇللىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى بولىۋاتىدىلا، مەن ئۇنى كەلمىسۇن دېمەيمەن، پەقەت ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇزاقراق تۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان بولۇپ، ئىككىنچىلەپ قولى ئەگرىلىك قىلمايدىغان، ئۆيىمىزنىڭ ھەممە نېمىسىنى قەدىرلەيدىغان، ئائىلە قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، سىلىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلەيدىغان، قىل دېگەننى قىلىپ قىلما دېگەندىن يىراق تۇرىدىغان، يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ توغرا- خاتا تەرەپلىرىنى ياخشىراق ئويلىنىپ، تۈزىلىپ قايتىدىن ئادەم بولىدىغان چاغقا يېتىشكەندە ئاندىن ئەكىلەيلى دېدىم، شۇنىڭغىچە ئاز- تولا جاپا تارتىپ قالسا نېمە بوپتۇ؟ بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرسا بىركىم بېشىدا تۈگمەن چۆرۈپتۇمۇ؟ تاپىنىغا مىخ قېقىپتۇمۇ؟ بۇ ئۆيدىكىدەك جېق- جېق خەجلەپ بۇزۇپ چاچالماي، تالادىكى ئالىقاپ ئاغىنىلىرىنى مېھمان قىلىپ كىرىلىپ يۈرەلمەي شۇڭا ئىچى پۇشۇپ قالغان نېمە ئۇنىڭ، سىلىدەك دادىسىنىڭ قەدرى ئۆتۈلگىدەك چاغ بولمىدى تېخى. شۇڭا يەنە بىر مەزگىل شۇ يەردە قويۇپ جاپا ۋە يوقسىزلىقتا پىشۇرۇپ تاۋلاپ چىقساق ياخشى بولاتتى ئۇنى. خەير، ئۇنىڭغا ئۇنىمىسىلىرى مەنمۇ ئارتۇقچە تىركەشمەيمەن، لېكىن گېپىم شۇ، ئالدى بىلەن شەرتىمنى ئورۇنلاپ، ئانىكام ئىككىلىرىنىڭ ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىپ ئاندىن قايتۇرۇپ كەلسىلە، ئۇ چاغدا ئانىسى بىلەن بىللە قايتۇرۇپ كەلسىلىمۇ پىكرىم يوق، راست دەيمەن، مېنى خەلقىئالەم ئالدىدا «بىردىنبىر ئاغىچام» دەپ ئېتىراپ قىلىپ كاتتا توي قىلىپ قايتىدىن ئەمىلىرىگە ئالسىلىلا ئۇ بالىنىڭ ھەم ئانىسىنىڭ قەسىرگە قايتىپ كېلىپ تۇرۇشىغا قارشىلىق بىلدۈرمەيمەن.
-ئۇ... ئانىسىمۇ بىللە كەلسە بولماس، ئايمەمەت ئوغۇرلاپ كەتكەن پۇلغا ئۆي ئېلىپ بېرىپتۇغۇ، شۇ ئۆيدە تۇرسا بولىدۇ... نەدىمۇ ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇن كونا ئېرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ يېڭى خوتۇن بىلەن بىللە تۇرغان بار؟ ياق، ئايمەمەت قايتىپ كەلسىلا بولدى، ئانىسى كەلمەيدۇ...
سەيدۇللا باي شەرۋانەمنىڭ ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە چېكىسىدىن ئۇششاق تەر تامچىلىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ گېپى تۈگىگەندىن كېيىنلا ئىپادە بىلدۈرۈپ شۇنداق دېيىشىگە، شەرۋانەممۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:
-ئەمىسە چوڭ توي قىلىدىغانغا قوشۇلدىلا ھە؟ ھازىرلا قەمبەر بىلەن گۈلساھىپ ئاچامغا توي تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق قىلايمۇ؟- دېدى.
-مەن... بۇ... شۇنداق دېدىمما؟... ھەي... بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوققۇ مەنچە...
