باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :« خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن ئاخىر 1 - ئورۇنغا قويۇش كىرەك » .
بىر ئېغىر كېسەل بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلالايدۇ، داۋالىنىش ئۈچۈن بەزىدە نەچچە يۈز مىڭ يۈەن،ھەتتا مىليون يۈەندىن ئارتۇق يۇقىرى داۋالىنىش خىراجىتى كىتىدۇ،بۇ ئەھۋاللار كۆپۈنچە ئائىلىلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈشگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىيىن ئەھۋالدا قالغان نۇرغۇن ئائىلىلەر مۆجىزە يۈز بېرىشىنى ئويلايدۇ، ئەمما بىزنىڭ مۆجىزە يارىتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس،لېكىن بىز مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتىۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم بەرسەك بولىدۇ.
ھايات نۇرى خەيرى ساخاۋەت جەمئىيىتى «ھايات نۇرى ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم بېرىش»ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى يولغا قويۇپ،مانا مۇشۇنىڭدەك ئائىلىسىدە ئېغىر، چوڭ كېسەل سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، داۋالىنىشىغا ھەر تۈرلۈك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ،ئاغرىق ئازابىغا پېتىپ قالغان كىشىلەرگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بېرىدۇ،بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى قىش پەسلىنى ئۆتكۈزۈپ، باھاردىكى قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
جەمئىيىتىمىز تەرەققىي قىلىش جەريانىدا،گەرچە داۋالاش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىسىدىكى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقىرى داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالالماي،كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ ۋاقتىدا داۋالىنالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ مەسىلىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، «ھايات نۇرى ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم بېرىش»ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى يولغا قويدۇق،بۇنىڭدىكى مەقسەت قىيىنچىلىقى بار ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھەم ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە داۋالىنىش ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
1. تۈر ئارقا كۆرۈنىشى
ھايات نۇرى ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم بېرىش ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى خوتەن ۋىلايەتلىك ھايات نۇرى خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ياردەم تۈرى بولۇپ، ئائىلىسىدە قىينچىلىق سەۋەبىدىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشى ۋە قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشىشىگە ۋاختىدا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى نۇرغۇن كېسەللەر ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشتى. لىكىن،يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى ئالدىدا نۇرغۇن بىمارلار ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان يۈك بولۇپ قالدى.بولۇپمۇ ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار كېسەل ئازابىغا يۈزلىنىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش خىراجىتى توپلاش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاترايدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپلىگەن مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىمىزگە قاتنىشىپ، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە بىرلىكتە ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد يەتكۈزۈشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
2.تۈر ۋەقەلىكى
ۋەقەلىك 1
ئامىنە ئابدۇللا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا، يۇقىرى داۋالىنىش ھەققىنى تۆلىيەلمەيتتى، دادىسى 3 ـ دەرىجلىك مېيىپ بولۇپ،شۇ جايدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىدە ئىدى.بىزنىڭ ياردىمىمىز ۋە قوللىشىمىز ئارقىلىق،ئامىنە ئابدۇللا ئاخىرى داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن،كېسەللىك ئەھۋالى كونترول قىلىندى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ شۇنىڭ بىلەن قايتا ئۈمىدىگە ئېرىشتى.
ۋەقەلىك 2
ئابدۇللا ئابدۇغوپۇر9 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئانىسى بىر ئائىلىنىڭ بېسىمى ۋە بالىنىڭ داۋالاش خىراجىتىگە بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتى، بالا ئۈچ ياشتىن باشلاپ داۋالىنىشقا باشلىغان بولۇپ،ئۈچ يىلدىن كېيىن بالىنىڭ قۇلاق قىسمىدىكى قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ ئەھۋالى يامانلىشىپ، كىسەللىك ئەھۋالى تەرەققى قىلىپ بالىنىڭ بېشىغا قاراپ ماڭغان، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى. شۇڭا تېزدىن شاڭخەيگە بېرىپ داۋالانغاندا ئاندىن كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولاتتى. بالىنىڭ ئانىسى دېھقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۆرىسىز ئانا بولغاچقا بالىسىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۈلىيەلمىگەن.
توققۇز ياشلىق ئابدۇللا ھايات نۇرى خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىدە ۋاقتىدا داۋالاشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ،سالامەتلىكى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كىلىۋاتىدۇ،ئانىسى مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:«ئەگەر سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بولمىغان بولسا، ئوغلۇم ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان بولاتتى».
ۋەقەلىك 3
ئۇنىڭ ئىسمى بۇرابىيە،ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن بولۇپ،يۈرەك كېسىلى بار ئىدى.2009-يىلى ئاپىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ تېنى ئاجىزلاپ دادىسى بىلەن بىر-بىرىگە تايىنىپ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى.ئۇنىڭ دادىسىنىڭمۇ يۈرەك كېسىلى ۋە ئېغىر دەرىجىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار بولۇپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى يوق ئىدى.ئۇنىڭ بىر ئاچىسى بار بولۇپ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى قىلىدۇ،ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەن ئىدى،ئاچىسى ئازغىنە مائاشى بىلەن بۇ ئائىلىنى باقاتتى.دادىسى بىلەن ئاچىسى ئىقتىساد شارائىتى ياخشىلىنىپ ئازراق ئىقتساد يىغقاندىن كىيىن بۇرابىيەنىڭ كېسلنى كۆرسەتكىلى ئېلىپ بېرىشنى ئويلايتتى.لېكىن بۇرابىيەنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ دادىسى ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلىرىدىن 20مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ بۇرابىيەنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن.تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق،بۇرابىيەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى،يەنە ئىچكىرىدىكى مۇتەخەسسلەرنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى،بولمىسا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.دادىسى ئامالسىز ھايات نۇرى خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتىمىزدىن ياردەم سورىغان .
بۇرابىيە ھايات نۇرى خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىدە 2021-يىلى 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالاندى، 4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى پۈتۈن ناركوز قىلىپ، بەدەن سىرتىدا ئايلىنىش بويىچە تۆۋەنگە يۈرۈش بۆلمە ئارىلىقىدىكى كەمتۈكلۈكنى ياماش ئوپېراتسىيەسى+ئۈچ قاناتلىق كىلاپان شەكلىنى كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ICU غا يۆتكەپ كۆزىتىلدى. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەھۋالى ياخشىلىنىپ ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكەلدى،نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا كۆزىتىش ئارقىلىق،بۇرابىيە ئاخىر دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتتى. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن بۇرابىيە مۇنداق دېدى:«مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ،پۇل تېپىپ دادام ۋە ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە جاۋاب قايتۇرغۇم بار».
3.تۈرنى يولغا قويۇش لايىھەسى
ھايات نۇرى ئېغىر كېسەللەرگەياردەم بېرىش ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدە ئاساسلىقى ئىئانە ۋە ماددىي ئەشيا توپلاش ئارقىلىق،ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى داۋالاش قۇتقۇزۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئېغىر كېسىلى ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار،يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان بىمارلار، يەنى ئېغىر كېسەل بىمارلىرى،يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بۇ ئۇچۇرلاردا ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش تۈرى ئىئانە توپلاشتىن ئاساسلىق مەنپەئەتلەنگۈچىلەر توپىدىكى ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىمارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4.تۈر ئۈنىمى
تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، نۇرغۇن كىسەللەر ۋاقتىدا داۋالاندى ۋە قۇتقۇزۇۋېلىندى، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى كونترول قىلىندى، تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستى. ئىشىنىمىزكى، تېخىمۇ كۆپ مېھرىبان زاتلارنىڭ قوللىشىدا، ھايات نۇرى ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم بېرىش ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، قايتا ھاياتقا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، ھايات نۇرى ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم بېرىش ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىگە كۈچ قوشۇپ، ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد يەتكۈزەيلى! قوللىغىنىڭىزغا ۋە غەمخورلۇق قىلغىنىڭىزغا رەھمەت! ھەربىر ھاياتلىقنىڭ پارلاق نۇر چېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
5.دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇ تۈردىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ :
قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئۇرۇشۇش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىش، ئىشتا يارىلىنىش، داۋالىنىش ھادىسىسى قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان داۋالىنىش خىراجىتى.
2024-يىلى 05-ئاينىڭ 30-كۈنى يىزىلدى!
ئىئانە قۇبۇل قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى
ئىجرا قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى
دىققەت : ھەر قانداق شەخسنىڭ ئۈندىدار پۇل يىغىش كودىنى ئۆز ئالدىغا رەسىملەرگە چاپلاپ، شەخس نامىدا ئىئانە توپلىشى قانۇنغا خىلاپ، شۇڭا مۇشۇ ئۇلانمىنى تارقىتىپ قۇيۇڭ،بۇ ئۇلانما «ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى» نىڭ نازارىتىدە قانۇنلۇق چىقىرىلدى!
为大病患者点亮生命的灯塔
总书记指出:“要始终把人民群众生命安全和身体健康放在第一位”。
一个疾病压垮一个家庭,动辄几十万元甚至上百万元的高昂治疗费用,更是很多患儿家庭的噩梦。有太多陷入困境的家庭等待着奇迹,我们不可能创造奇迹,但是我们可以给等待奇迹的他们一个机会!
生命之光慈善协会开展“生命之光大病救助”公益项目,救助身患重大疾病的基层困境患者,为其家庭提供医疗帮扶及健康援助。让病痛中的他们得到些许宽慰,希望他们能够度过生命中的冬季,迎接春日阳光!
