پۇتىن « زىلنىسكىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش» بۇيرۇقى چۈشۈردىمۇ؟ رۇسيەنىڭ

文摘   2025-01-16 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


يېقىندا پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى يەنە بىر قېتىم رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا مەركەزلەشتى. رۇسىيە 2025 - يىلىغا قەدەم قويغان دەسلەپكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ شەھەر مەركىزىگە ئاز كۆرۈلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۆلۈم - يېتىم پەيدا قىلدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەردى، ئۇ سۆزىدە كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قەسەم بەردى. بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى زېلېنسكىيغا «ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك» ئىش بولدى. ئۇكرائىنا باش تەپتىش ئىشخانىسى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمدا بىر ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ سانىنىڭ يەتتىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ھۇجۇم نىشانى دەل ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق پېچېرسكى رايونى ئىدى.

بۇ كىشىنى ئىختىيارسىز ھالدا رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ زېلېنسكىي ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى مەقسەت قىلغان-قىلمىغانلىقى، ھەتتا پۇتىننىڭ «كاللىسىنى ئېلىش» ھەرىكىتى دەپ چۈشەندۈرۈلگەن-چۈشەندۈرۈلمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ھالبۇكى، تېخىمۇ ماكرولۇق نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى بەلكىم زېلېنسكىينىڭ شەخسىي ھەرىكىتىگە قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ كەينىدە رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ زىددىيەت بار. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇزاقتىن بۇيان رۇسىيەنى «ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور بىۋاسىتە تەھدىت» دەپ قاراپ كەلدى ھەم ئۆزىنىڭ رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن ھەربىي كۈچ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەربىي مانېۋىر تەشكىللەپ، ئارقا سەپ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون مۇداپىئە پىلانى تۈزدى. بۇ قىلمىشلار شۈبھىسىزكى رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى ھەمدە رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ھوشيارلىقىنى قوزغىدى. بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ،

سىرتقا «كۈچ سىنىشىش» پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەت توغرىسىدا سىگنال بېرىشى بولۇشى مۇمكىن. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گرۇشكو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن بولغان قوراللىق توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلماقتا، لېكىن رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكى قانداقلا بولمىسۇن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ رۇسىيەنىڭ سىرتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە قىلچە چېكىنمەسلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گەرچە ھەربىي ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىراق سۆھبەت ۋە يارىشىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا جەمئىيەت تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك. چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتتىن ساقلىنىش تەس بولسىمۇ، لېكىن ھەمكارلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق كىرىزىسنى ھەل قىلىش يەنىلا تېخىمۇ ئاقىلانە تاللاش. بۇ مۇرەككەپ قورشاۋ شاھماتتا،

رۇسىيەنىڭ ھەقىقىي نىشانى بەلكىم زېلېنسكىي ياكى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگىلا قارىتىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنى ياۋروپادىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قايتىدىن باھالاشقا مەجبۇرلاپ، كەلگۈسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئەمما، رۇسىيە ـ ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىگۇناھ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكى قۇربانلىق بۇيۇمى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى، ھەر قايسى تەرەپلەر سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق، ئۇزاق مۇددەت تىنچ، مۇقىم بولغان ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

Serlik Tabiyat
سېرلىق تەبىيەت سالۇنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم!
 最新文章