ئامىرىكا زىمىنىدىكى كىرىش چەكلەنگەن ئالتە سىرلىق جاي

文摘   2024-10-25 20:19   中国  


 

زەمران


ئامىرىكا زىمىنىدىكى كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ئالتە سىرلىق جاي

دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ھامان دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
مەيلى ئامېرىكىدا يەنە يېڭى ئىلمىي بۆسۈش بولسۇن ياكى خەلق ئارىسىدىكى بەزى ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلار يۈز بەرسۇن، ھامان بەزىلەر ئۇنى چوڭايتىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيتىدۇ. نۇرغۇن ئامېرىكىغا بېرىپ باقمىغان كىشىلەرمۇ ئاق ساراي، ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى ۋە ئىمپېرىيە بىناسىدىن ئىبارەت بۇ داڭلىق قۇرۇلۇشلارنى بىلىدۇ. ئەمما، ئامېرىكا دائىرىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزى جايلارنى ئۇلار ھەتتا ئۆز دۆلىتىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ. توردا پەقەت بەزى چەكلىك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ تاپقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى بەك يۈزەكى پاراڭلار. بۈگۈن ئېلىپ كەلگىنىمىز ئامېرىكا دائىرىلىرى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان ئالتە جاي.


سىتانلى مىكېرسون ئۇنىۋېرسال بىناسى

سىتانلى مىككىرسون ئۇنىۋېرسال بىناسى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي داكوتا ئىشتاتىغا جايلاشقان بولۇپ, 1975ـ يىلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە سېلىنغان. ئۇنىڭ ياسىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇش ئۈچۈن بولۇپ، يەنە 30 يىراق مۇساپىلىك تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 70 قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ياساش چىقىمى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. سىرلىق يېرى شۇكى، ئۇ 1975ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنى ئېچىۋېتىلگەن، ئەمما ئەتىسى يەنى 1975ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 2ـ كۈنى تاقالغان. 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، پەقەت بىر كۈنلا مەشغۇلات قىلىنغان، بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەستەك قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەردە نېمىلەرنى يوشۇرغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى قارىماققا بەك غەلىتە بولۇپ بۇ سىرلىق قۇرۇلۇش سىتانلى مىكېرسون ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى توغرىسىدىكى نۇرغۇن نەزەرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزىلەر بۇنى بىر مەخپىي تەشكىلاتنىڭ باش شىتابى دەپ قارايدۇ، ئەمما، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى كۈندە بازىنى يەنىلا يۈرۈشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما 24 سائەت قوغداش ۋە كۆزىتىش مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەرنىڭ بۆسۈپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.


توماس كوچىسى 33ـ نومۇر

نيۇ يورك چوڭ تىپتىكى ئاسمان پەلەك بىناسى بىلەن داڭلىق، لېكىن ئەگەر سىز نيۇ يوركتىكى مانخاتتان رايونىغا بېرىپ باققان بولسىڭىز، ناھايىتى غەلىتە نەرسىلەرنى بايقىشىڭىز مۇمكىن.
ئۇ يەردە پۈتۈنلەي ھېچقانداق دېرىزىسى يوق بىر غايەت زور ئاسمان پەلەك بىنا بار. بۇ ئىمارەتنىڭ دېرىزىسى بولماسلىقىدىكى سەۋەب دائىرىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىكى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  
بۇ قۇرۇلۇش 29 قەۋەتلىك بولۇپ ، لېكىن بىرمۇ دېرىزىسى يوق.  بۇ قۇرۇلۇش 1974ـ يىلى سېلىنغان بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردەئامىرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بردىغان مۇھىم ئورگان شۇڭا ئۇ پۈتكۈل دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كۆزىتىش مەركىزى دەپ قارايدۇ. يەنە كېلىپ، ئامىرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نيۇيوركتىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن ئۇنىڭ ئارىلىقى بىر كوچا يىراقلىقتا بولۇپ مىش ـ مىش پاراڭلاردا، بۇ يېپىق بىنا ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئەگەر ئاپەت يۈز بەرسە، ئىچىدە يېتەرلىك يېمەكلىك بار بولۇپ 1500 ئادەم ئىككى ھەپتە  ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرالايدۇ دېيىلگەن.


