不要让他失去腿 ئۇنىڭ پۇتى كىسىلىپ كەتمىسۇن

文摘   社会   2024-05-31 23:52   新疆  

ئۇنىڭ پۇتى كىسىلىپ كەتمىسۇن 

شۇ كۈندىكى بىر قېتىملىق ياغقان قار بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلىنىپ قالدى.دادام مەمەت ئىمىن 2024-يىلى2-ئاينىڭ1-كۈنى ئۆيىمىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان پارنىكقا بىرىش جەريانىدا تۇيۇقسىز قاردا تېيلىپ كىتىپ يولدا يېقىلىپ يىتىپ قاپتۇ،دادامنىڭ يىقىلىپ ۋايجانلاپ ياتقىنىنى كۆرگەن قوشنىلارنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن بىز دادامنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق،دوختۇرخانىغا كىرىپ بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى قىلغاندىن كىيىن،دادامنىڭ ئوڭ تەرەپ تىز سۆڭىكىنىڭ ئۈچ يەردىن سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى،دەرھال ئوپراتسىيە قىلىش كىرەكلىكىنى ئىيتتى،ھەمدە دادامنى مەخسۇس سۆڭەك كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ خەۋەر بىزگە خۇددى تىنىچ ئاسماندا چاقماق چاققاندەك بىلىندى.

بىز دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە مەخسۇس سۆڭەك كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ ئېلىپ باردۇق.يۆتكەپ ئالتە كۈن بولغاندا ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى،سۇنغان ئورۇننىڭ مۇرەككەپ بولىشى سەۋەپلىك دادامغا سۈنئى تىز بوغۇم ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.بىر ئاي دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا دادامنىڭ داۋالىنىش ھەققىگە يەتمىش ئىككى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كەتتى،بۇ جەرياندا نۇرغۇن قەرزگە بۇغۇلدۇق،ئائىلىدە پۇلغا يارىغۇدەك ھەممە نەرسىنى سېتىشقا توغرا كەلدى.

دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئاز كۈن ئۆتمەيلا ئوپراتسىيە قىلغان ئورۇندىن يىرىڭ ئېقىپ يەنە قايتا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىردۇق.دوختۇرلار ئوپراتسىيە قىلغان سۈنئى بۇغۇمنىڭ ماس كەلمىگەنلىكىنى،ئوپراتسىيە قىلغان تىز بوغۇمنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولماي سېسىپ كەتكەنلىكىنى،جىددى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىپ داۋالاش كىرەكلىكىنى،بولمىسا دادامنىڭ بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىيتتى،ئائىلىمىزنىڭ پۈتۈن يۈكىنى 57 ياشقا كىرىپ قالغان بىچارە دادام كۆتۈرۈپ كەلگەچكە بىزنىڭ ئىقتىسادى مەنبەرىمىز توختاپ قالدى.ئائىلىمىزدە مەندىن باشقا ئىككى ئۇكام مەكتەپتە ئوقۇيدۇ،مەن بولسام ئاددى بىر ئائىلە ئايالى،مۇقىم كىرىم مەنبەرىمىز يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە دادامنىڭ ئالدىنقى قىتىملىق داۋالاش ۋە ئوپراتسىيىسى ئۈچۈن بارلىق بىساتىمىزدىن ئايرىلدۇق،نۇرغۇن قەرزگە پاتتۇق.بۈگۈنگە كەلگەندە دوختۇرخاننىڭ يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش خىراجتى ئالدىدا ئامالسىز قالدۇق،شۇ سەۋەپتىن جەمئيىتىمىزدىكى مىھرىبان كىشىلەردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم،دادامنىڭ مېيىپ بولۇپ قالماسلىقىنى،كۆز ئالدىمىزدا بۇرۇنقىدەك مىڭىپ يۈرىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلىمەن.سىلەردىن ئۆتۈنسەم ماڭا ۋە ئائىلىمىزگە ياردەم قىلغان ئاساستا ئائىلىمىزنىڭ بىردىنبىر تۈۋرۈكى بولغان بىچارە دادامنى قۇتقۇزىۋالغان بولساڭلار !

2024-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى  يىزىلدى!

ئىئانە قۇبۇل قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى

ئىجرا قىلغۇچى ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى

دىققەت : ھەر قانداق شەخسنىڭ ئۈندىدار پۇل يىغىش كودىنى ئۆز ئالدىغا رەسىملەرگە چاپلاپ، شەخس نامىدا ئىئانە توپلىشى قانۇنغا خىلاپ، شۇڭا مۇشۇ ئۇلانمىنى تارقىتىپ قۇيۇڭ،بۇ ئۇلانما «ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى» نىڭ نازارىتىدە قانۇنلۇق چىقىرىلدى!

不要让他失去腿 

在 2024 年 2 月 1 日,一场突如其来的大雪,给我们家带来了一场噩梦。我的父亲买买提依明,在去家不远的温室途中,突然在雪地里滑倒,重重地摔倒在路上。

在邻居的通知下,我们心急如焚地将父亲送往医院。一系列检查后,发现父亲的右侧膝骨三处骨折,情况十分危急,需要马上进行手术,医生还建议将父亲转到专科医院治疗。这个消息如晴天霹雳般,让我们整个家庭都陷入了深深的痛苦和绝望之中。

我们按照医生的指示,转到了专门的骨科医院。在转移后的六天,安排了手术。由于骨折情况复杂,父亲不得不换上人工膝关节。在一个月的住院治疗中,父亲的医药费高达 72000 元左右,我们为此欠下了巨额债务,家里值钱的东西也都不得不卖掉。

然而,命运似乎并没有放过我们。出院没几天,父亲手术的部位就开始流脓,又被紧急送回了医院。医生说,之前手术所用的人工关节不合适,手术的膝关节因为血液循环不良而腐烂,必须马上送往上级医院治疗,否则父亲可能会永久残疾,失去一条腿。

我们家的全部负担都落在了 57 岁的可怜父亲身上,而我们家除了我,还有两个正在上学的弟弟,我自己也只是一个普通的家庭妇女,没有固定的收入来源。经过上次的治疗和手术,我们已经失去了所有的家产,还欠下了巨额债务。

如今,面对医院高额的医疗费用,我们真的无能为力。我可怜的父亲,他是我们家的顶梁柱,却遭受了如此多的磨难。我无法眼睁睁地看着他变成残疾人,无法想象我们的生活没有了他的支撑会变成什么样。

在这里,我诚恳地向社会上有爱心的人们求助,希望大家能伸出援手,帮帮我们这个可怜的家庭。我恳求大家,在帮助我和我们家的基础上,救救我们家唯一的支柱,我那可怜的父亲吧!

和田地区生命之光慈善协会
新疆维吾尔自治区和田地区生命之光慈善协会 范围:募集善款、赈灾救助、扶贫济困、慈善救助、公益援助、组织慈善宣传、合作项目、经民政局批、对本团体单位会员的工作进行业务指导
 最新文章