نۇرمەمەتنىڭ ھاياتى خەۋپ ئۈستىدە 努尔麦麦提生命垂危中

文摘   社会   2024-07-31 18:44   新疆  

مېنىڭ ئىسمىم نۇرمەمەت مەتتوختى، شىنجاڭ گۇما ناھىيەسى پىشنا يېزىسى ئاياغ ئازغان كەنتىدىن. بۇ يىل40 ياشقا كىردىم،ئەسلى بۇ يېشىمدا مەسئۇلىيەت بىلەن ئارزۇغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش باسقۇچىدا ئىدىم. لېكىن بەختكە قارشى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. بۇ خەۋەر خۇددى چاقماق چاققاندەك مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تىنچ ھەم بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى  كۆزنى  يۇمۇپ-ئاچقۇچە بۇزۇپ تاشلىدى. بۈگۈن مەن چەكسىز ئېغىر ھەم ئۈمىدكە تولغان ھالدا بۇ مۇراجەتنى يازدىم، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاشۇ قايغۇلۇق كۈننىڭ باشلىنىشى ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىمدە، 2023-يىلى9-ئايدا مەن تۇيۇقسىز ساقسىز بولۇپ قېلىپ مەھەللىمىزدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتۈم. لېكىن دوختۇرلار ماڭا يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش تەكلىپىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم ئىككىمىز 2023-يىلى 12-ئايدا ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتۇق. دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، كېسەللىك ئەھۋالىم بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى، 2024-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىغا يۆتكەلدىم. نۇرغۇن قېتىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا دوختۇر مېنىڭ كېسىلىمنى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويدى. ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغاندىن بۇيان، مەن ئىزچىل كېسەل بىلەن قەيسەرلىك ھالدا كۈرەش قىلىۋاتىمەن. كۆپلىگەن تەكشۈرۈش، داۋالاش مېنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچىتىۋەتتى، لېكىن ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم. چۈنكى مەن ھاياتنىڭ شۇنچە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت كىچىككىنە ئۈمىد بولسىلا، ئۇنى چىڭ تۇتۇشۇم كېرەكلىكىنى ئويلايمەن.

يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى ئائىلەمنى ئېغىر كۈنگە دۇچار قىلدى. كېسىلىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەر بارلىق يىغقان، قەرز قىلغان پۇلىنى خەجلەپ بولدى، يەنە ناھايىتى كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ قالدۇق. لېكىن كېيىنكى داۋالاشقا يەنە نۇرغۇن پۇل كېتىدىكەن، ھەر قېتىملىق خىمىيەلىك داۋالاش، ھەر بىر بوتۇلكا دورا، ھەر بىر ئوپېراتسىيەنىڭ ھەممىسى خۇددى ئېغىر تاغقا ئوخشاش بىزنى بېسىپ نەپەس ئالدۇرمايۋاتىدۇ. كېسەل ئالدىدا، مەن ئىنتايىن قورقۇنچ ھېس قىلىۋاتىمەن، كىشىلەر ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت بارلىقىغا ئىشىنىمەن، مەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم سورايمەن، كۆپچىلىكنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى، ماڭا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزنىڭ ھەربىر مېھىر-مۇھەببىتىڭىز، ھەربىر قېتىملىق  ياردىمىڭىز مېنىڭ كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمدىكى ئۈمىد نۇرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىر ئېغىز ئىلھام سۆزى  بولسىمۇ مەن ئۈچۈن غايەت زور مەدەت ۋە ئىللىقلىق ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى سورايمەن، سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىزنى پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز. بارلىق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بەخت تىلەيمەن! 

ئۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ئىللىق قولىمىزنى سۇنۇپ،ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئۈمىد نۇرىنى يورۇتۇشىمىزغا موھتاج.بەلكىم سىزنىڭ قىلغان ياردىمڭىز ئۇنىڭ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇشى مۇمكىن،بەلكىم سىزنىڭ بىر قېتىم تارقىتىشىڭىز،ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ قۇتقۇزۇش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

2024-يىلى 07-ئاينىڭ 19-كۈنى  يىزىلدى!

مەسئۇل ئورۇن : ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى

دىققەت : ھەر قانداق شەخسنىڭ ئۈندىدار پۇل يىغىش كودىنى ئۆز ئالدىغا رەسىملەرگە چاپلاپ، شەخس نامىدا ئىئانە توپلىشى قانۇنغا خىلاپ، شۇڭا مۇشۇ ئۇلانمىنى تارقىتىپ قۇيۇڭ،بۇ ئۇلانما «ھايات نۇرى خەير-ساخاۋەت جەمئىيتى» نىڭ نازارىتىدە قانۇنلۇق چىقىرىلدى!

我叫努尔麦麦提·麦提托合提,来自新疆皮山县皮西那乡阿亚格阿孜干村。今年40岁,原本正处于人生中责任与梦想并重的阶段,却不幸被诊断出患有恶性肿瘤。这个消息犹如一道晴天霹雳,瞬间打破了我和家人平静而幸福的生活。今天我怀着无比沉重又充满希望写下了这篇求助信,希望能得到大家的帮助和支持。那个悲伤日子的开始我现在依然记忆犹新,2023年9月,我突发身体不适,去本地医院检查。医生建议我去上级医院检查。于是我和妻子2023年12月去和田市医院检查。医生让我住院治疗。住院期间我的病情越来越严重,2024年1月转到自治区医院。经过大量的检查,最后医生确诊我的病是恶性肿瘤。自从确诊以来,我一直在与病魔顽强抗争。无数次的检查、治疗,让我身心俱疲,但我从未想过放弃。因为我深知,生命如此宝贵,只要有一丝希望,我都要紧紧抓住。

 然而,高昂的医疗费用让我的家庭不堪重负。为了给我治病,家里已经花光了所有的积蓄,还欠下了巨额债务。但后续的治疗仍需要大量的资金,每一次的化疗、每一瓶药物、每一项手术,都像是一座沉重的大山,压得我们喘不过气来。面对病魔,我感到无助和恐惧,但我相信人间有爱。我真诚地向社会各界发出求助,希望大家能伸出援手,帮帮我。您的每一份爱心,每一次捐助,都可能成为我战胜病魔的希望之光。哪怕一句鼓励的话,对我来说都是莫大的支持和温暖。最后,恳请大家伸出援手、帮助我,你们的好意,我们全家都会永远惦记。

项目起始时间: 2024.07.19

该公益项目已在慈善中国注册备案,项目用途及明细可通过慈善中国官网查询 !

和田地区生命之光慈善协会
新疆维吾尔自治区和田地区生命之光慈善协会 范围:募集善款、赈灾救助、扶贫济困、慈善救助、公益援助、组织慈善宣传、合作项目、经民政局批、对本团体单位会员的工作进行业务指导
 最新文章