五米高处掉下来的阿卜杜艾则孜بەش مىتىر ئىگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتكەن ئابدۇلئەزىز

文摘   社会   2024-06-28 20:38   新疆  

بەش مىتىر ئىگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتكەن ئابدۇلئەزىز

دىھقانچىلىقنىڭ ھازىرقىدەك ئالدىراش مەزگىللىرىدە ئائىلىمىزگە بۇنىڭدەك تاساددىپىيلىق كېلىدۇ دەپ ھېچقايسىمىز ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق.يولدىشىم 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆيدە ئىش قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى تال جازىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ كەتتى.تۇيۇقسىز گۈپپىدە قىلىپ ئاڭلانغان ئاۋاز بىلەن ھويلىدىكى ھەممەيلەن داڭ قىتىپلا تۇرۇپ قالدۇق،چۈنكى يۈز-كۆزلىرى قانغا بويالغان ھوشسىز ھالەتتە يەردە ياتقىنى يولدىشىم ئابدۇلئەزىز ئىدى،بىز دەرھال ئۇنى جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن ۋىلايەتلىك خەلق دۇختۇرخانىسىغا ئىلىپ كەلدۇق،دۇختۇرلار يولدىشىمنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنكىنى كۆرۈپ دەرھال ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكىدى ھەمدە 17 كۈن جىددى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق خەتەرلىك پەيتتىن ئۆتۈپ كىتىپ بالنىست بۆلۈمىگە يۆتكەلدى. 

گەرچە ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلىرىم پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىۋاتقان بولسىمۇ،ھازىر يەنە دوختۇرخانىغا 70مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قالدۇق،لېكىن كېيىنكى يۇقىرى سوممىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى قانداق ھەل قىلىش بىزنى بىر ئائىلە كىشىلىرنى تولىمۇ گاڭگىرتىپ ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.

يولدىشىم ئابدۇلئەزىز ئەسلىدە ئارزۇ ۋە ئۈمىدكە تولغان ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن تۇرمۇش ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياش بولۇپ،خۇددى ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر دوستىمىزغا،ھەر بىر تۇغقىنىمىزغا ئوخشاش ئىدى.لېكىن،بۇ قېتىمقى يىقىلىش ئۇنىڭ دۇنياسىنى ھەش-پەش دېگۈچە ۋەيران قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ بەدىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، قەلبىمۇ قورقۇنچ ۋە ئازاب بىلەن قاپلاندى.

ھازىر كېسەل كارىۋىتىدا يېتىۋاتقان يولدىشىم ئابدۇلئەزىز غايەت زور داۋالاش خىرىسىغا دۇچ كەلدى.يۇقىرى داۋالىنىش خىراجىتى خۇددى ئېغىر تاغدەك بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يەلكىسنى باستى.

بۇ يەردە بىز جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى سەمىمىي مۇراجىئەت قىلىمىز،بىز مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇق بىلەن ئابدۇلئەزىز ئۈچۈن مۆجىزە يارىتايلى.ئۇنىڭغا تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىقىنى،ئارزۇسىنى قوغلىشىدىغان جاسارىتىنى قايتا ھېس قىلدۇرايلى! مەيلى ئاز-تولا پۇل ئىئانە قىلىش بولسۇن ياكى سەمىمىي تىلەك تىلەش بولسۇن،ھەممىسى قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭ كىسەللىك ئازابنى بالدۇرراق يېڭىپ، قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇ چوقۇم قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدۇ!

ئۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ئىللىق قولىمىزنى سۇنۇپ،ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئۈمىد نۇرىنى يورۇتۇشىمىزغا موھتاج.بەلكىم سىزنىڭ قىلغان ياردىمڭىز ئۇنىڭ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇشى مۇمكىن،بەلكىم سىزنىڭ بىر قېتىم تارقىتىشىڭىز،ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ قۇتقۇزۇش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

2024-يىلى 06-ئاينىڭ 24-كۈنى  يىزىلدى!

ئىئانە قۇبۇل قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى

ئىجرا قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى

دىققەت : ھەر قانداق شەخسنىڭ ئۈندىدار پۇل يىغىش كودىنى ئۆز ئالدىغا رەسىملەرگە چاپلاپ، شەخس نامىدا ئىئانە توپلىشى قانۇنغا خىلاپ، شۇڭا مۇشۇ ئۇلانمىنى تارقىتىپ قۇيۇڭ،بۇ ئۇلانما «ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى» نىڭ نازارىتىدە قانۇنلۇق چىقىرىلدى!

五米高处掉下来的阿卜杜艾则孜

我们谁都没有想到,在现在这个农忙时节,家里会有这样的意外。丈夫6月3日在家干活时不小心从5米高的葡萄树架上摔了下来。突然听到哗哗的声音,院子里的所有人都惊呆了,因为满脸是血,昏迷不醒的躺在地上的是我的丈夫阿卜杜艾则孜,我们赶紧叫救护车把他送到了地区人民医院,医生们看到他的疾病情况危急,他立即被转移到了重症监护室,经过17天的抢救,终于度过了危险期,被转移到了住院部。虽然亲戚朋友们都在尽力帮忙,现在我们还欠着医院7万多元的外债,但如何解决后续的高额医疗费用,让我们一家人很是困惑。我的丈夫阿卜杜艾则孜原本是个充满梦想和希望的,刚满32岁,正在为生活和家庭而努力的年轻人,就像我们身边的每一个朋友,每一个亲戚一样。但是,这次倒下让他的世界瞬间毁灭了。他的身体受到了沉重的打击,内心也充满了恐惧和痛苦。

现在躺在病床上的丈夫阿卜杜艾则孜面临着巨大的医疗挑战。高昂的医疗费像一座大山压在了我们一家人的肩上。

在此,我们向社会各界人士发出诚挚的呼吁让我们用爱和关怀为阿卜杜艾则孜创造奇迹,让他再次感受到生活的温暖,追梦的勇气!无论是点滴的捐款,还是真诚的祝福,都凝聚起强大的力量,希望他早日战胜病痛,重新站起来,迎来美好的未来。相信在大家的帮助下,他一定能度过难关,重获新生!他需要我们每一个人伸出温暖的手,让他看到生命的希望之光。也许你的帮助是他战胜病魔的关键,也许你的一次转发,会给他带来更多的救治机会!

项目起始时间: 2024.06.24

该公益项目已在慈善中国注册备案,项目用途及明细可通过慈善中国官网查询 !

和田地区生命之光慈善协会
新疆维吾尔自治区和田地区生命之光慈善协会 范围:募集善款、赈灾救助、扶贫济困、慈善救助、公益援助、组织慈善宣传、合作项目、经民政局批、对本团体单位会员的工作进行业务指导
 最新文章