دىلقەت شاۋكەت || كۈزگە ئايلاندىم

文摘   2024-10-13 23:45   新疆  

كۈزگە ئايلاندىم


دىلقەت شاۋكەت


يۈرەكتىكى جاراھەت بولۇپ،

شاخلىرىدىن چۈشتى يوپۇرماق.

سارغايغىنى مەن بولۇپ قالدىم،

ھېچ بولمىدى ئۇنى يۇشۇرماق.


ياپراق بىلەن بىللە تۆكۈلۈپ،

باھارىمدىن كۈزگە ئايلاندىم.

ساددىلىقىم تۈپەيلى بالدۇر،

بۇ سۆيگۈدە ئاسان ئالداندىم.


كۈلۈشلىرىم مەندىن ئۇنتۇلۇپ،

قالدى يارنىڭ زىناقلىرىدا.

ئۇچۇپ يۈرگەن خازان مەن ئەمدى،

دەرد- ئەلەمنىڭ قىيناقلىرىدا...




HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章