-تازا زۆرۈرىيىتى بار، مەن بايا ھەممە گەپنى ئېنىق دەپ قويدۇم، ئىشقىلىپ چوڭ قىلىپ بەرمىسىلە ئايمەمەت بۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ، مۇشۇ ئىشتا كۆڭلۈمنى ئاغرىتسىلىرى كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن بايىقى گەپلىرىنى بۇ ئىشقا قوشۇلدى، دەپ بىلدىم مەن، بالىنى بەرىبىر قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغان ئىش بولغاندىكىن شۇنداق قىلايلى ئەمدى.
سەيدۇللا باي شەرۋانەمنىڭ ئاخىرقى گېپىگە رەددىيە بولغۇدەك گەپ تاپالمىدى. شۇنداق قىلىپ قەسىردە پات يېقىندا چوڭ توي بولىدىغانلىقىنىڭ خەۋىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بايا يەرگە تۆكۈلگەن قۇرۇق ئۈزۈملەرنى تېرىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرغان دېدەك قىزنىڭ يۈزىنى ۋە شەرۋانەمنىڭ قەلبىنى كۈلدۈردى.
(273)
شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ سەيدۇللا باينىڭ شەرۋانەمگە چوڭ توي قىلىپ بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر پۈتۈن قەسىرگە پۇر كەتتى. بۇ خەۋەرنى شەرۋانەم ئامانەم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئامالنىڭ بارىچە يېقىن- يىراقنىڭ ھەممىسىگە تارىتىۋېتىشنى مەسلىھەتلەشكەن بولۇپ، ئەگەر خەۋەر تارقىلىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن سەيدۇللا باي تۇغقانلىرىنىڭ ياكى كىملەرنىڭدۇر كۈشكۈرتۈشى بىلەن چوڭ توي قىلىش ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشنى ئويلاپ قالغان تەقدىردىمۇ تالا- تۈزگە تارىلىپ كەتكەن بۇ خەۋەرنى بېسىقتۇرۇشقا ئىلاج قىلالماي، ئامالنىڭ يوقىدىن چوقۇم باشقىدىن توي قىلىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئۇ يۈز ئابرويىغا شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشى ئىدىكى، ئەگەر مۇنداق چوڭ بىر خەۋەر سىرتقا تارقىلىپ كېتىپ، ئۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىسا خەقلەرنىڭ ئۆزىنى مازاق ئېتىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئاچا- سىڭىل ئىككەيلەن مەسلىھەتلىشىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ خەۋەرنى پۈتۈن يۇرتقا يېيىۋەتكەنچىلىك قىلدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپمىغان ھەتتا مېھرىيار خېنىممۇ قالمىدى.
مېھرىيار خېنىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يىغلىغۇدەك بولۇپ ئۆيگە كىرگەندە ئايمەمەت يەنىلا خىيال سۈرۈپ تورۇسقا قاراپ ياپقان بولۇپ، ئانىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق يىغا چىراي بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي كۆزلىرىنى چىمچىقلاپ، ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى. بۇنىڭدىن تېخىمۇ خۇيى تۇتقان مېھرىيار خېنىم بېشىدىكى مەرۋايىت قاداقلىق چىمەن دوپپىسىنى ئېلىپلا ئوغلىغا ئېتىپ:
