مەكتەپتىن قايتىش يولىدا
11ياشلىق تاھىرجان مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كىتىۋاتقاندا ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت ئۆرۈلۈپ كىتىپ پۇت قىسمى ئىغىر زەخمىلىنىپ مىيىپ بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
سالام كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر،مەن تاھىرجاننىڭ ئاپىسى بۈزەيناپ بولىمەن،بىزنىڭ ئائىلىمىزدە سەككىز نوپۇس بار بۇلۇپ دىھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىناتتۇق،بالىلارنىڭ دادىسى رۇزتوختى دۆلەت سەككىز يىلدىن بىرى كىسەل سەۋەبى بىلەن ئەمگەك كۈچىدىن قالغان،پەقەت قولتۇق تايىقى بىلەنلام ماڭالايدۇ،بالىلىرىم تېخى ئوقۇش يېشىدا،باشقا كىرىم مەنبەيىمىز يوق،مەن بۇ مۇراجەتنامىنى ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقان ئوغلۇم ئۈچۈن تولىمۇ ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئوغلۇم تاھىرجان بۇ يىل 11ياش،2024-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىۋاتقىنىمىزدا تۇيۇقسىز ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت ئۆرۈلۈپ كىتىپ ئوڭ پاچىقى ئېغىر يارلىنىپ پەي-تۇمۇرلار ئۈزۈلگەن سۆڭەك سۇنغان دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ جىددى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئوپراتسىيە قىلغانىدۇق،22كۈن جەريانىدا 80مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالىتىپ بولدۇق،ئۆيىمىزدىكى مال-چارۋا،ئاشلىق قاتارلىق ساتىدىغاننى سېتىپ،قەرىز ئالىدىغاننى ئېلىپمۇ تېخى دوختۇرخانا قەرزىنى ئۈزۈپ بۇلالمىدۇق،ئالدىمىزدا يەنە ئۈچ قېتىملىق ئوپراتسىيەسى بار بولۇپ ئوپراتسىيە ھەققى يۈزمىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقىدىكەن.
تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ھادىسە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى شۇنچىلىك گاڭگىرتىپ قويدى،بىر ئادەتتىكى ئائىلىگە نىسبەتەن كىيىنكى ئوپراتسىيە ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن كېتىدىغان نۇرغۇن چىقىملار ئالدىدا بىز ھالسىراپ قالدۇق،شۇ ۋەجىدىن ئاقكۆڭۈل كۆيۈمچان خەلقىمىزگە بۇ مۇراجەتنامىنى سۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇق،11ياشلىق ئوغلۇم تاھىرجان سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىلەن داۋالىنىپ پۇتىنى ساقلاپ قالغان بولسا.شۇ سەۋەپ ئۈمۈدلۈك ھالدا ئوغلۇم ئۈچۈن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاز ئازدىن بولسىمۇ ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى يولدىشىم،بالىلىرىم شۇنداقلا پۈتۈن ئۇرۇق تۇغقانلار نامىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!
2024-يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنى يىزىلدى!
ئىئانە قۇبۇل قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى
ئىجرا قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى
دىققەت : ھەر قانداق شەخسنىڭ ئۈندىدار پۇل يىغىش كودىنى ئۆز ئالدىغا رەسىملەرگە چاپلاپ، شەخس نامىدا ئىئانە توپلىشى قانۇنغا خىلاپ، شۇڭا مۇشۇ ئۇلانمىنى تارقىتىپ قۇيۇڭ،بۇ ئۇلانما «ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى» نىڭ نازارىتىدە قانۇنلۇق چىقىرىلدى!
放学回家途中
11岁的塔依尔江放学回家时,三轮摩托车翻倒,腿部严重受伤,濒临残疾。
大家好,我是塔依尔江的妈妈布再娜普,我们家有八口人,是从事农业的,孩子们的父亲肉孜托乎提·多来提八年来因病失去了劳动力,只能用手杖走路。孩子们都在上学,家里没有其他的收入来源。我为了受病痛折磨的儿子,在很无奈的状态下写了这份求助呼吁。
我儿子塔依尔江今年11岁,2024年4月24日放学回家时,三轮电动车翻倒,右腿严重受伤,血管断裂,骨折紧急进行了三次手术,治疗费用超过8万元。家里值钱的牲畜、粮食等卖的卖出去了,四处借钱都用了,后续还有3次手术需要进行,手术和治疗费大约需要10万元。
这突如其来的事故让我们一家感到非常困惑,对于一个普通家庭来说,面对接下来的手术和医疗费用,我们已经筋疲力尽,因此向善良的爱心人士发出这个呼吁。十一岁的儿子塔依尔江在你们的帮助下保住了腿。因此,我希望以我丈夫、孩子们以及所有的亲戚的名义为我的儿子寻求广大人民的援助!
项目起始时间: 2024.05.17
该公益项目已在慈善中国注册备案,项目用途及明细可通过慈善中国官网查询 !