يىراق شەھەردە ئىلاجىسىز قالغان ئانا
بىر ئانا يات بىر شەھەردە ئىلاجىسىزلىق ئىلكىدە كۆزلىرىدىن مۆلدۈردەك ياش قۇيۇلغان ھالدا 11 ياشلىق قىز نۇرىماننى يۈدۈگىنىچە ئېغىر قەدەملىرىنى ئاران سۆرەپ ماڭماقتا ئىدى.ئەسلىدە ئۇنىڭ قىزى نۇرىمان يامان سۈپەت مېڭە ئۆسمىسى گىرىپتار بولغان بولۇپ،2023-يىلدىن باشلاپ داۋالىتىش قىلىپ كەلگەن ئىدى.
نۇرىماننىڭ بېشى تۇيۇقسىز چىڭقىلىپ چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىپ ئۆزىنى تاشلىغىنىچە بارچە ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىغلاپ كېتىدۇ،بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ باقمىغان دېھقان ئاتا-ئانا ئالاقزادىلىك بىلەن قىزىنى شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىدۇ.دوختۇرخانىدىن بالىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى،ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقان ئاتا-ئانا يەنە ھۇدۇققىنىچە قىزىنى ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ تەكشۈرۈش قىلىدۇ ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە توققۇز كۈن ئەتراپىدا داۋالىتىپ،ئۇنىڭ كېسىلى كونترول قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق تىببىي ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئېلىپ چىقىدۇ.
ئەپسۇس،دوختۇرلار بۇ ئوپېراتسىيەنى ئاز پۇل بىلەن قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى،ھەمدە قەرز قىلىپ ئېلىپ چىققان تۆت مىڭ يۈئەن پۇلنىڭ ئەسلا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يېتەرلىك پۇل تەييارلاپ ئاندىن قايتا ئېلىپ چىقىپ داۋالاش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ،بىچارە قىز نۇرىماننى يۇرتىغا قايتىشنى ئېيتقان.نۇرىماننىڭ ئانىسىنىڭ ئەسلىدىنلا يۈرەك كېسىلى بولغاچقا،دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا كىسىلى قوزغىلىپ يىقىلغىنىچە ھوشىدىن كەتكەن ۋە جىددىي داۋالاش قىلىش ئارقلىق قۇتقۇزۇۋېلىنغان.ئەزەلدىن يۇرتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بىچارە ئانا قىزىنى يۈدۈپ يۈرۈپ تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن پويىز بېلىتىنىمۇ سېتىۋالالماي پويىز ۋوگزالىدا بىر كېچە سىرتتا تۈنەشكە مەجبۇر بولغان.بەختكە يارىشا ئۇنىڭ كۆزلىردىن ياش قۇيۇلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىنى بىلگەن ياخشى نىيەتلىك بىر قىزنىڭ ياردىمى بىلەن پويىز بېلىتى ئېلىپ،مىڭ تەسلىكتە يۇرتىغا قايتىپ ئۆيىدە قىزىنىڭ كىسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىشىگە قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھىچقانداق سەۋەپ قىلالمىغان.
بىچارە قىز نۇرىماننىڭ كىسەللىك ئازابىدىن قىينىلىپ يىغلىغان بىچارە ھالىتىنى كۆرگىنمىزدە ئادەمنىڭ يۈرىكى داغمال ياققاندەك ئاغرىپ كىتىدۇ،ھازىرقى ئائىلە شارائىتتىن ئىلىپ ئىيتقاندا بالىنى داۋالىتىشتىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ،شۇڭا ساخاۋەت سۆيەر ئاق كۈڭۈل كىشلىرىمىزنىڭ قۇربىنىڭ يىتىشىچە ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى،ھەمدە ياردەم يىتەرلىك بولغانغا قەدەر مۇراجەت ئۇچۇرلىرىنى كەڭ كۈلەمدە تارقىتىشىپ بىرىشىنى،شۇئارقىلىق ئىغىر كۈندە قالغان 11 ياشلىق قىز نۇرىمانغا قايتا ھاياتلىق پۇرسىتى ئاتا قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز !
2024-يىلى 06-ئاينىڭ 06-كۈنى يىزىلدى!
ئىئانە قۇبۇل قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى
ئىجرا قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى
دىققەت : ھەر قانداق شەخسنىڭ ئۈندىدار پۇل يىغىش كودىنى ئۆز ئالدىغا رەسىملەرگە چاپلاپ، شەخس نامىدا ئىئانە توپلىشى قانۇنغا خىلاپ، شۇڭا مۇشۇ ئۇلانمىنى تارقىتىپ قۇيۇڭ،بۇ ئۇلانما «ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى» نىڭ نازارىتىدە قانۇنلۇق چىقىرىلدى!
在遥远的城市里无奈的母亲
11岁的女孩努尔曼母亲,拖着沉重的步伐走着。原来,她的女儿努尔曼患有恶性脑瘤,从2023年开始接受治疗。
努尔曼的头突然胀痛得难以忍受,放声大哭没有遇到这种情况的农民父母亲惊慌失措地把女儿送到市医院检查。医生看了孩子的情况,建议转到地区医院检查治疗。听了这些话的父母又惊慌失措地把女儿转到地区医院检查,并在急诊室治疗了9天左右,病情得到控制后被转送到自治区医科大学附属医院。
很遗憾,医生们说这个手术花费不菲,而且借来的4000元根本不够。要准备足够的钱再过来接受治疗和手术。并让可怜的姑娘努尔曼回老家。努尔曼的母亲本来就有心脏病,听了医生的话就犯病晕倒了,经过紧急抢救后被救了出来。
从来没有离开过家乡的可怜的母亲背着女儿因为语言不通连火车票都买不到,不得不在火车站过夜。幸运的是,看到她泪流满面的样子知道她处境困难,在一个好心姑娘的帮助下她买了车票,好不容易回到了家乡,除了在家看着女儿病情进一步恶化之外,什么也做不了。
看到可怜的女孩努尔曼被病魔折磨得哭得可怜的样子让人心痛。现在家庭条件来说孩子的治疗无法承担,所以慈善爱心善良的人们尽力伸出援助之手,并希望大家在帮助足够的情况下,把呼吁的信息广泛转发,给处于危难时刻的11岁女孩努尔曼重新带来生命的机会!
项目起始时间: 2024.06.06
该公益项目已在慈善中国注册备案,项目用途及明细可通过慈善中国官网查询 !