دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت، قۇرۇلۇپ 9كۈندىلا خۇشنا دۆلەت بېسۋالدى

文摘   2024-07-31 23:55   新疆  

پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تەقدىرى: مۇستەقىل بولۇپ توققۇز كۈندىلا، قوشنا دۆلەتلەر تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى؛27 يىل كۈرەش قىلىپ، يېڭى ھاياتلىققا قايتا ئېرىشتى، 

كونىلاردا ئاجىز دۆلەتتە دىپلوماتىيە بولمايدۇ دەيدىغان سۆز بار، تارىخنىڭ ئىچكى ماھىيىتى يەنىلا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش دېگەن گەپ. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت كۈچى كۈچلۈك بولمىسا، ئارمىيە ئۇرۇشقا ماھىر بولمىسا، رىقابەت كەسكىن بولغان خەلقارا سەھنىدە، تاشقى زوراۋانلىقنىڭ ھەيۋىسىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، 19ـ ئەسىردىن بۇيان، كۈندىن ـ كۈنگە قۇدرەت تېپىۋاتقان ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۇرۇش ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش، بىرلىشىپ بۆلۈشۈۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆزىنىڭ ئارقا گۈللۈكى گە ئايلاندۇردى. 2ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر مىللىي ئازادلىق دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تايىنىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇردى.لېكىن قىسمەن كىچىك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەقىللىق ھەرگىزمۇ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. 

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەر توپلاشقان جاي، دېڭىز ـ ئوكياننىڭ ئۈستىگە جايلاشقان شەرقىي تىمور يەنە نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەر ئىچىدىكى بىر قەدەر ئاجىز بىر ئەزا. شەرقىي تىمور دىۋېن ئارىلىدا بولۇپ، كۆلىمى ئاران 14 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىسمى جىسمىغا لايىق كىچىك دۆلەت. شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان ياۋا ئارىلىغا سېلىشتۇرغاندا، دىۋېن ئارىلىدا ئاھالە ئاز بولۇپلا قالماي، ئارالدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سەۋىيەسىمۇ تېخىمۇ ئارقىدا قالغان.تار يەر كۆلىمى، چەكلىك نوپۇس سانى، قالاق تەرەققىيات سەۋىيەسى، تۈرلۈك ئامىللار گىرەلىشىپ، دىۋېن ئارىلىدا قۇدرەتلىك ھاكىمىيەتنىڭ دۇنياغا كېلىشى تەسكە توختايدىغانلىقىنى ھەم تاجاۋۇزچىلىققا ناھايىتى ئاسان ئۇچرايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 

ت16ـ ئەسىردىن بۇرۇن دىۋېن ئارىلى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ،  ھەرخىل فىئودال ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1515ـ يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر شەرقىي تىمورغا ئاياغ باسقان. 1613ـ يىلىدىن 1618ـ يىلىغىچە، يالغۇزلۇقنى خالىمايدىغان دېڭىزدىكى ھارۋىكەش ـ گوللاندىيەلىكلەرمۇ دىۋېن ئارىلىنىڭ غەربىگە كېلىپ بۇ ئارالنى ئىككى دۆلەت تەڭ مۇستەملىكە قىلغان. 17ـ ئەسىردىن 19ـ ئەسىرگىچە پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە دىۋېن ئارىلىنى چۆرىدەپ كۆپ قېتىم تىركىشىپ، ئاخىرى 1859ـ يىلى دىۋېن ئارىلىنى بۆلۈشۈۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.شۇنىڭدىن كېيىن، دىۋېن ئارىلىدىكى غەربىي تېمور گوللاندىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئايلانغان، شەرقىي تېمور بولسا پورتۇگالىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 

