ئامىرىكىنىڭ دۆلەت قۇشى بۈركۈت، ئۇنداقتا جۇڭگۇنىڭ چۇ؟

文摘   2024-10-25 20:19   中国  

  

زەمران

ئامىرىكىنىڭ دۆلەت قۇشى بۈركۈت، ئۇنداقتا جۇڭگۇنىڭ دۆلەت قۇشى چۇ؟

ت«دۆلەت قۇشى» بولسا بىر دۆلەتكە سىمۋول قىلىنغان قۇش، تېخىمۇ مۇھىمى مىللىي روھقا سىمۋول قىلىنغان قۇش بولۇپ، ئىنتايىن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.ئۇنداقتا، دۆلىتىمىزدىكى «دۆلەت قۇشى» قانداق قۇش؟ بۇ تېمىنى كۆرگەندە، نۇرغۇن دوستلارنىڭ تۇنجى ئىنكاسىنىڭ «سۇمۇرغ» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، بىراق، بۇ جاۋاب خاتا. «دۆلەت قۇشى» نى باھالاش توغرىسىدا ھازىر 200 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. پۈتكۈل باھالاش جەريانىدا، ھەر بىر دۆلەت تاللىغان قۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قىممەتلىك قۇشلار، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى كۆرىدىغان قۇشلار. 

ئامېرىكا 1782ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنى «ئاق باش بۈركۈت» نى ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇشى قىلغانئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت گىربىغا بۇ قۇشنى دۆلەت گىربىنىڭ سۈرىتى قىلىپ ئىشلەتكەن، بۇ قورال كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق باش بۈركۈت تىرنىقىدىكى زەيتۇن شېخىنى قوشقاندا تىنچلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.«ئاق باش بۈركۈت» ئامېرىكىدا بىر قەدەر چوڭ تىپتىكى ھايۋان بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا قىتەسىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئاق باش بۈركۈت قارىماققا ئۆزىدە بىر خىل ئالاھىدە كۈچى باردەك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزى ۋە تىرنىقىمۇ ناھايىتى ئۆتكۈر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر نەزەر بىلەن قوشۇلۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.كۆكتە پەرۋاز قىلغاندا كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلغان جەسۇر قىياپىتىنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. 

ياپونىيە بولسا «يېشىل تۇمشۇق» يەنى يېشىل. ئىبىس قۇشىنى دۆلەت قۇشى دەپ قارايدۇ.بۇ بىر خىل بەدەن شەكلى ئىنتايىن چوڭ قۇش بەدىنىدە ئىنتايىن ھەشەمەتلىك پەيلەر ئۆسكەن بولۇپ، كۆك ۋە سۆسۈن رەڭ ئارىلاشقان، يەنە تېخى بىلىنەر ـ بىلىنمەس پارقىراقلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.ياپونىيە تارىخىدا قىزىل ئىبىسنى ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇشى دەپ قارىغان، بىراق 1947ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 22ـ كۈنى بېلەت تاشلاپ تاللاش ئارقىلىق، ئاخىرىدا يەنىلا يېشىل ئىبىسنى ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇشى قىلىپ تاللىغان بولۇپ، يېشىل ئىبىس «باتۇر، گۈزەل، ئانا مېھرى» قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرگەن. ئۇنداقتا، دۆلىتىمىزدىكى «دۆلەت قۇشى» قانداق قۇش؟ 

ت2003ـ يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسى شۇنداقلا ياۋايى ھايۋانلار جەمىيىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا، دۆلىتىمىزنىڭ «دۆلەت قۇشى» نى باھالاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى  ، ئەڭ ئاخىرىدا 5 مىليوندىن ئارتۇق تورداش بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن «قىزىل قاشقا تۇرنا» 64.92% بېلەت سانىغا ئېرىشىپ,1ـ ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئېنىقلىغان. قىزىل قاشقا تۇرنا يەنە قىزىل باش تۇرنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل تارىخىدا ئىنتايىن قىممەتلىك قۇش تۈرىگە تەۋە. 

قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بايقىلىشىچە,2100 يىللار ئىلگىرىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا قىزىل قاشقا تۇرنىلار سىرلانغان ئەسۋابلارغا سىزىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن تارىختا ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسىدە قىزىل قاشقا تۇرنىلارغا مەدھىيە ئوقۇلغان.تاڭ سۇلالىسى سۇڭ سۇلالىسى ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىرلار قىزىل قاشقا تۇرىنىنى مەدھىيەلەپ نۇرغۇن شىئېرلارنى يازغان. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، قىزىل قاشقا تۇرنا بىر مەزگىل سادىق، پاك ھەم ئالىيجانابنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان، ئەدىبلەرنىڭ قەلىمى ئارىسىدا دائىم پەيدا بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدارلىق كىيىمىدىمۇ قىزىل قاشقا تۇرنىنىڭ سايىسى بار، بۇنىڭدىن بىر قىسمىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، قىزىل قاشقا تۇرنىغا نوقۇل قاراشمۇ كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ.قىزىل قاشقىلىق تۇرنىنىڭ تېنى بىر قەدەر چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پۈتكۈل قىياپىتى ئالىيجانابلىقنى ئاشكارىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، كۆرگەنلا كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.بولۇپمۇ  ماڭلىيىدىكى ئاشۇ قىزىللىق ئادەمنىڭ قەلبىنى ئەڭ مەھلىيا قىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئادەت خاراكتېرلىك قىزىل قاشقا تۇرنىنى قۇت بەلگىسى دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭغا ئادەتتە قۇت بەلگىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئەۋلىيالار رىۋايىتىدە شۇنداقلا قىزىل قاشقا تۇرنىنى «ئىلاھىي ھايۋان» دەپ بىلىدۇ.بۇنىڭدىن شۇنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قىزىل قاشقا تۇرنىنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، قىزىل قاشقا تۇرنىنى «دۆلەت قۇشى» دەپ باھالاشمۇ تەبىئىي ئەھۋال. «دۆلەت قۇشى» بىر مىللەتنىڭ جاسارىتىگە سىمۋول قىلىنغان، قىزىل قاشقا تۇرنا دۆلىتىمىزنىڭ ئوچۇق ـ ئاشكارا، ھەيۋەتلىك ئوبرازى، شۇنداقلا جۇڭگولۇقلارنىڭ گۈزەل ئىنتىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، خەيرلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ!

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹




pasibann
你好。欢迎
 最新文章