ئېلىمىز يەر شارى سىرتىدىكى ھاياتلىق ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى

文摘   2024-11-01 20:27   新疆  

«دۆلەت بوشلۇق ئىلمىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2024-يىلىدىن 2050-يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنىپ، ئېلىمىزدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئۈمىد بار بەش چوڭ ئىلىم - پەن ئاساسىي تېمىسى ۋە 17 ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1-تېما: «چەكسىز ئالەم». ئاساسلىقى ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالەمنىڭ چېكىگە يەتكەن شارائىتتىكى فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى  ئېچىپ  بېرىدۇ.

2-تېما: «ۋاقىت - بوشلۇق دولقۇنى». ئاساسلىقى ئوتتۇرا، تۆۋەن چاستوتىلىق تارتىش كۈچى دولقۇنى، ئەسلى تارتىش كۈچى دولقۇنى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تارتىش كۈچى بىلەن ۋاقىت-بوشلۇق ماھىيىتىنى تېپىپ چىقىدۇ.

3-تېما: «قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى». ئاساسلىقى يەر شارى، قۇياش ۋە قۇياش شارى قاتلىمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ مۇرەككەپ سىستېمىسى، قۇياش بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈن باغلىنىشىنىڭ فىزىكىلىق جەريانى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

4-تېما: «ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان سەييارە». ئاساسلىقى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئاسمان جىسىملىرى ۋە سىستېما سىرتىدىكى سەييارىلەرنىڭ ياشاشقا مۇۋاپىق كىلىش دەرىجىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يەر شارى سىرتىدىكى ھاياتلىق توغرىسىدا ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

5-تېما: «ئالەم بوشلۇقىدىكى شەيئىلەر». ئاساسلىقى ئالەم بوشلۇقى شارائىتىدىكى ماددىلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، كۋانت مېخانىكىسى ۋە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى قاتارلىق ئاساسىي فىزىكىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.


pasibann
你好。欢迎
 最新文章