ت1945ـ يىلى 2ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھىندونېزىيەدە ئاۋغۇسىت ئىنقىلابى پارتلاپ، گوللاندىيەدىن تەدرىجىي ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەمدە گوللاندىيەنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى غەرىبى تىمورنى ئۆتكۈزۈۋالدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تىمور يەنىلا پورتۇگالىيە سالازار ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرماقتا ئىدى. ئەينى چاغدىكى پورتۇگالىيەنىڭ كۈچى ئاجىز بولسىمۇ، مۇستەملىكىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايتتى.1951ـ يىلى شەرقىي تېمور پورتۇگالىيەنىڭ چەتەل ئۆلكىسىگە ئايلانغان. لېكىن كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، 1974ـ يىلىدىن 1975ـ يىلىغىچە پورتۇگالىيەدە كاڭنەيشىن ئىنقىلابى پارتلىدى، ساراچا ھاكىمىيىتى گۇمران بولدى. ئىنقىلابتىن كېيىنكى پورتۇگالىيە يېڭى ھۆكۈمىتى «مۇستەملىكىگە ھوقوق بېرىش» نى جاكارلىدى، شەرقىي تىمور مۇستەقىل بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 1975ـ يىلى 11ـ ئاينىڭ 28ـ كۈنى، كۆپ قېتىم ۋەكىل ئەۋەتىپ كېڭەشكەندىن كىيىن، شەرقىي تىمور مۇستەقىل بولۇپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇردى. 

لېكىن، كونا ئاپەت ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يېڭى ئاپەت يەنە شۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى.شەرقىي تىمورغا قوشنا دۆلەت بولغان ھىندونېزىيە ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تىمورنى تەمە قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1975ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى، شەرقىي تىمورنىڭ مۇستەقىل بولۇپ توققۇز كۈندىن كىيىن، ھىندونېزىيە قوشۇن چىقىرىپ ئۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1976ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 5ـ كۈنى، ھېندىنوزىيە زوڭتوڭى سۇخاتو شەرقىي تىمورنى ھىندونېزىيەنىڭ 27ـ ئۆلكىسى دەپ جاكارلىدى. ئەينى چاغدا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قىزىق نۇقتا رايونلىرىدا تىركىشىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، شەرقىي تىمورنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلار ئۈچۈن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. ھىندونېزىيە دەل مۇشۇنداق پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تىمورنى ئىشغال قىلىۋالدى. 

دەرۋەقە، زۇلۇم بولىدىكەن قارشىلىقمۇ بولىدۇ، ھىندونېزىيە ئۇنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن شەرقىي تىموردىكى يەرلىك پارتىزانلار ئەترىتى دەرھال قوراللىق كۈرەشنى جاكارلاپ، ھىندونېزىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇردى. لېكىن، ھىندونېزىيەنىڭ ئۆچ ئېلىشىمۇ خېلى شىددەتلىك بولدى.1978ـ يىلىدىن 1982ـ يىلىغىچە، ھىندونېزىيە ئارمىيەسى قارشىلىق كۆرسەتكەن قوراللىق كۈچلەرگە قارىتا بىر قاتار تازىلاش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىغان ھەمدە شەرقىي تىمور رايونىدا ئالاھىدە ھەربىي ئىدارە قىلىش نى يولغا قويغان. ھىندونېزىيە گەرچە دۇنيا دەرىجىلىك كۈچلۈك دۆلەت بولمىسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن رايون خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، پارتىزانلار ئەترىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا يەنىلا ئەمەلىي كۈچى بار. ھىندونېزىيە ئارمىيەسىنىڭ تازىلىشى، قامال قىلىشى ۋە زەربە بېرىشى ئارقىسىدا، شەرقىي تىمورنىڭ ئىقتىسادى ناچارلىشىپ، ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتكەن تېرىلغۇ ئېتىزلىرى قاقاسلىشىپ، يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۇرۇشتا قازا قىلدى. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندونېزىيە يەنە كۆچمەنلەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق، شەرقىي تىمورنىڭ قارشىلىقىنى باسماقچى بولدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە،70ـ يىللاردىن 80ـ يىللارغىچە، شەرقىي تىموردا تەخمىنەن 750 مىڭ نوپۇس بار ئىدى، لېكىن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، شۇ جايغا 100 مىڭ ياۋالار ( ھىندونېزىيەدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەت ) يۆتكەشنى پىلانلىدى. ياۋا كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىكنى بېسىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. 

ئىقتىسادىي جەھەتتە، كۆچمەنلەر قەرەللىك ھالدا تولۇقلىما ئالىدۇ ھەمدە ياخشى ئېتىز، ياخشى بېلىقچىلىق كېمىسى، ياخشى دۇكانلارنى ئىگىلەيدۇ؛ھەربىي ئىشلار جەھەتتە، كۆچمەنلەر ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيە تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ھەمدە خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى تەشكىللىنىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا، شەرقىي تىموردىكى قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ كۈرەش يولى خېلىلا جاپالىق بولدى. بىراق، قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىمۇ يالغۇز جەڭ قىلمايدۇ. شەرقىي تىمور يۇتۇۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھىندونېزىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى. 

ت1975ـ يىلى 12ـ ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى قارار ماقۇللاپ، ھىندونېزىيەدىن شەرقىي تىموردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 1982ـ يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا 50 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 50 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، 46 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن شەرقىي تىمورنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە ياردەم بېرىش قارارى ماقۇللاندى. 1983ـ يىلىدىن 1998ـ يىلىغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ھىندونېزىيە بىلەن پورتۇگالىيە شەرقىي تىمور مەسىلىسى ھەققىدە ئون نەچچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. تاشقى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئارىلىشىشى ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي تىمور مەسىلىسىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇر بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.تارىخنىڭ چاقى 90ـ يىللارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، شەرقىي تىمورنىڭ مۇستەقىللىقى قايتىدىن تاڭ نۇرىغا چۆمدى. 

ت1990ـ يىلى،نامبىيە جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولدى؛ 1991ـ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى؛ 1992ـ يىلى يۇگۇسلاۋىيە پارچىلاندى؛ 1993ـ يىلى چېخوسلوۋاكىيە ئۆي ئايرىپ چىقىپ پارچىلاندى، ئارقىدىن ئېرىترېيە مۇستەقىل بولدى. خەلقارا ئەندىزىدىكى چوڭ ئۆزگەرتىش شەرقىي تىمورنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندونېزىيە 1997ـ يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە بوران ـ چاپقۇنىدا ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، شەرقىي تىمورنى كونترول قىلىشنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. 

ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، مەغلۇپ بولۇش، يەنە ئىزدىنىش ئارقىلىق، شەرقىي تىمور ئاخىرى 2002ـ يىلى 5ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنى مۇستەقىل بولدى، ئۇ مۇستەقىل بولۇپ ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، دۆلىتىمىز بىرىنجى بولۇپ شەرقى تىمورنىڭ مۇستەققىلىقنى ئېتىراپ قىلدى. شەرىقى تىمورمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەققىللىق يولىدا دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى تىمورغا قىلغان ياردەملىرىنى كۆزدە تۇتۇپ شەرقى تىمور پۇلنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە خەت باستى.

ئەمەلىيەتتە بۇ قائىدە ناھايىتى ئاددىي، چۈنكى شۇ جايدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر خەنزۇچە خەت يازالايدۇ، كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ، بۇ ناھايىتى قولايلىق، شۇڭا بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە قويۇق  خەنزۇتىلى پۇرىقى  بار . شەرقىي تىمور مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان كۈنى ئېلىمىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرى تاڭ جياشۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شەرقىي تىمورنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن باردى، ھەمدە ئۇلارنى ئاز بولمىغان ئىقتىسادىي، ماددىي جەھەتتىن قوللىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونلار شەرقىي تىمورغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تىمور قۇرۇلغاندىن كېيىن ياپونلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ تەخمىنەن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنى ئاچچىقىنى چىقارغاندەك ھېس قىلدۇردى. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، ياپونىيەلىكلەر توختىماي شەرقىي تىمورغا پۇل ئىئانە قىلدى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ شەرقىي تىمورنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىمۇ تەدرىجىي ئۆزگەردى.1999ـ يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، ياپونىيەلىكلەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شەرقىي تىمورغا 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى، شۇڭا ھازىرغىچە شەرقىي تىمور ياپونىيەلىكلەر بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى .

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شەرقىي تىمورنىڭ تارىخى بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتتى، ئۇزۇن مۇددەت چوڭ مۇستەملىكچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغىنىغا 10 كۈنمۇ بولمىاستا يولۋاس ئېغىزىغا قايتا كىرىپ كەتتى. لېكىن مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شەرقىي تىمورنىڭ تارىخى يەنە بىر تەلەي: ئۇنىڭ ئالاھىدە تەۋەلىك ئورنى ( شەرقىي تىمور پورتۇگالىيەنىڭ مۇستەملىكىسى، ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولسا گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسى )، شۇنداقلا دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى قوللىشى ئۇنىڭ قايتىدىن يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹





TarihQilar
تارىخچىلار سالونىمىزدا ھەركۈنى ، يىشىلمىگەن تارىخى سىرلار يوللىنىدۇ، سالونىمىزنى ياقتۇرغان دوسلارنىڭ
 最新文章