پېتېرس تېغى

پېتېرس تېغىدا بىر مەخپىي يەر ئاستى ئاكوپ بار. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ جاي ئەسەبىي ئەھۋال ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، مەيلى چەت ئەل تاجاۋۇزى، يادرو ئۇرۇشى بولسۇن ياكى تۈرلۈك ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسىلەر بولسۇن، بۇ جايغا زۇڭتۇڭ قاتارلىق كىشىلەر ئورۇنلاشتۇرلىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تاغ چوققىسىدىكى بىر سىرلىق ئەسلىھەدە 2007ـ يىلىدىن بۇيان 61 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يېڭىلاش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغان. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كىشىلەر پېتېرس تېغىنىڭ زادى قانداق جاي ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ كەلدى. بىرقەدەر ئىشەنچىلىك قاراش شۇكى، پېتېرس تېغى ۋاشىنگتوننىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سۈنىي ھاسىلات بولۇپ 20ـ ئەسىرنىڭ 50ـ يىللىرىدىكى يادرو ئۇرۇشىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن ياسالغان بىر قاتار «قاتتىقلاشتۇرۇلغان» ئالاقە تۈگۈنلىرىنىڭ بىر قىسمى.


يېپىق ھالەتتىكى شەھەر ـ بازار: مېركۇرىي شەھىرى

ئامېرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدا مېركۇرىي شەھىرى دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېپىق شەھەر بار بولۇپ، قارىماققا ئادەتتىكى نوپۇسى زىچ شەھەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ يەردە خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ بىردىنبىر پەرقى شۇكى، بۇ شەھەرنىڭ سىرىت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئېيتېشلارغا ئاساسلانغاندا،  مېركۇرىي شەھىرىدە تەخمىنەن 500 ئادەم ياشايدىكەن، ئۇلار ئاساسلىقى تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر تەتقىقاتچىلار بۇ يېپىق شەھەردە ئادەمسىز ئايروپىلان، ھەربىي ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. كىشىلەر بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ رۇخسىتىسىز ھالدا مېركۇرىي شەھىرىگە كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ


داۋشى بازىسى: گۇمانلىق مەخپىي تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى

داۋشى بازىسى ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىغا جايلاشقان بىر كىچىك بازار، لېكىن قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ كىچىك بازارغا نۇرغۇن غەلىتە مەخپىيەتلىكلەر يوشۇرۇنغان. چۈنكى ئۇ يەردە غايەت زور يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، رىۋايەتلەردە نۇرغۇن ھەربىي تەجرىبىلەر ۋە ئىلغار بىيو تېخنىكىلىق تەجىربىلەر بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بازا يەتتە قەۋەت بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتىدە ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار ۋە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بار ئىكەن، ئىككىنچى قەۋىتىدە خىزمەتچى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن، ئۈچىنچى قەۋىتىدە تەجرىبىخانا بار ئىكەن، تۆتىنچى قەۋىتىدە پىسخىكىلىق كونترول قىلىش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بەشىنچى قەۋىتىدە تاشقى پىلانېت ھاياتلىقىنى شەكىللەندۈرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئالتىنچى قەۋىتىدە گېن تەجرىبىسى، يەتتىنچى قەۋىتىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش تەجرىبىسى ئىشلىنىدىكەن. ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر فىلىپ سىنايد بازا قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، ئەمما ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن بازا توغرىسىدا ئوچۇق ـ ئاشكارا خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كىيىن، ئۇ تۇيۇقسىز سىرلىق ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن.


تېخىمۇ سىرلىق بولغان 6-رايون

ئەگەر ئامېرىكىنىڭ سىرلىق بازىسى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ ئويلايدىغىنى 51-رايون بولۇشى مۇمكىن، ئەمما يەنە كىشىلەر بىلمەيدىغان بىر مەخپىي بازا بار، ئۇ بولسىمۇ ئالتىنجى رايون. ئۇ پەقەت 51 رايوندىن 19 كىلومېتىر يىراق جايدا. ئۇ نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، پەقەت بىر نەچچە ئىمارەت ۋە بىر ئاددىي ئايرودروم بار. لېكىن ھېچكىم 6ـ رايوندا زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇ ھەر خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ياساش، مەشغۇلات قىلىش ۋە سىناق قىلىشقا ئىشلىتىلىشى ھەمدە يادرو قورالى ۋە خىمىيەلىك قوراللاردىن كەلگەن يادرو رادىياتسىيەسىنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سېنزورنى سىناق قىلىشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹




pasibann
你好。欢迎
 最新文章