-يېتىشنىلا بىلىسەن، مۇشۇنداق يېتىشنى بىلسەڭلا بولدى سەن، تالادا نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ، ھېچنېمە بىلەن كارىڭ يوق، جاھاننى سۇ باسسا پەرۋايىڭغا كەلمەيدۇ سەن گۇينىڭ، خەپ دەيمەن خەپ، شەرۋانەك دېگەن ئاۋۇ ئوسال خوتۇن قىلغۇلۇقىنى قىپتۇ، «ئۆيدە ئاكام بولمىسا ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان» دەپ، ئەڭ قورقىدىغان سېنى مېنىڭ يېنىمغا يولغا سېلىپ قويۇپلا «باشقىدىن توي قىلىمىز، كاتتا توي قىلىمىز» دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرۈپتۇدەك، ئەھۋالدىن قارىغاندا سېنى يېنىغا ئالدۇرۇپمۇ كەتمەيدىغان ئوخشايدۇ، ئەمدى مېنىڭ يېنىمدا قالىدىغان ئوخشايسەن، قالساڭمۇ قالار ئىدىڭ، لېكىن سەن تېخى پۇل تاپالمىساڭ، مەن تېخى پۇل تاپالمىسام، بۇ تۇرمۇشنى ئەمدى قانداق قامدايمىز؟ نېمىگە تايىنىپ جېنىمىزنى جان ئېتىمىز؟ ھۈھۈھۈ... شۇنچە يىل جان كۆيدۈرۈپ تۇتقان ئۆيۈم ئاشۇ خوتۇنغا سەرپ بولۇپ كەتتى- دە ئېسىت!... بۇلارنى بىلگەن بولسام ئېغىر بېسىق بولماسمىدىم؟ داداڭنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەي، نېمە دېسە ماقۇل دەپ بۇرۇتىدىن ئۆتۈپ، ھەممە ئىشلارغا ئۆزۈم يېتىشىپ سىلىق، رايىش ئاغىچا خېنىم بولماسمىدىم؟ ۋاي ئېسىت!... ۋاي يۈرىكىم!... قاراپ تۇرۇپ بىر ئۆمۈر تەرگەن ئوتۇننى بىر قاينام چايغا بۇزدۇم- دە، ئېسىت!... ئەمدى باشقىدىن چوڭ توي قىلىپ ئۇ خوتۇننى نام- ئاتىقى بىلەن كۆچۈرۈپ كىرىدىغان ئىش بولسا ماڭا بۇ يۇرتتا ياشاش مۇمكىنمۇ؟ قانداقمۇ قىلارمەن؟ بۇ بېشىمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەرمەن؟ ئاغرىۋاتقان يۈرىكىمگە قانداقمۇ تەسكىن بېرەرمەن؟...
مېھرىيار خېنىم بالىسىغا دوپپىسىنى ئېتىپ بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدا زوككىدە ئولتۇرغىنىچە ئەنە شۇنداق دەپ ئۆز- ئۆزىگە قاقشاپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئېچىنىشلىق تۇرقىغا قاراپ تونۇمايدىغان ئادەم بولسىمۇ چوقۇم يىغلاپ تاشلايتتى. ئەمما ئانىسىنىڭ بۇ يىغىسى ئايمەمەت بايۋەتچىنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى قەسىرگە قايتۇرۇپ كېتىش ئىشىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئالدى بىلەن ئاغىچىسىغا چوڭ توي قىلىپ بەرمەكچى بولغىنىدىن ئاچچىقلاپ قالغانىدى. ئۇ يېنىدا ئولتۇرۇپ كىچىك بالىدەك بوزلاپ يىغلاۋاتقان ئانىسىغا پەرۋامۇ قىلماستىن، ئورنىدىن تۇرغان پېتى ئايىغىنى كىيىپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. مېھرىيار خېنىم ئۇ چىقىپ كەتكەن ئىشىككە قارىغىنىچە:
-ھەي، نەگە بارىسەن؟ داداڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ جېدەل چىقارما جۇمۇ! مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ ئارىلىق قالسۇن ئەمدى، نوچىلىقىمىزغا تايىنىپ ھەر ئىشلارنى تېرىپتىمىز، پىلان ئارقا- ئارقىدىن بۇزۇلۇپ مۇشۇ ئاقىۋەتكە قالدۇق مانا، ئەمدى بېرىپ جېدەل قىلساڭ داداڭ سېنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ كەتمەيدۇ جۇمۇ!...- دەپ ۋارقىرىدى.
