بەش بۇرجەكلىك بىنا ئۇكرائىنانى ئاق فوسفور بومبىسى بىلەن تەمىنلەۋ

文摘   2024-09-29 22:00   新疆  



                                     مەزمۇن

ئەگەر سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارسىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرىزى بولغان بولسابىزبىلەن ئالاقىلشىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلىدۇ


مىسرانىم سالۇنى تەرجىمىسى

«يەر شارى تورى خەۋىرى» ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى ( NBC ) نىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالاقىدار پىلاننى پىششىق بىلىدىغان ئۈچ

نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۇكرائىنانى ئاق فوسفور بومبىسى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى بەرگەن، لېكىن ئاق ساراي كۆپ قېتىم رەت قىلغان. 

NBC قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاق فوسفور بىر خىل مومسىمان ماددا بولۇپ، ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئاق فوسفور ئوكسىگېن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن دەرھال ئوت يالقۇنى ھاسىل قىلىدىكەن، ئادەم بەدىنى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلىنىدىكەن. 1983-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان «ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئادەتتىكى قورال-ياراغلار ئەھدىنامىسى» دە پۇقرالارغا ياكى پۇقرالار توپلاشقان رايونلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆيدۈرگۈچى قوراللارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. NBC نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلاردا ئاق فوسفور ئىشلىتىپ دۈشمەن ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرغان، لېكىن ھازىر ئۇنى يورۇتۇش، ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىش، قىسىمنى يۆتكەشنى قوغداش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدىكەن. 

NBC نىڭ ئېيتىشىچە، يۇقارقى ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە، بىر قانچە تۈرلۈك ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەش بۇرجەكلىك بىنا ئىلگىرى ئۇكرائىنانى ئاق فوسفور بومبىسى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى بەرگەن، مەقسىتى يورۇتۇش،

ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىش، بىراق ئاق فوسفور بومبىسىنىڭ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، بىدېن ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇ تەكلىپنى تەستىقلىمىغان. 

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يۇقارقى خەۋەرنى ئاشكارىلىغان پەيتتە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ ئۇلار تەمىنلىگەن قوراللارنى ئىشلىتىشىگە بولغان چەكلىمىنى قويۇۋېتەمدۇ-يوق دېگەن مەسىلە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىشى توقۇنۇشنىڭ ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ، بۇ «رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ»، رۇسىيە دۇچ كەلگەن تەھدىتكە ئاساسەن «مۇۋاپىق قارار چىقىرىدۇ» دېگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پۇتىننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ چەت ئەلدىن ياردەم بېرىدىغان يىراق مۇساپىلىك قورال ئىشلىتىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە چىقارغان «ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى» ئىكەن. 

رۇسىيە 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، رۇسىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف رۇسىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلىشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سورىغاندا، ئۇ ئامېرىكىنى رۇسىيەنىڭ قىزىل سىزىقىغا چاقچاق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم ئۇندا قىلماي



undefinedundefined

قۇللاپ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپلا چىكەتسىڭىز بۇلدۇ قېرىندىشىم رەھمەتسىزگە


!!!دوسلار دېققەت

بىر قىسىم سېرىق مەزمۇن يوللايدىغان مەينەت،خەلىقنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20 مىڭدىن ئاشماقتا. ئەمما بىزدەك ساغلام ،پاكىز مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بېسىپ قويسىڭىز بىزگە 3 مو پۇل كىرىدۇ، سىزدىن ھېچنىمە چىقىپ كەتمەيدۇ، مەينەت سېرىق سالونلارنى قوللامسىز؟!ياكى بىزنىمۇ تاللاش ئۆزىڭىزدىن!

سىزدىن بىر پۇڭ چىقىپ كەتمەيدۇ دۇستۇم ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭ 👇

Serlik Tabiyat
سېرلىق تەبىيەت سالۇنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم!
 最新文章