ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش پىدائىيسى شاڭگۇەن جىڭيى يېقىندا لىنيى شەھىرىدىكى مەلۇم ۋاسىتىچىنىڭ «تۇغۇلۇش ئىسپاتى»، «ۋاكسىنا كىنىشكىسى»نى ئېلىپ ساتقانلىقىنى ھەمدە يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى ئېلىپ ساتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. جوڭ فامىلىلىك بۇ ۋاسىتىچى ئۆزىنىڭ لىنيى شەھىرىگە قاراشلىق ئىككى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ «تۇغۇلۇش ئىسپاتى»نى 120 مىڭ يۈەنگە، «ۋاكسىنا كىنىشكىسى»نى 20 مىڭ يۈەنگە سېتىپ، ئالداپ سېتىشقا چېتىشلىق بالىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى؛ يەنە ئۆزىنىڭ بالا سېتىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغانلىقى، ئوغۇللارنىڭ باھاسىنىڭ 160 مىڭ يۈەن، قىزلارنىڭ باھاسى 140 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى؛ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ 20 نەچچە بالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىپ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ قىلمىشقا قارىتا، 18-ئۆكتەبىر لىنيى شەھىرى دەرھال سەھىيە، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.