مۇھەببەت ئاستا- ئاستا بىخلايدۇ
ئايمەمەت بايۋەتچە ھەقىقەتەن ئانىسى ئېيتقاندەك سەيدۇللا باي قەسرىگە بېرىپ، شەرۋانەم ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن جېدەللەشمەكچى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغاچقا شەرۋانەم ئىشىككە نەچچە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىم كېلىپ، كىم كېتىدۇ، ھەممىنى ئۆزىگە دوكلات قىلىش، ئەگەر مېھرىيار خېنىمنىڭ دادا جەمەت تۇغقانلىرىدىن بىرەرسى ياكى ئايمەمەت بايۋەتچە بۇ ئۆيگە كەلگۈدەك بولسا ئاۋۋال نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سوراپ ئېنىقلاپ ئاندىن ئۆيگە كىرگۈزۈشنى تاپىلاپ، بۇ ئىشنىمۇ جايىدا بىرتەرەپ قىلىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئاچچىقىنى مىڭ يەردىن بىلەپ بۇ ئۆيگە كەلگەن ئايمەمەت بايۋەتچە دەرۋازىنىڭ ئىچىگە كىرەلمىدى. ئىشىكتىكىلەر ئۇنى:
-بېگىمگە گېپىڭىز بولسا بىز كىرىپ مۇشۇ يەرگە چاقىرىپ بېرەيلى، سەيدۇللا باي ئۆزى «ئايمەمەت بۇ ئۆيگە كەلسە بوسۇغىدىن كىرگۈزمەڭلار» دەپ تاپىلىغان، سىزنى كىرگۈزسەك بىزمۇ پۇتىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز، بىزنى جان ساقلىغىلى قويۇڭ،- دەپ تۇرۇۋالدى.
بۇ ئىشقا تېخىمۇ ئاچچىقلاپ جايىدا تۇرالمايلا قالغان ئايمەمەت بايۋەتچە ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ خېلى ئۇزۇن جېدەل قىلىپ باقتى. ئەمما بۇ چاغدا سەيدۇللا باي شەرۋانەمنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن بولغاچقا، بالىسىنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ساراڭلىق قىلىپ جېدەل تېرىشلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى.
(274)
شەرۋانەم قەسىردىكىلەرنى يۈگۈرتۈپ توي تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلساھىپخان تۇيۇقسىز ئايزىبا خېنىمنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەك ۋە مەيدىلىرىگە غەلىتە بىر خىل جاراھەتلەرنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇ جاراھەتلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئەيزىبا خېنىمنىڭ ئۆگەي ئانىسىغا ئۆچتىكى بولغاچقا، يەنە كېلىپ دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا چوڭ توي قىلىپ بېرىش خەۋىرى چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ بەك ئاچچىقلاپ قېلىپ ھەممەيلەنگە تەتۈر قارىۋالغاچقا كۈن بويى ھۇجرىسىدىن چىقماي يىغلاپ يېتىپ ھېچكىمگە كۆرۈنمىگەنلىكى، شۇڭا بۇ ئىشتىن ئەمدىلا خەۋەر تاپقانلىقى، ئايزىبا خېنىمنىڭ بەدىنىگە چىققان بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
شەرۋانەممۇ بۇ ئۆگەي بالىسىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئۇنتۇپ، جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇنىڭ قول ۋە مەيدىلىرىگە قارىدى. ئايزىبا خېنىم بەدىنىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكىلى ئۇنىماي خېلى تىركىشىپ باقتى، بىراق گۈلساھىپخان نەسىھەت قىلىپ ھەم ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى ئۆزى ئېچىپ كۆرسىتىپ يۈرۈپ ئەھۋالنى شەرۋانەمگە تولۇق ئايان قىلدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى بۇ جاراھەتلەر ھەقىقەتەن غەيرى بولۇپ، يا بەلۋاغسىمان قوقاققا، ياكى تەمرەتكىگە ئوخشىمايتتى. گۈلساھىپخانمۇ شەرۋانەممۇ ئەزەلدىن، ھېچ يەردە كۆرۈپ باقمىغان بۇ جاراھەتلەرنىڭ چۆرىسى قىزىرىپ شەلۋەرەپ قالغان شەكىلدە، شۇ قىزىللىقنىڭ ئىچى جىگەر رەڭگىدە قېتىشىپ قالغان ھالەتتە بولۇپ، ئايزىبا خېنىم بۇلارنى «قىچىشىدۇ، تاتىلىسام ئاغرىيدۇ» دەپ چۈشەندۈردى.
4-بۆلۈم 148-باب تۈگىدى، داۋامى بار