دىققەت، بالىلاردا قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك!
يېقىندا شەنشى شىئەندىكى بىر يەسلىدە 48 بالا نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، نۆۋەتتە كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولۇپ، ئېغىر كېسەل ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل يوق. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋەقەگە چېتىشلىق يەسلىدە ئىچكى باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق، يەسلى قۇرۇش سالاھىيىتى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بايقالغان. نۆۋەتتە بۇ يەسلى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىلمەكتە.