بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمى 13-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ يەر ۋاقتى 13-ئۆكتەبىر سەھەردە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تانكىلىرى رامىيادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋان قىسمى تۇرۇشلۇق جاينىڭ دەرۋازىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مەجبۇرىي كىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تانكىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمىنىڭ قاراۋۇلخانىسىغا كىرىشى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يارىلانغان ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمىغا ھېچقانداق خەتەر ئېلىپ كەلمىدى، دېدى.