在社会发展的进程中,虽然医疗水平不断提高,但是仍有许多人因为家庭贫困或其他原因无法承担高昂的医疗费用,导致病情恶化无法及时得到治疗。为了缓解这一社会问题,我们发起了“生命之光大病救助”公益项目,旨在为那些患有大病且家庭经济困难的患者提供医疗救助和经济支持。
一、项目背景
生命之光大病救助公益项目是由和田地区生命之光慈善协会发起的一项救助计划,旨在帮助身患重病的患者获得及时治疗和救助。随着医疗技术的进步,越来越多的疾病得到了有效的治疗。然而,高昂的医疗费用仍然成为许多患者及其家庭难以承受的负担。特别是对于那些罹患大病的患者来说,他们不仅需要面对病痛的折磨,还要为筹集医疗费用而四处奔波。我们呼吁更多有爱心的人士加入到我们的行动中共同为需要帮助的人们送去一份温暖和希望。
二、项目故事
故事一 :
阿米娜·阿卜杜拉是一名患有白血病的患儿,由于家庭困难无法支付高昂的治疗费用,爸爸是三级残疾,但当地低收入家庭。经过我们的帮助和支持,阿米娜·阿卜杜拉终于接受了治疗,病情得到了控制,他的家人也因此获得了重生的希望。
故事二:
阿卜杜拉·阿卜杜胡普尔9岁,当时他的母亲承受着一个家的压力和把孩子的治疗费,孩子在三岁开始接受治疗,过了三年之后孩子的耳部的血管肿瘤病情恶化快要发展到孩子的头部,若没能及时治疗会孩子生命危险,所以尽快需要去上海医院接受治疗才能控制病情。孩子的妈妈是农民,而是一个单亲妈妈,家里没有积蓄,面对进行昂贵的治疗负担不起治疗费用。
在生命之光慈善协会帮助下他得到了及时的治疗,顺利完成了治疗,身体渐渐地恢复了健康,他母亲感激地说:“如果没有你们的帮助,我儿子可能早已离开这个世界了”。
故事三:
她叫布热比耶,年仅 19 岁,患有心脏病。自从2009年她妈妈去世以后,她跟她体弱的爸爸相依为命,过着艰辛的日子。她爸爸也患有心脏病,严重的高血压,因此劳动能力差。她有个姐姐,做保安工作,月收入仅 2000元,姐姐用微薄的工资养活着这个家庭。爸爸跟姐姐一直想经济条件好一点以后带着体弱的布热比耶去看病。但是布热比耶病情突然加重,爸爸从亲戚朋友里邻居借两万块钱,带着布热比耶前往上级医院看病。通过各项检查,被告知布热比耶病情复杂,需请内地专家做手术,不然会有生命危险。爸爸无奈之下,向生命之光慈善协会求助。
布热比耶在生命之光慈善协会帮助下于3月19日入院治疗,于4月24日在全麻,体外循环下行室间隔缺损修补术+三尖瓣成形术,手术顺利,术后转ICU观察。4月30日情况好转转普通病房,经过几天的在院观察,布热比耶终于出院回家了。出院后布热比耶说“我想当老师,教好多学生,赚钱报答爸爸还有全部帮助过我的人”
三、项目实施方案
生命之光大病救助公益项目主要通过募集爱心捐款和物资,为有需要的患者提供医疗救助和精神支持。患有严重疾病但家庭经济困难、无法承担高额医疗费用的患者 - 癌症患者 - 心脏病患者 - 肾脏疾病患者 - 罕见病患者 这些信息描述了大病救助项目募捐的主要受益人群体,包括那些因患有严重疾病而面临经济困境的患者。
四、项目效果
通过我们的努力,已经有许多患者得到了及时的治疗和救助,他们的病情得到了控制,生活质量得到了提高。我们相信,在更多爱心人士的支持下,生命之光大病救助公益项目将会取得更好的成效,帮助更多有需要的人们渡过难关,重获新生。让我们携起手来,用爱心和行动,为生命之光大病救助公益项目助力,为更多需要帮助的人们送去一份温暖和希望!感谢您的支持和关注!愿每一个生命都能绽放光芒!
五、注意事项
以下情况,不属于本项目救助范围:
因赌博、吸毒、酗酒、打架斗殴、自杀自残、工伤、医疗事故等情形发生的医疗费用。
六 、项目执行计划
工作人员接到求助后,对患者的情况进行了核实和评估,通过审核后进入救助程序,并为患者搭建筹款平台,通过调动志愿者力量和媒体,为患者做网络宣传和推广,所筹善款根据患者治疗情况用于患者治疗费用,并将及时公示项目进展,接受社会监督!
七、发起机构介绍
和田地区生命之光慈善协会(简称“本会”)是由和田地区民政局主管,于2019年8月成立,2021年12月认定为慈善组织,2024年3月取得公开募捐资格的公募慈善组织,其宗旨是遵守法律、法规和国家政策,发扬人道主义精神,弘扬中华民族传统美德,团结本会成员,依靠政府和社会各界支持,广泛募集慈善资金,大力开展社会救助,为困难群众服务,关爱青少年成长,推动社会和谐进步。
八、发票说明
感谢您的捐赠,为保障每一位捐赠人的权益,捐赠100元以上的爱心人士可以向和田地区生命之光慈善协会申请捐赠票据。票据统一为电子版,请您谅解!请将捐赠渠道、捐赠日期、捐赠金额、交易订单号、捐赠交易截图、发票抬头、联系电话、邮寄地址、邮编等信息发至本会邮箱1392363412@qq.com,确认后我们将尽快回邮。和田地区生命之光慈善协会咨询电话:0903-2023405。
项目起始时间: 2024.05.30
该公益项目已在慈善中国注册备案,项目用途及明细可通过慈善中国官网查询 !